يېڭى دەۋر ئۇيغۇر بلوگگېرلىرى ئۈچۈن «ئۈچۈن سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس»، قوشۇلامسىلەر؟
-
سەھىپە:ئۇيغۇربەگ تەجرىبىلىرى، بلوگشۇناسلىق تەتقىقاتى
باھا:46 دانە
13-06-2012
دەرس ۋاقتى ھاڭۋىقىپ ئولتۇرسام، خىيال قۇشلىرىم پەرۋاز قىلىپ بۇنىڭدىن 8 يىل بۇرۇنقى ئاشۇ سەبى، غەمسىز تولۇقسىز ئوتتۇرا ھايات مەزگىلىم ئېسىمگە كەلدى. كېيىن، ئىچكىرىگە ئاتلاندۇق، ئوقۇدۇق، جاپا چەكتۇق، غەم كۆپەيدى. ھەر قېتىم ئىچكىرىدىن يۇرتقا ماڭىدىغان چاغدا، ھەر بىر ۋاگۇننىڭ بېشىدا « سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئۆلچىمى : سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس» دېگەن سۆزلەر يېزىلغان تاختايغا كۆزۈم چۈشەتتى، شۇ ھامان دەرس ۋاقتىدىكى خىيال قۇشۇم تۇرايىمىز ئۈچۈن بىر ئىلھام بۈركۈتىگە ئايلاندى، شۇ ھامان مەزكۇر يازمىنى پۈتتۈرۈپ چىقاردىم، كۆرۈپ بېقىڭلار، قوشۇلامدىكەنسىلەركىن؟ قوشۇلمىغانلار ئايىقىڭلارنى ئاتارسىلەر، قوشۇلىدىغانلار چاۋاكلارنى چالارسىلەر، تولۇقلايدىغانلار بولسا ئىلھام قۇشۇڭلارنى قويۇۋەتكەيسىزلەر…
يېڭى دەۋر ئۇيغۇر بلوگگېرلىرى ئۈچۈن «ئۈچۈن سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس»
بلوگ ئۈچۈن ئىش باشلاش شەرەپ، بلوگ ئۈچۈن ئىش تاشلاش نومۇس.
بلوگ ئېچىپ يول تېپىش شەرەپ، بلوگ ئېچىپ گەپ تېپىش نومۇس.
بلوگنى پات يېڭىلاش شەرەپ، ئۆزى يازماي كۆچۈرۈش نومۇس.
بلوگ ئارا زىيارەت شەرەپ، ئىنكاس يازماي قاچماقلىق نومۇس.
خاسلىقىنى ياراتماق شەرەپ، خاسلىقىنى يوقاتماق نومۇس.
ئېلان قويۇپ پۇل تاپماق شەرەپ، پۇل تېپىشچۈن يۈز ساتماق نومۇس.
ئېلان قويسا چەكمەكلىك شەرەپ، چىكىشتىن ۋاز كەچمەكلىك نومۇس.
ئۇيغۇربەگنى قوللىماق شەرەپ، سەھرالىقنى يۆلىمەك نومۇس…