«ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» گۇرۇپپىسى قۇرۇش ھەققىدىكى خام-خىيالىم…
-
سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى
باھا:35 دانە
13-09-2013
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، سەرگەردان ئوقۇش ھاياتىم باشلانغاندىن بىرى تۇرمۇش ۋە ئوقۇش تىرىكچىلىكىدە بلوگىمنى يېڭىلاپ بولالمىدىم، شۇنداقتىمۇ بلوگنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشىمنى تاشلاپ قويغىنىم يوق. مۇشۇ ئويلىنىشلىرىم ئىچىدە مۇھىمراق ئورۇن تۇتقىنى «ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» دېگەن خەتلىك فىلىم گۇرۇپپىسى قۇرۇش خىيالى بولدى. قىزىقىدىغانلار كىرىپ مېنىڭ بۇ خام-خىيالىمنى ئاڭلاپ باققايسىزلەر…
1. بلوگنىڭ خاراكتىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش
مەزكۇر گۇرۇپپىنى تەشكىللەشدىن بۇرۇن، ئەڭ ئالدى بىلەن بلوگنىڭ خاراكتىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىمىز، يەنى مەزكۇر بلوگنىڭ خاراكتىرىنى ئۇنىۋېرساللىقتىن كەسپىيلەشكەن(توغرىسى خاسلاشقان) بلوگ قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىمىز، بلوگنىڭ تېمىسىمۇ «ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» بولىدۇ، يەنى مەزكۇر بلوگ بۇنىڭدىن كىيىن خەتلىك فىلىم ئەسەرلىرىنى يوللايدىغان بلوگ بولۇپ ئۆزگىرىدۇ.
2. بلوگنىڭ ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىش
ھازىرقى بلوگنىڭ ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قويۇپ ئۆزۈمنىڭ شەخسىي بلوگى ئۈچۈن ئىشلىتىمەن(شەخسىي بلوگدا نېمە يازىدىغانلىقىمنى كېيىن بىلىپ قالىسىلەر)، ھەمدە مەزكۇر ئۇسلۇبنىڭ رەڭگى ۋە قۇرۇلمىسىنى ئاساس قىلغان ئاساستا فىلىم بېكىتىگە ماس كېلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سادىق ۋوردپرېس سېستىمىسىنى ئاساسىدا بلوگ شەكلىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا فىلىم قويۇش، چۈشۈرۈش، فىلىم ئىزاھاتلىرى، تەرجىمان ئىزاھاتلىرى، تۆھپىكارلار قاتارى، ئىنكاس-باھا يوللاش، تەرجىمانلىققا قاتنىشىش، ئۆزى تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەرنى يوللاش، تۈر يۈزىدە كوررېكتورلۇق قىلىش قاتارلىق بۆلەك-ئىقتىدارلار ھازىرلىنىدۇ.
3. تەرجىمە گۇرۇپپىسى قۇرۇش
«ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» يۈرۈشلۈك فىلىملىرىنى رويادقا چىقىرىش ئۈچۈن بىر تەرجىمە گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ چىقىلىدۇ، گۇرۇپپا ئىچىدە پىلانلىغۇچى، پروگراممېر، تېخنىك، تەرجىمان، كوررېكتور، ئىشتىن سىرىتقى تەرجىمان قاتارلىقلار بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا خۇددىي شاھبلوگ تورىدىكىدەك ھەۋەسكار تەرجىمان، پىدائىي تەرجىمان…قاتارلىق ئىشتىن سىرىتقى تەرجىمانلارنىڭ ئەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، تورغا يوللىنىدۇ.
4. خەتلىك فىلىملەرنىڭ تۈرى ۋە تارقىتىلىشى
«ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» نامىدا ئىشلەنگەن خەتلىك فىلىملەرنى تۈرلىرى تەد پاراڭلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا باشقا مۇھىم نوتۇقلار، ناخشا، كىنو، تېلىۋېزىيە پروگراممىلىرى، تەشۋىقات فىلىملەر ۋە مەنىلىك باشقا فىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆز ئەھۋالىمىزغا قارىتا ياكى ئۆزىمىزنىڭ مۇلازىمىتىرىگە يوللىنىپ ئۆزىمىزنىڭ بېكىتىدە قۇيۇش ۋە چۈشۈرۈشكە ۋە ياكى باشقا فىلىم ھەمبەھىرلەش بېكىتىگە يوللاپ چۈشۈرۈشكە تەمىنلەيمىز. يەنى، بىزدە ئىشلەنگەن بارلىق خەتلىك فىلىملەر ھەقسىز كۆرۈشكە ۋە چۈشۈرۈلۈشكە تەمىنلىنىدۇ، ۋاقىت ئوقى ياكى تەرجىمە تېكىسىتلەر تەرجىمانلارنىڭ ئىختىيارىغا ئاساسەن چۈشۈرۈشكە ۋە پايدىلىنىشقا تەمىنلىنىدۇ.
5. تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ تەرەققىياتى
تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ چىقىمى، يەنى بوشلۇق ۋە تور نام چىقىمىنى مەن كۆتۈرىمەن ياكى تەرجىمە گۇرۇپپىمىز بىرلىكتە ئۆز ئۈستىمىزگە ئالىمىز، ۋە ياكى ھەقلىق مۇلازىمەت، ئىئانە، ئېلان كىرىمى قاتارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ چىقىمىنى قامدايمىز.
بۇ ئويغا كەپ قېلىشىمدىكى ئاساسلىق سەۋەب تەد پاراڭلىرى(www.Ted.com) بولدى، ئۆزەڭلا كۆرۈپ بېقىڭلا…
شۇنداق قىلىپ كەمىنەنىڭ ساددا خىيالى مۇشۇنداق ئاخىرلاشتى، ماڭا ئەگىشىپ بۇ تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىشنى ياكى تەشكىللەشنى خالايدىغانلار كۆپرەك چىقسا بەلكىم بۇ خىيال خىيال پېتىلا قالماي رېئاللىققا ئايلىنىشى مۇمكىن. مېنىڭ مەقسىدىم تىل بىلىش ۋە بىر ئاز تېخنىكا بىلىشدىن ئىبارەت ئەۋزەللىكىمىزدىن پايدىلىنىپ، تىلىمىزدىن پايدىلىنىپ ئازراق بولسىمۇ مەنىلىك ئىش قىلىش. سىزچە قانداق؟…