مەن يوقاپ كەتمىدىم، ئەمما بىلمەيمەن: مەن نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن؟

ruhumuzu-dinleme-zamani-uc-aylar_副本

تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، بىر قانچە سۈرەت ئەسەرلىرىمنى ۋە بىر قانچە ناخشىلارنى يوللاپ قويغاندىن باشقا، ئۆزۈم ھەققىدە بايان بېرىشنى ئۇنتۇپ كەپتىمەن، راست گەپنى قىلسام تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزۈممۇ ئىتىراپ قىلىمەن، بىلىنمەيلا يوقاپ كەتتىم، توردىن زىرىككەن ئوخشايمەن دەپمۇ ئويلىدىم، تۈركىيەنىڭ ئاستا ئەمما رېتىمسىز مۇھىتىدا كۈنلەرنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمەي يۈرۈپ نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى. شۇنداق، مەن يوقاپ كەتمىدىم، ئەمما بىلمەيمەن: مەن نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن؟…

2,111 گىرادۇس 10


10 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ھاجى | 09:02 | 2013.12.8 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بېگىم، ‹‹سەن مەندىن سورىساڭ، مەن كىمدىن سورايمەن›› دېگەندىنمۇ ئۆتەپ كىتىپتىغۇ بۇ گەپ. يازغان بىلەن يازمىغاننىڭ نىمە پەرقى بۇنىڭ جاۋابىنى بىزگە تاشلاپ قويساڭلا. ‹‹كۆڭلۈمدىكىنى تاپ›› دىيىشنى ئۆگىنىۋاپسىلە مانا… 😉

    • ئۇيغۇربەگ | 20:54 | 2013.12.20 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مەن ھەققىدە پەرەزلەر بۇلۇنسا دەپ ئويلىغانتىم، تەلىيىمگە بۇلۇنمىدى. لېكىن قىلىۋاتقان بىر قانچە ئىشىم بار، سەل ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن جاكارلايمەن.

  • ئىزتىل | 13:09 | 2013.12.8 جاۋاب

    توردىن يۇقاپ كەتسىڭىزمۇ ، ئىرادىڭىزنى يوقۇتۇپ قويماڭ .( سىزنىڭ توردىن يۇقاپ كېتىدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنمەيمەن ئەلۋەتتە )

    • ئۇيغۇربەگ | 20:55 | 2013.12.20 جاۋاب

      تور يوقاپ كەتسە قانداقكىن

  • سەبىي | 04:25 | 2013.12.9 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بەگ !
    راستىنلا يوقاپ كىتىپ بارىسىز جۇمۇ ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 20:55 | 2013.12.20 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئىشلار كۆپ بولۇپ كەتتى ئەمەسمۇ

  • ۋەھىمە | 16:52 | 2013.12.12 جاۋاب

    بەگ يوقاپ كەتمەيدۇ ، يوقاپ كەتسە بىز ئامال قىلىپ يەنە ئەكىلىۋالىمىز،

    • ئۇيغۇربەگ | 20:57 | 2013.12.20 جاۋاب

      تور يوقاپ كەتسە قانداقكىن…

  • ھاجى | 10:51 | 2013.12.15 جاۋاب

    بەگ يوقاپ كەتسە ھېچقىسى يوق، بەگلىك يوقاپ كەتمىسىلە بولغىنى….

    • ئۇيغۇربەگ | 20:59 | 2013.12.20 جاۋاب

      بەگلىك يوقاپ كەتمەيدۇ

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!