بلوگ ھەققىدە

    سەھىپە: باھا:1 دانە 04-06-2011

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى ئاچقان چاغلىرىمدا، ئۆزۈمنى بىر بلوگگېرغا ئايلىنىپ قالارمەن دەپ خىيالمۇ قىلىپ باقماپتىكەنمەن، ئارىدىن ھەش-پەش دىگۈچە ئالتە يىللىق ھاياتىم ئۆتۈپ كەتتى، باسقان قەدەملىرىمگە نەزەر سالغىنىمدا، بلوگ دېگەن بۇ ئوقەتنىڭ مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلماقتا ئىدىم. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگەندىم، نۇرغۇن دوستلارنى تاپتىم، نۇرغۇن ۋاقىئەلەرگە ئۇچرىدىم.

uyghurbeg.com نامى ئاستىدا كەپە ئاچتىم، پرېستان بىلەن uyghurbeg.net نامىدا تۇرا ئاچتۇق. بلوگگېرلار قاينىغاندا ئەڭ ئاز دېگەندە 50 بلوگ مەۋجۇتتى، ھازىر نۇرغۇن بلوگلار ئۇ دۇنياغا كەتتى. يەنە نۇرغۇنلىرى جىددى قۇتقۇزۇش ئاستىدا. ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى قاچانغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ بۇنىسى نائېنىق.

ئىشقىپ، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، تۇرايىممۇ ھايات قالغۇسى دېگەن ئىشەنچتىمەن.

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى شۇ تاپتا، ئۇيغۇرچە بلوگلار ئىچىدە يېڭىلىنىپ تۇرغان ساناقلىق مۆتىۋەر بلوگلارنىڭ بىرى.

ھەرقايسى كونا-يېڭى بلوگگېر تورداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! رەھمەت!

5,884 گىرادۇس 1