[ فوتو ئەسەرلىرىم ] ئىستانبۇلنىڭ تۇيغۇلىرى
-
سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى، ساياھەتنامە
باھا:32 دانە
12-10-2013
ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ئىستانبۇلغا كېلىپ قېلىشىمنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم. گەرچە، ئىستانبۇلغا كېلىش ۋە ئىستانبۇلدا ياشاشنى ئارزۇ قىلغىلى سەككىز يىل بولۇپ قالاي دېگەن بولسىمۇ، ئىستانبۇل دېگەندە ماڭا گۈزەل بىر چۈش، تاتلىق بىر خىيال، چەكسىز بىر ئۈمىد بەخىش ئىتىلەتتى، نېھايەت، پىشانەم ئوڭمۇ ياكى تەلىيىم ياخشىمۇ مانا شۇ تاپتا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتىمەن، گەرچە ئىستانبۇلغا نىسبەتەن مەن بىر بىر ناتونۇش بولساممۇ، ئاپاراتىم ئارقىلىق ئىستانبۇلغا يېقىنلىشىشقا ۋە ئىستانبۇلنىڭ تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەشكە تېرىشتىم…
ساياھەتچى ۋە مىلىچمالچى ئاتا ۋە بالا
شاھزادە جامەسى قۇببىلىرى
مارمارا دېڭىزى بۇيىدا… ئەمىنئۆنۈ يېڭى مەسچىتى ئىچىدە
ئۇپۇقتا
ئەمىنئۆمۈ پورتى
كەچكى شەپەق
تىرامۋاي ئىستانسىدا