WordPress نىڭ 3.5.1 نەشىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى نەشىرىدە ئاپتوماتىك قوشۇلىدىغان JS كىرگۈزگۈچ ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ خەت نۇسخىسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئېلىۋېتىلگەن بولۇپ، WordPress نى بۇ يېڭى نەشىرگە كۆتۈرگەندە گەرچە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى نورمال بولسىمۇ، بىراق باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ خەت نۇسخىسى نورمال ئۇيغۇرچە كۆرۈنمەيدۇ. ناۋادا WordPress 3.5.1 نى يېڭىدىن قاچىلىساق، ئۇنداقتا فونت ۋە كىرگۈزگۈچ ھەر ئىككىسى چىقىرىپ تاشلانغان. گەرچە بۇ يىراقنى كۆزلىگەندە ئاقىلانە تاللاش بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ھالىتى ۋە باشقۇرۇش سۇپىسىنى نورمال ئۇيغۇرچە ئىشلەتكۈسى بار تورداشلار ئۈچۈن ھېچقانداق تاللاش يولى قويۇلمىغان. مەزكۇر قىستۇرما شۇ ئېھتىياج تۈپەيلى ياسالغان بولۇپ، ئېھتىياجى بار تورداشلار چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
1,276 گىرادۇس
ئۇيغۇرچە بلوگ ۋە بېكەتلەردە SEO ئوينايدىغانلار ئازراق بولسا كېرەك، شۇنداقتىمۇ يوق بولمىسا كېرەك، خۇددى ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدە SEOغا ئائىت ھېچنېمە يوق بولغىنىدەك، خۇددى يولداش پرېستان ئەينى چاغدا بلوگىمىز فىلىم قانىلىنىڭ SEO قىسمىنى ئالامەت ئاقسا ئىشلىگەندەكچۇ. SEOنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى بلوگ ياكى تور بېكىتىمىز ئۇچۇرىنى ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ ئۆمۈچۈكلىرى تەرىپىدىن كۆپرەك «تورغا ئىلىۋېلىش» بولغاچقا، بلوگىمىز ۋە تور بېكىتىمىزنى ئىزدەش ماتورلىرىدىكى ئىزدەش نەتىجىسىگە پايدىسى خېلى كۆپ، بۈگۈنكى يازمىمىزدا مۇشۇنداقراق ئىشلارغا ئەسقاتىدىغان مۇھىم قىستۇرما Google XML Sitemapsنى تونۇشتۇرۇپ قۇياي…
1,674 گىرادۇس
ئېسىمدە قېلىشىچە، ئالما مەھسۇلاتلىرى ئۇچۇرلىرى، ھەر خىل ئەپ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئانچە-مۇنچە ئايفون ۋە فوتوگراپچىلىق تېخنىكىسى بىلەن ھەپىلىشىدىغان پاسىبان ئاغامنىڭ بلوگىنى ئايفوندا زىيارەت قىلسا شۇنداق پەچچەت چىقاتتى، ئىچىم قىزىغانتى دېسە. ئەمدى بىلسەم، بۇنىمۇ قىستۇرما ئارقىلىق جايلايدىكەنمىز. خوش، بىر قانچە سائەت ئىزدىنىشىم ئاستىدا ئەقلىيفونلاردا بلوگنى رەتلەپ چىقىرىپ بېرىدىغان قىستۇرما WPtouchنىڭ كۆرۈنمە يۆزىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم، ماڭا ئىشىنىڭكى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى!…
4,836 گىرادۇس
بىلگىنىمىزدەك، WordPressنىڭ 3.0 نەشىرىدىن كېيىن، مەزكۇر سېستىمىغا «بەلگىلىگەن تىزىملىك ئىقتىدارى» قوشۇلغان بولۇپ، WordPressنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرىدە قىسقارتىپ «تىزىملىك»( ئارقا سۇپىنىڭ كۆرۈنۈش قاتارىدا بۇ سۆزنى ئۇچرىتالايسىز)دەپ ئېلىنغان. مەزكۇر ئىقتىداردا بىز ئۆزىمىز خالىغان ئادرىسلاردىن بىر تىزىملىك ياساپ، بلوگنىڭ ئەنئەنىۋى باشلامچى تىزىملىكنىڭ ئورنىغا دەسسىتەلەيمىز. ۋەھالەنكى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا بىر قىسىم ئۇسلۇبلاردا بۇ ئىقتىدارنى قوللىمايدىغانلىقى مەلۇم. بۈگۈنكى يازمىمىزدا بىز «Wordpress ئۇسلۇبىغا ئۆزى بەلگىلىگەن تىزىملىك ئىقتىدارىنى قوشۇش»نىڭ تەدبىرى ئۆگۈنۈپ ئۆتىمىز!…
704 گىرادۇس
ھۆرمەتلىك ئەزىزلەر، تۇرايىمىز بىر ئايلىق ئاپەتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ھازىر قايتا قۇرۇش خىزمىتىگە جىددىي ئاتلاندى ھەمدە بارلىق كۈچلەر سەپەرۋەرلىككە سېلىنىپ، يازما يوللاش تىزلىكى شىددەت بىلەن ئاشتى، بۈگۈن، ھەرقايسى ئەزىزلەرگە ناھايىتى كاتتا ئۈنۈملۈك بولغان بىر قىستۇرما، يەنى، يازمىسىدا كۆپرەك رەسىم ئىشلىتىپ سالىدىغان بلوگگېرلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى رەسىم كۆرۈش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىدىغان قىستۇرما «slimbox»بىلەن جىددىي تونۇشۇپ ئۆتكۈسىمىز، دىققىتىڭىزلار يازما داۋامىدا بولسۇن!…
1,788 گىرادۇس