«جۇمھۇرىيەت بايرىمى پارىتىنىڭ مانىۋىرىدىن بىر شىڭگىل» ناملىق يازمىدا ئېيتىلغاندەك 29-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيەت بايرىمى ئىدى ھەمدە بۇ كۈننى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن ئاقساراي تەرەپتە پارات بولدى، كەمىنە بۇ پاراتقا كېچىكىپ قالغان بولساممۇ شۇنداقلا رەسىمگە تارتىش تېخنىكام چەكلىك بولسىمۇ بىر قانچە رەسىمنى ھۇزۇرۇڭلارغا ئەكەلدىم. مەقسەت: شۇ كۈندىكى بىر قىسىم ئەسلىمىلەرنى سۈرەت ئارقىلىق سىلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىش…
3,410 گىرادۇس
ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ئىستانبۇلغا كېلىپ قېلىشىمنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. گەرچە، ئىستانبۇلغا كېلىش ۋە ئىستانبۇلدا ياشاشنى ئارزۇ قىلغىلى سەككىز يىل بولۇپ قالاي دېگەن بولسىمۇ، ئىستانبۇل دېگەندە ماڭا گۈزەل بىر چۈش، تاتلىق بىر خىيال، چەكسىز بىر ئۈمىد بەخىش ئىتىلەتتى، نېھايەت، پىشانەم ئوڭمۇ ياكى تەلىيىم ياخشىمۇ مانا شۇ تاپتا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتىمەن، گەرچە ئىستانبۇلغا نىسبەتەن مەن بىر بىر ناتونۇش بولساممۇ، ئاپاراتىم ئارقىلىق ئىستانبۇلغا يېقىنلىشىشقا ۋە ئىستانبۇلنىڭ تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە تېرىشتىم…
5,181 گىرادۇس
بەلكىم بىلمەسلىكىڭلار مۇمكىن، بىگىڭلار ئۇيغۇربەگنىڭ ئاجايىب بىر ھەۋىسى بار، ئۇ بولسىمۇ رەسىمگە چۈشۈش ۋە رەسىمگە تارتىش، ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىن مېنىڭ بۇ ھەۋىسىم تېخىمۇ كۈچىيىپ مېنى سەۋدا قىلدى، مۇساپىرچىلىق مۇھىتتا رەسىمگە تارتىش مېنىڭ دەرسدىن سىرتقى ئاساسلىق پائالىيىتىمگە ئايلاندى، گەرچە تارتقان نەرسىلىرىم كەسىپ ئىگىلىرى ئالدىدا ھېچنېمە بولمىسىمۇ تارتقان بىر قانچە رەسىملىرىمنى «ئىستانبۇلنىڭ ھېكايەسى» دەپ چوڭ بىر قالپاق كەيدۈرۈپ سىلەرگە سۇنۇش ئالدىدا تۇرماقتىمەن، يازمىغا كىرىشدىن بۇرۇن ئاياق، چالما كېسەك، پالاق تۇخۇملارنى ئېتىشقا تەييارلاپ تۇرغايسىزلەر…
3,366 گىرادۇس
ئەسلى بۈگۈنكى پىلانىمدا، بىر بولسا ياتاقدىن چىقماسلىق، بىر بولسا كۈتۈپخانىدىن چىقماسلىقنى قارار قىلغان ئىدىم. ئەمما نېمىشقىكىن، ئىچىم سىقىلىپ، كەيپىياتىم ئوساللىشىپ كېتىپ باراتتى. مەكتەپداشلىرىم ماڭا سىز نېمىشقا بۇرۇنقىدەك تېتىك ئەمەس دەپ قۇياتتى، ھەتتا فاكۇلتېتىتدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم ماڭا بۇرۇنقىدىن جىمغۇرلىشىپ قالغانلىقىمنى ئېيتىپ، ئارام ئېلىشىمنىڭ لازىملىقىنى ئېيتىشتى. ئۆزۈممۇ ئۇزاق مەزگىللىك بلوگ بېسىمى بىلەن ئالدىمىزدىكى كەسپىي ئىمتىھاننىڭ بېسىمى تۈپەيلى كېلىپ چىققان جىددىيچىلىكىمنى ھىس قىلىپ تۇراتتىم، چارچاپ كەتكەنلىكىمنى تۇيۇپ تۇراتتىم. سىرىتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېرەي دەپ ئويلايتىميۇ، كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىغا كەلسەم ھەممىنى ئۇنتۇپ، يەنە شۇ بلوگ ۋە تور دۇنياسىدىكى مەۋھۇم خۇشاللىقلار بىلەن بەنىت بولاتتىم. شۇنداق قىلىپ، بۈگۈنكى پىلانىمدا بىر بولسا ياتاقدىن چىقماسلىق، بىر بولسا كۈتۈپخانىدىن چىقماسلىقنى ئويلىغان ئىدىم…
5,489 گىرادۇس
مەكتىپىمىزدىن تەخمىنەن ئىككى سائەتلىك ئۇزاقلىقتا دامىيشا(大梅沙) دەپ ئاتىلىدىغان بىر ساياھەت رايونى بار بولۇپ، بۇ يەر بىز تۇرۇۋاتقان جايدىكى مۇھىم ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرى. ئادەتتە، دېڭىز كۆرگىسى كەلگەن ھەرقايسى تونۇشلارنى ئۇدۇللا مۇشۇ يەرگە ئەپكېلىدىغان گەپ، ئەينى چاغ بىز مەكتەپكە دەسلەپ كەلگەن چاغدىمۇ، بىزنى كۈتۈۋالغان يۇقىرى يىللىقتىكىلەر ھەم بىزنى مۇشۇ جايغا ئاپىرىپ ئويناتقان ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ چاغدىكى ھىسسىيات بىلەن ھازىرقى ھىسسىيات ئوخشىمايدۇ-دە. ئۇ ۋاقىتتا بىكارغا چىققان، بۇ قېتىم بىر مۇنچە چىقىمغا چىقتۇق…
4,742 گىرادۇس