[تەۋسىيە فىلىم] تۇيۇق مازار كەنتى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم

turfan-tuyuq_副本

تۇرپاندىكى تۇيۇق مازار كەنتى نۆۋەتتە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمىي ئۇيغۇر كەنتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1700 يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ قارالماقتا. مەزكۇر كەنتتە ھازىرغا قەدەم ساقلىنىپ قالغان مىللىي ئەنئەنە، تىل بايلىقلىرى شۇنداقلا ئىمارەتلەر تۇيۇقلۇقلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىنى يۇرۇتۇپ بەرمەكتە ئىكەن. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنى سىنا مىكروبلوگىدىكى بىر قېرىندىشىمىز تاپشۇرۇق يۈزىسىدىن ئىشلەپ چىققان بولسىمۇ، بىزگە قىممەتلىك بولغان تارىخىي ۋە دىنىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، قېنى نەزىرىڭىز مەزكۇر فىلىمدا بولسۇن…

4,729 گىرادۇس 12

بۈگۈن «دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»مۇ؟ «دوپپا مەدەنىيەت ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى»دىن سوۋغات باركەن…

62cff825jw1e4d8rsz2c9j218g0x746y_副本

شۇنداق قىلىپ، بۈگۈن ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى»، ئەڭ ئاۋۋال بۇ بايراملىرىنىڭ قۇتلايمەن. دوپپىمىز مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ جۇلاسى، مىللىي كىملىكىمىزنىڭ بەلگىسى، دوپپا – خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيانقى تارىخىمىزنىڭ نامايەندىسى، دوپپىنى سۆيگەنلىك مەدەنىيىتىمىزنى سۆيگەنلىك، دوپپىنى سۆيگەنلىك مىللىي كىملىكىمىزنى سۆيگەنلىك، دوپپىنى سۆيگەنلىك سەلتەنەتلىك تارىخىمىزنى سۆيگەنلىك(خۇددىي تېلىۋېزور ئالدىدا سۆزلىگەندەك سۆزلىۋەتتىما…)،خوش،  ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىزدا مەن مەكتەپداش ئىنى-سىڭىللىرىم بىلەن سىنا مىكروبلوگىدىكى «دوپپا مەدەنىيەت ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى» تەشكىللىگەن «مەن دوپپامنى سۈيىمەن» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىمنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدىم. بۈگۈن شۇ گۇرۇپپا بۈگۈنكە ئاتاپ بىر قىسقا كۆرۈنمە چاستوتا(ما گەپنى چۈشەنگەنسىلەر؟)نى ئىشلەپ چىقىپتۇ، قانداقراق ئىشلىگەندۇ؟…

2,876 گىرادۇس 12

بېيجىڭدىكى سىتۇدېنتلار ئىشلىگەن يېڭى ئىجادىي مىكرو كىنو–BATTLE

battle

پايتەخت بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ياش ئادىلجان ئىسلام ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھالدا بەدىنىگە چەكتۈرگەچكە، ئانا يۇرتى شىنجاڭدىن ئۆزىنى كۆرگىلى كەلگەن ئاتىسى بىلەن ئىختىلاپ يۈز بېرىدۇ، مۇشۇ ئىتىقاد ۋە ئەقىدە جەھەتتىكى زىل مەسىلىدە ئاتا-بالا ئىككىلىسى بىر-بىرىگە يول قۇيۇشنى ئويلىمايدۇ، نەتىجىدە….مەزكۇر مىكرو كىنونىڭ ئاخىرىدا نەتىجىسىنى كۆرىسىز. بىلىشىمچە، مەزكۇر مىكرو كىنونى بېيجىڭ كىنو ئېنىستوتىدىكى بالىلار ئىشلىگەن بولۇپ، باش پېرسوناژنى قېرىنداش مىللەتلەردىن دېيىشمەكتە، ئەلۋەتتە، مەزكۇر كىنونىڭ باش تېمىسى بۇ ئەمەستە، قېنى، كىنوغا نەزەر سالغايسىز….

2,626 گىرادۇس 13

« 58- نۆۋەتلىك بېرلېن ئەڭ نادىر قىسقا فىلىم مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن نادىر فىلىم – پەلەك

ontime

مەلۇم يىگىت سۆيگۈنىگە توي تەكلىپى قويۇپ رەت قىلىنىشقا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئېنتايىن ئازابلانغان ھالدا ئايروپىلان كۈتۈش ئورنىغا كېلىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا بىر يۇچۇن كىشى پايدا بولىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن نېمە بولغانلىقىنى سورايدۇ ۋە ئۆزىدە بىر خىل ئەسۋابنىڭ بارلىقىنى، مۇشۇ ئەسۋاب ئارقىلىق كەلگۈسى 30 سىكۇنىت كېيىنكى ئىشلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. بۇ يىگىت باشتا ئىشەنمەيدۇ، ئەمما يۇچۇن كىشى ئۇنىڭغا ئۇ ئەسۋابنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، يىگىت ئىنتايىن چۆچۈپ كېتىدۇ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئويلىمىغان ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ…

2,082 گىرادۇس 13

ئۇيغۇر پاركورچى باللا ئىشلىگەن مىكرو كىنو – سۈرئەت

141_副本

ئۆزۈم پاركورچى بولمىساممۇ، ئۇيغۇر باللانىڭ پاركور فىلىملىرىنى كۆرۈشكە ئامراقمەن،  شۇڭا پات-پات ئاشۇ بالىلارنىڭ پاركور فىلىملىرىنى كۆرگەچ ئۆزۈمنىڭ ئورۇقلاش ئىرادەمنى كۈچەيتىمەن. بۈگۈن سىنا مىكروبلوگىدا ئارىلاپ يۈرسەم ئۇيغۇر پاركورچى باللا ئىشلىگەن يېڭى مىكرو كىنو «سۈرئەت»نى ئۇچرىتىپ قالدىم. مۇنداق قارىسام بۇ بالىلار مەزكۇر كىنونى ئىشلەشكە خېلى كۈچىگەن چىراي، ئۇلارنىڭ جىددىي ھەرىكەتلىرىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ئۆزۈممۇ ئالامەت جىددىيلىشىپ كەتتىم دېسە. قېنى بۇ جىددىيچىلىكتىن سىلەرمۇ ھۇزۇرلىنىپ بېقىڭلار…

1,633 گىرادۇس 14

تۈركىيەدە ئىشلەنگەن ساختا iPhone 4Sنى كۆرۈپ باقايلى، مەن كۆرۈپ يېغىلىۋەتتىم!…

D550FB453954F2643649470BA3EAFFAE_副本

دۆلىتىمىزنى ساختا مەھسۇلات ياسايدىغان ئۇۋا دەپ زاڭلىق قىلاتتى مەكتەپدىكى تۈركىيەلىك ئاقسالار، بۈگۈن قارىسام بۇلارنىڭمۇ ساختا تېلىفون، ساختا iPhone 4Sنىمۇ ياسايدىغانلىقى كۆرۈپ قالدىم. بۈگۈن يوللىغان بۇ فىلىمنى مۇسۇلمان دۆلەتتىكىلەر ياسىغاندىكىن دەپ ئىشەنچ بىلەن ئالغان بىرى يوللاپتۇ، بىلمىدىم ئۇ ئاداش ھازىر نېمە بولۇپ كەتتى، ئەمما لېكىن مەن تولۇق كۆرۈپ بولۇپ يىغلىۋەتتىم، جۇڭگولۇق ساختا تېلىفون ياسايدىغانلارنى مۇشۇنداقمۇ چۈشۈرەمدۇ دەيمەن، ئىسسىت ئىسسىت!….

1,274 گىرادۇس 12

دېسنىيگە تەۋە Pixar گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى كارتون ئەسىرى–ئاي ئەپسانىسى

دېسنىيگە تەۋە Pixar گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى كارتون ئەسىرى–ئاي ئىلاھى_

« ئاي ئەپسانىسى » ناملىق مەزكۇر قىسقا كارتون ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان دېسنىيگە تەۋە Pixar گۇرۇپپىسىنىڭ ئەڭ يېڭى كارتون ئەسىرى بولۇپ، ئوسكار نادىر كارتون مۇكاپاتىنىڭ نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر كارتوندا بىر بالىنىڭ دادىسى ۋە بوۋىسى بىلەن كېمىگە ئولتۇرۇپ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى سۈپۈرۈۋالغانلىقىدەك ئاددىي ھېكايە بايان قىلىنغان بولۇپ، بالىسى بار بلوگداشلار بالىلىرىڭلار بىلەن كۆرسەڭلار بولغۇدەك ئېسىل كارتون!…

988 گىرادۇس 7

جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى بالىلار قالتىس ئىشلەپ قويغان قىسقا كارتون–قوش ئوۋ

qatmuqat ow

«قوش ئوۋ» ناملىق مەزكۇر كارتوننىڭ ۋەقەلىكى ۋە ئۈنۈمى جەھەتتە ئامېرىكىلىقلار ئىشلىگەن خېلى-خېلى كارتوندىن قېلىشمايدۇ، بۇ كارتون ئەمەلىيەتتە گۇئاڭجۇدىكى ئوقۇغۇچى بالىلارنىڭ 2012-يىلىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئەسىرى بولۇپ، ۋەقەلىكلىرى قىزىقارلىق ۋە جىددىي. ئىشىنىمەنكى سىز چوقۇم ئامراق بولۇپ قالىسىز…

1,067 گىرادۇس 7

73-قېتىملىق ئەڭ نادىر ئوسكار كارتون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن قىسقا كارتون فىلىم–ئاتا ۋە قىز

Father-Daughter_副本

سەككىز مىنۇتلۇق بۇ قىسقا كارتون 73-قېتىملىق ئەڭ نادىر ئوسكار كارتون مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، كارتوندا بىرەر جۈملە دىئالوگ يوق، شۇنداقلا ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈش يوق، ئەمما تەگ مۇزىكىسىغا پىئانىنو بىلەن تەڭكەش قىلغاچ، بىرجۈپ ئاتا بىلەن قىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئاددىي، ئەمما چىن كۆرۈنۈشلەرنى بايان قىلىدۇ، كۆرۈۋېتىپ قەلبىڭىزنىڭ ئىختىيارسىز ئىللىق بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىسىز. ماڭا ئىشىنىڭ!…

1,700 گىرادۇس 9

مەن چۈشەنمىگەن كارتون 2011-يىلى قايسى بىر مۇكاپاتنىڭ ئەڭ نوچىسىغا ئېرىشىپتۇ! باھانە كۆرسىتىڭ!…

Paths_of_Hate_12_副本

ئالىي مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىغا چىققاندىن كېيىن بلوگ مالتىلاشدىن ئازراق زىرىكىپ، كاللامنى كۆپرەك ئارام ئالدۇرۇپ بىر يىللىق ھاياتىمنى ئوبدان پىلانلاشقا تىرىشماقتا ئىدىم. ئۆزۈمنىڭ كارتونغا ناھايىتى ھەۋىسىم بار، كارتون كۆرگەچ كود ئوينايدىغان ئادىتىمنى يولداش پرېستان بەك بىلەتتى، بەلكىم بۇنى باشقىلارمۇ بىلىدۇ. كارتون كۆرگەچ كاللامنى ئارام ئالدۇرۇش پىلانىم بۇيىچە توردىن نادىر كارتون دەپ ئىزدىسەم «قىساس يولى» ناملىق بۇ كارتون 2011-يىللىق سىگگىراف كارتون بايرىمىدا شۇ يىللىق ئەڭ نادىر كارتون دەپ باھالىنىپتۇ. توۋا دەپ قالدىم، مەندەك كاللىسى ئىشلەيدىغان ئادەم چۈشەنمىگەن بۇ كارتون قانداقسىگە بۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندۇ دەپ ھەيران قالدىم، ھازىرمۇ ھەيرانلىقتا ئاغزىمنى ئوچۇقلا قويماقتىمەن، ئەي ئەزىز بلوگدىشىم، مېنى قۇتقۇزۇپ بۇ كارتوننىڭ نادىر بولىشىغا باھانە كۆرسۈتۈپ قويۇڭ، ئۆتۈنەي…

1,523 گىرادۇس 15

Anchorage خەلىقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدىكى نادىر كارتونلارنىڭ بىرى–سېباستىياننىڭ نەشتىرى

sebastian

«سېباستىياننىڭ نەشتىرى»(Sebastian’s Voodoo) ناملىق مەزكۇر قىسقا كارتون فىلىم ئەينى چاغ Anchorage خەلىقئارالىق فىلىم فېستىۋالىدا ئىككىنچى دەرىجىلىك ئەڭ نادىر كارتون فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. فىلىمدە زۇلمەت ئىچىدىكى بىر پىرىخون بىر مۇنچە قىساس قونچاقلىرىنى ياسىغان بولۇپ، بۇ قونچاقلارنى قېينىغاندا ئاشۇ ئاغرىق ئازابلىرى ئۇنىڭ قىساسكارىغا، يەنى دۈشمەنلىرىگە تىگىدىكەن، ئەمما ئۆزلىرىمۇ ئازابنى يەتكۈچە تارتىدىكەن، ئاخىرىدا قانداق بولىدۇ، قىزىققان بولسىڭىز كارتوننىڭ داۋامىغا نەزىرىڭىزنى تاشلاڭ.

1,149 گىرادۇس 9

ئۆسمۈرلۈكۈمگە ھەمراھ بولغان ئاشۇ «نىمجان»(半条命) ئويۇنىنىڭ يېڭى بۆلۈمى چىققۇدەك، ماۋۇسى ئېلانىكەن…

csgo

قاچاندىن كومپىيۇتېر دېگەن ئوقەتكە يېقىن كەلدىم، مۇشۇ «نىمجان»(半条命) ئويۇنىنى ئويناپلا كەپتىمەن، تولۇقسىزدىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە ساۋاقداشلارنى، بۇرادەرلەرنى توپلاپ كېلىپ ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ قاتتىق تۇتۇشۇپتىكەنمەن، گەرچە ھازىر بۇرۇنقىدەك ئەسەبىي ئاشىق بولمىساممۇ.  ئالىي مەكتەپكە كېلىپ بەزىدە كومپىيۇتېر ئالدىدا ھېچ قىلغۇم كەلمەي ھەمدە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدىن قوپالماي كەتكەن بىر قىسىم چاغلىرىمدا مەزكۇر ئويۇننىڭ cs 1.6 نەشىرىنى ئازراق ئويناپ كاللامنى ئارام ئالدۇرۇپتىمەن. بۈگۈن قارىسام مەزكۇر ئويۇننىڭ يېڭى بۆلۈمى «تېررورلۇققا قارشى تۇرغۇچى ئەزىمەتلەر: دۇنيا مىقياسىلىق تۇتۇشۇش»(反恐精英: 全球攻势)نىڭ ئېلانى يوللىنىپتۇ، قارىغاندا مەزكۇر ئويۇننىڭ يېڭى بۆلۈمى چىقىدىغان ئوخشايدۇ، ئېلانىنى كۆرۈپ باققاچ بۇرۇن مەزكۇر ئويۇننى ئوينايدىغانلار ئازراق ئەسلىمە بەرمەمسىلەر؟ سىلەر ئوينىغانمۇ، قانداق ئوينىغان؟…

1,395 گىرادۇس 11