مەكتەپداش ئىنىم ئاتەشقاراھاجىمنىڭ يەنە بىر ئىجادىيىتى – كېچەلەرى

Kchelery_副本_副本

بىر زامانلاردا ئۇيغۇربەگنىڭ مەرھۇم  كەپىسىدە «گۈزەلىم» دېگەن ناخشىسى بىلەن داڭقى چىقىپ كەتكەن مەكتەپداش ئىنىم ئۆمەرجان ئاتەش مۇشۇ قىشلىق تەتىلدە ئۆزىنىڭ كونا بىر ئىجادىيىتى بولمىش «كېچەلەرى»گە ئاتايىن MV ئىشلەپ چىقىپ مەكتەپدىكىلەرنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويدى، MVنىڭ سەۋىيىسى يامان ئەمەس، ھەممىدىن مۇھىمى ناخشىسى يامان ئەمەس بولغاچقا، بۇ يېڭى تۇرادا بۇ مەكتەپدىشىمنىڭ داڭقىنى يەنە بىر چىقىراي دەپ بۇ تېمىنى يوللاۋاتىمەن، ئاياقلىرىڭلارنى قولۇڭلارغا ئېلىپ قويغاچ كۆرۈپ باقامسىلەر؟

 

بۇ ناخشىنىڭ تېكىسىتى مۇنداقكەن

ئۇنتالمايمەن ئۆزۈڭنى،

ئۇنتالمايمەن شۇ ئاخشامنى.

جىمجىت كىچە،ئايدىڭ كوچا،

قالدى دىللاردا ئۆچمەس ئىزلار.

بەخىت قۇشۇم كەتكەندە،

دەتلەر كەلدى بىشىمگە.

كىچەلەرى،كىچەلەرى،

ئۇيقا يوقتۇ شۇ كىچەلەرى.

خوش دىمەستىن كىتىپلا،

كەلمەس بولدۇڭ يىنىمغا.

ئەسلەپ سىنى،ئىزدەپ سىنى،

تەنھا يۈردۈم شۇ كىچەلەرى.



无觅相关文章插件,快速提升流量

ئۇيغۇربەگ:
كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ،بەكرەك يېقىنلار بولسا «قازاقبەگ»،«خەنسوبەگ»دەپمۇ چاقىرىشىدۇ،كەمىنە ۋوردپرېسكە ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن. قىسقىچە تەرجىماھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ،ئۇنىڭدىن باشقا مەن مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى
2,680 گىرادۇس 47


47 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • تەشنايى | 00:20 | 2013.05.26 جاۋاب

    گۈلدەستىلەرنى ئاياق ئورنىدا سۇنىۋەتتۇق ئەمىسە! ئۆمەرجانغا تېخىمۇ كۆپ ئىجادىيەت ئىلھامى تىلەيىتمىز!

    • ئۇيغۇربەگ | 01:45 | 2013.05.28 جاۋاب

      سىلىدەك ساۋاقداشلىرىنى تونۇيالماي مەندىن كۈندە سورايدۇ بۇ ئۆمەرجان ئاتەشقاراجىم…

  • تورجان | 05:44 | 2013.05.26 جاۋاب

    يېقىملىق ناخشىكەن ، mp3 نۇسخىسى بامىدۇ ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 01:45 | 2013.05.28 جاۋاب

      مەن ئاپتور بىلەن كۆرۈشۈپ يوللاپ قوياي.

  • بەگزادە | 07:24 | 2013.05.26 جاۋاب

    بۇ بالا گۇما ناھىيىسىدىنمۇ؟ مەن ئەجەپ بىلمەيدىكەنمەن، قىززىق….

    • ئۇيغۇربەگ | 01:45 | 2013.05.28 جاۋاب

      ئىشقىلىپ خوتەن ناھىيىسى شىنجاڭ دېگەن يېرىدىنغۇ.

  • بەگزادە | 07:26 | 2013.05.26 جاۋاب

    ھەراست ئۇيغۇربەگ سىز قايسى كۈنى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىسىمىتىڭىز پا پا دىگەن نەرسىدە ئىزدىسەم 100 مىتىر دەيدۇ، تاس قالدىم ئۇچۇپ كەتكىلى.تۆۋە دەپ سالدىم، شىنجىن نى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئىچىگە يۆتكەپ ئەكىلۋالمىغاندۇ دەپ…….. :lol:

    • پرېستان | 17:00 | 2013.05.27 جاۋاب

      نەدە قىزلار بولسا ئۇيغۇربەگ شۇيەردە.

      • بەگزادە | 21:44 | 2013.05.27 جاۋاب

        مەنمۇ شۇنداقمىكىن دىگەنتىم، ئۇيغۇربەگدىن باشقىلىرى قىز بالا ئىكەنتۇق…

      • ئۇيغۇربەگ | 01:52 | 2013.05.28 جاۋاب

        ئۇيغۇربەگ نەدە بولسا پرېستانمۇ شۇ يەدە…

        • بەگزادە | 10:03 | 2013.05.29 جاۋاب

          قارىغاندا ئۇيغۇربەگنىڭ كەلگۈسىدىكى ئايالى بىزنىڭ مەكتەپتەپتە ئوخشىمامدۇ.بۇنىمۇ ۋوردپرېسس ئويناپ كەلتۈرۋالغانمۇ ياكى….

          • ئۇيغۇربەگ | 04:32 | 2013.05.30

            ياقەي….ئۇ ئامېرىكىستاندا ئىدىغۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 01:47 | 2013.05.28 جاۋاب

      مەن شېنجىن ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئىدىمغۇ؟ لېكىنغۇ مەكتىپىمىزدە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ تارماق مەكتىپى» دېسىڭىزمۇ، ئۇيغۇر باللا بەك كۆپ.

  • ھاجى | 14:58 | 2013.05.26 جاۋاب

    يامان ئەمەس چىقىپتىغۇ؟! ناخشىچىلاردىن قېلىشمىغۇدەكلا چىقىپتۇ. :!:

    • ئۇيغۇربەگ | 01:48 | 2013.05.28 جاۋاب

      بۇ بالا كۆپكە قادىر بالا…

  • دىلبىر | 05:20 | 2013.05.27 جاۋاب

    ئەڭ ئاخىرى قىززىق چىقىپتۇ. ئىشتىن سىرتقى ناخشىچى بولغان بىلەن خېللا ياخشى ئېيتىپتۇ جۇمۇ!

    • ئۇيغۇربەگ | 01:51 | 2013.05.28 جاۋاب

      بۇ بالىنى ئەسلى ئىشتىن سىرىت ئوقۇۋاتىدۇ دېسەك بولىدۇ جۇمۇ.

  • بىلىكئال | 11:38 | 2013.05.27 جاۋاب

    يامان ئەمەس ئىتىپتۇ ئاپرىن :lol: :lol:

    • ئۇيغۇربەگ | 01:51 | 2013.05.28 جاۋاب

      ئاتەشقاراجىمغا ۋەكالەتەن رەھمەت…

  • ئەركە | 17:17 | 2013.05.27 جاۋاب

    ۋاي، بىزنىڭ خوتەندە سۈرەتكە ئاپتىكەنغۇ بۇنى….
    ئاۋۇ Honda ھەيدەپ كەلگەن بالاڭزا تۇنۇشلا تۇرىدۇ قالىسام… ;-)
    ماشىنا نومۇرىمۇ شۇنداق.
    لېكىن ناخشىسىمۇ پەيزىكەن.

    • ئۇيغۇربەگ | 01:52 | 2013.05.28 جاۋاب

      سىلىنىڭ خوتەن ئەمەس، سىلى خوتەننىڭ…
      رەھمەت جۇما…

    • بىلىكئال | 02:12 | 2013.05.28 جاۋاب

      شۇنداق ماڭىمۇ تونۇشلا چىراي .بولسا كۆپرەك خوتەندە ئىلىڭلار مۇشۇنداق كۆرۇنىشلەرنى .داڭقى چىقىپ قالسا ھولليۋودىكلەرمۇ رەت-رەت كە تىزىلىپ كىنۇ ئىشلەپ قالار

      • ئۇيغۇربەگ | 02:27 | 2013.05.28 جاۋاب

        تەلەپلىرى مەركەزگە يەتكۈزۈلدى… ;-)

  • ئالىم | 03:07 | 2013.05.28 جاۋاب

    بولسا مۇشۇ ناخشىنىڭ سۈرەتلىك سۈزۈك نوسخىسىنىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭىز .
    ھەقىقەتەن قالتىس ئېيتىپتۇ ھەم قالتىس چىقىپتۇ.ئەتىگەندىن بىرى نەچچە قىتىم ئاڭلاپ بولدۇم بۇناخشىنى
    بولسا شۇ سۈزۈك نوسخىسىنى ماڭا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز ساقالپ قوياي دىگەنتىم .توردىكىسى تامغىلاپ قويغىنىكەن .
    2540518168@qq.com

  • بەرنا | 04:01 | 2013.05.28 جاۋاب

    بەك ياخشى چىقىپتۇ، بۇنۇڭدىن كېيىنكى ئىجادىيەت يوللورغا ئۇتۇق تىلەيمەن، ئويلاپ قالدىم ئاۋۇ ماشنا ھەيدىۋالغان بالىنى نەدە كۆرگەن بولغۇيتۇم…..

    • ئۇيغۇربەگ | 04:29 | 2013.05.30 جاۋاب

      يوللاردا ئۇچرىتىپ قالغانسىز بەلكىم…

  • uqughuchi | 05:58 | 2013.05.28 جاۋاب

    شاش چىقىپتۇ! ماڭا يارىدى

    • ئۇيغۇربەگ | 04:29 | 2013.05.30 جاۋاب

      بىزگىمۇ ياراپ كەتكەنتى، باللانىڭ ئالدىدا ئاقسا بۇ بالا ھازىر…

  • ئۆزقان | 06:35 | 2013.05.28 جاۋاب

    مەرھۇم بوپ كەتكىنى كەپىدۇ-ھە؟!…، شۇڭا ماۋۇ «مەرھۇم» دېگەن سۆزنى كەينىگە 2سانتا يۆتكەپ قويىلىمىكى…

    • ئۇيغۇربەگ | 04:29 | 2013.05.30 جاۋاب

      ئاپلا…شۇنداق قىلاي…

  • تىكەن | 09:28 | 2013.05.28 جاۋاب

    بەك يارىدى ما ناخشا ئەمما

    • ئۇيغۇربەگ | 04:33 | 2013.05.30 جاۋاب

      يەنە بىر رەھمەت…رەھمەت…

  • ئىزدەن | 17:27 | 2013.05.28 جاۋاب

    ماڭىمۇ يارىدى … نەچچە كۈندىن بىرى ياڭراتقۇ يوق ئاڭلىيالمىغان ئىدىم ، ئەمدى بولسىمۇ ئاڭلاپ كۆردۈم … شاش چىقىپتۇ!

    • ئۇيغۇربەگ | 04:33 | 2013.05.30 جاۋاب

      رەھمەت…

  • ئابدۇ | 05:44 | 2013.05.29 جاۋاب

    يەنە شۇ ناخشىچى ….

  • ئۇدۇنبەگ | 12:20 | 2013.05.30 جاۋاب

    بەك ياخشى ئېيتىپتۇ، ماڭا يارىدى.

    • ئۇيغۇربەگ | 13:18 | 2013.05.31 جاۋاب

      ماڭىمۇ ھەم…

  • مەلەك | 03:59 | 2013.05.31 جاۋاب

    سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزىدا سەل دىققەت قىلسا بولغۇدەك بولمىسا، ئۈرۈمچنىڭ ئوخو بالاڭزىلىرىدەك چىقىپ قالىدىكەن ، بەزى گەپلەرنىڭ ئىنتوناتسىيىسى….

    چىرايلىق ېيتىپتۇ، سۈرەتكە ئېلىنىش كىرىشتۈرلۈشمۇ پەيزى بوپتۇ.

    • ئۇيغۇربەگ | 13:20 | 2013.05.31 جاۋاب

      مەن يەتكۈزۈپ قوياي، مەلەك ئالىيلىرى…

  • تارىم بلوگى | 05:09 | 2013.06.2 جاۋاب

    بىگىمگە بىر تەكلىپىم، مۇشۇ سىن يوللىغاندا HTML5 ھالىتىدە يوللىغان بولسىلا، بىزدەك كومپيۇتېرى يوق بىچارىلەر تېلفۇندا كۆرەلمەي قالىدىكەنمىز. قايسى كۈنى كومپيۇتېردا كۆرگەنچە بۈگۈن قايتا بىر كۆرەي دىسەم تېلفۇندا چىقمايدىكەن ئۇ سىن. مەسىلەن : پاسىبان، تورخۇمارلارغا ئوخشاشچۇ .

    • ئۇيغۇربەگ | 05:46 | 2013.06.3 جاۋاب

      بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي…

  • تورسودا | 11:17 | 2013.06.2 جاۋاب

    ئاۋازى ياخشىكەن، MV مۇ ياخشى چىقىپتۇ

  • تەۋپىق | 08:03 | 2013.06.6 جاۋاب

    توردا شۇنداق مودا بوپكەتكەن ناخشا ئەمەسمۇ بۇ ؟؟

    ۋەھشى چىققان ناخشىدە بۇ

    ھېھېھېھې ;-) ;-) ;-) ;-) ;-)

  • مۇھەممەتـسالى | 06:38 | 2013.06.10 جاۋاب

    مانا ئەمسە ئاياغنى ئاتتىم ھاھاھاھااھاھا ئومراخۇن پەيزى ئۇكۇپتۇ جىما لىكىن :lol:

  • پاسئان | 06:39 | 2013.06.23 جاۋاب

    ناخشىنى ھەقىقەتەن ياخشى ئوقۇپتۇ. ئاۋاز ناھايتى سۈزۈك. ناخشا مەزمۇنى ئومۇمەن «كېچە»نى چۆرىدىگەچكە، يەنە كېلىپ قايتارمىسىمۇ پۈتۈنلەي «كېچەلەرى…» بولغاچقا، كۆرۈنۈشلەردە كېچە (قاراڭغۇلۇق) سەل ئاز ئېلىنىپ قالغاندەك تەسىر بەردى.

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif