ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. تۇرايىمىزنىڭ iOS سېستىمىلىق ئەپى بۇرۇن ئەپ بازىرىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىم كۆرۈنمە يۈزى ۋە ئىقتىدارى جەھەتتە ئەلالاشتۇرۇلغان شۇنداقلا ھەمبەھىرلەش، ئىنكاس ئىقتىدارى قوشۇلغان يېڭى نەشىرىدىكى << ئۇيغۇربەگ + >> (پرو دەپ قويىلى ئۆزىمىزچە) ھازىر ئەپ بازىرىدا ئېلان قىلىندى. بۇرۇنقى نەشىرىدە iPad نۇسخىسى بار بولۇپ، بۇ نەشىردە iPad ئۈچۈن ياسالمىدى(iPad ئۈچۈن ئايرىم ياسىلىۋاتىدۇ)، شۇڭلاشقا، ئەپنى نەشىر كۆتۈرۈش ھالىتىدە ئەمەس، يېڭى بىر ئەپ ھالىتىدە ئېلان قىلدۇق.
121 گىرادۇس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. كەمىنىنىڭ نەچچە ئايلىق ئىزدىنىشى، ئىشلىشى، ئويلىنىشى ئاستىدا شېئىرخۇمار دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا يېڭىچە بىر ئەپ <<شېئىرنامە>>نى سۇندۇم. نۆۋەتتە، شېئىرنامەگە 30دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە چەتئەل شائىرلىرىنىڭ 700 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرى قۇشۇلغان بولۇپ، يېڭى شېئىر ۋە شائىرلار داۋاملىق قۇشۇلىدۇ ۋە قۇشۇلماقتا.
321 گىرادۇس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. بەلكىم بىلىشىڭلار مۇمكىن، مەن تۈركىيە مېگا سىتارى ياكى ئۇيغۇرچە دېسەك داڭلىق ناخشىچىسى تاركاننىڭ سادىق پىنتوزىسى. يېقىندا، تاركان ئەڭ يېڭى پىلاستىنكىسى «ئەھدىگە ۋاپا»(Ahde vefa) ناملىق پىلاستىنكىسىنى ئېلان قىلىپ مېنى قەۋەتلا خۇش قىلىۋەتتى. تېخىمۇ خۇش قىلغىنى بولسا، مەن يانچۇقتىن پۇل چىقىرىپ سېتىۋېلىشىنى ئويلاپ تۇرغىنىمدا، ۋاڭيى مۇزىكىسى(网易音乐)دە بۇ پىلاستىنكىنى چىقىرىپ بوپتۇ، قېنى سىلەرمۇ بىر ئاڭلاپ بېقىڭلار…
196 گىرادۇس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىڭ سانى كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. ھەتتا بىر قىسىم پىشقەدەم بلوگگېرلارمۇ ئەپ ئېچىشقا يۈزلىنىشكە باشلىدى. شۇلارنىڭ بىرى بولغان سابىق ۋارىس رۇزى بلوگىنىڭ ئاپتورىنىڭ ئىجادىيىتى ئاستىدا پۈتكەن ئالما تېلىفونلىرى ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئەپ <<كۈنلەر>>نى ھۇزۇرۇڭلارغا ئېلىپ كەلدىم.
933 گىرادۇس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. دۆلىتىمىز بىلەن دىيارىمىزنىڭ سودا ۋە باشقا جەھەتتىكى ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەگە خىزمەت، ساياھەت ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن كېلىدىغانلارنىڭ سانى ئۆزلۈكسىز ئاشماقتا، شۇنداقلا تۈركچە ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. مەزكۇر ئەپ تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان ياكى ئۆگىنىش ئارزۇسىدا يۈرگەن ۋە ياكى تۈركىيەگە ساياھەتكە كېلىپ ئاددى شەكىلدە تۈركچە ئۆگىنىشى زۆرۈر بولغانلارغا ياخشى قورال بولغۇسى. نۆۋەتتە مەزكۇر ئەپنىڭ iOS نەشىرى بىلەن تەڭ، System تور گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمگىكى بىلەن مەزكۇر ئەپنىڭ Android نۇسخىسىنىمۇ ئېلان قىلدۇق.
2,850 گىرادۇس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئالدىنقى قېتىملىق يازمامدا ئېيتىلغاندەك، ئىزدىنىشىمنىڭ نەتىجىسىدە پۈتكەن «ئۆتكۈرنامە» ناملىق ئەپ ئاخىرى ئەپ بازىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، ئەپ دۇكىنىغا يوللاندى. ئەي، ئەنجۈر تېلىفون ئابۇنتلىرى، يېشىڭلارنى سۈرتىۋېتىڭلار، سىلەرمۇ بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئىكەنسىلەر، بۇ قېتىم سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق. بۇدا «ئۆتكۈرنامە»نىڭ ئۇلى ئاندروئىد ئۈچۈنمۇ سوقۇلدى. مۇشۇنداق ياخشى بىر ئەپنى چۈشۈرمەي، تارقاتماي يۈرۈشكە قەلبىڭىز قانداق ئۇنىسۇن؟ ئەمىسە، يازمىنىڭ داۋامىغا نەزىرىڭىزنى دەھشەتلىك ئاغدۇرۇڭ…
2,728 گىرادۇس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. بىلگىنىڭلاردەك، ئۈرۈمچى كومپىيۇتىر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى تەشكىللىگەن «ئۇيغۇرلاردىكى 2014-يىللىق <ئەڭ> مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگ»لارنى باھالاش پائالىيىتى شۇ تاپتا ئۈچىنچى باسقۇچقا قەدەم باسقان بولۇپ، «ئەڭ» مۇكاپاتىغا لايىق بىلوگنى بېكىتىپ چىقىش باسقۇچى 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى 00:00 دە باشلىنىدۇ. ئۇيغۇربەگ تەرەپتە تۇرىدىغانلار ئەڭ ئاخىرقى بىر جەڭ ئۈچۈن لەشكەر تەشكىللەپ بىلەت تاشلىشىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. تەپسىلاتىنى كىيىنكى بەتتىن ئوقۇڭ.
1,691 گىرادۇس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. دۆلىتىمىز بىلەن دىيارىمىزنىڭ سودا ۋە باشقا جەھەتتىكى ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەگە خىزمەت، ساياھەت ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن كېلىدىغانلارنىڭ سانى ئۆزلۈكسىز ئاشماقتا، شۇنداقلا تۈركچە ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسىرى ئاچماقتا. مەزكۇر ئەپ تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان ياكى ئۆگىنىش ئارزۇسىدا يۈرگەن ۋە ياكى تۈركىيەگە ساياھەتكە كېلىپ ئاددى شەكىلدە تۈركچە ئۆگىنىشى زۆرۈر بولغانلارغا ياخشى قورال بولغۇسى.
3,197 گىرادۇس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر! بىلوگدىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلىپ،. كەينىدىن يەنە شۇنداق تېزلىكتە تۆۋەنگە قاراپ ماڭدى. بىز «ياق، بىلوگ تۈگەشمىدى، تۈگەشمەيدۇ» دەپ تۇرۇۋېلىپمۇ باقتۇق. لېكىن، ئاچچىق رېئاللىق بۇ گېپىمىزنى قېتىغا ئېلىپ قويمىدى.
785 گىرادۇس
ھازىر دۇنيا مىقياسىدا ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش دېگەن شۇئار ھەممىلا يەرگە يېيىلىپ كەتتى، ئۇنىڭدىن باشقا ئېنتېرنېتنىڭ ۋە كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھەر يەردە ئۆگىنىش شۇئارىمۇ قوزغۇلۇپ ھەمدە مۇھىتلار ھازىرلىنىپ، خالىغان ۋاقىتتا ۋە خالىغان ۋاقىتتا ئۆگىنىشدەك قولاي شارائىتلار تەييارلاندى، قىسقىسى مەنمۇ ئۆزلۈكىمدىن iOS ئۆگىنىشنى باشلىۋەتكەن(ماۋۇ يېڭىلىق ھەققىدە پات يېقىندا يوللىنىدىغان «ئۇيغۇربەگنىڭ iOS پروگراممېرلىقى چۈشى» ناملىق يازمىدا تەپسىلىي توختالغۇسىمەن) ۋاقتىمدىن بىرى، بۇ تور بېكەتلەردىن ئىنتايىن ياخشى پايدىلاندىم. نۆۋەتتە، مەن ئۆزۈم ياخشى دەپ قارىغان بىر قانچە تور دەرسخانىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
4,357 گىرادۇس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئەينى چاغدا بىر ئىشلارنى قىلارمەن دەپ ئېلىۋالغان بىر قانچە ئىسىم بار ئىدى، كېيىن ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتكەندە بۇ ئىشلارنى قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىدىم، شۇڭا بۇ ئىسىملارنى قولۇمدا تۇتۇپ سېسىتقاندىن، ئالىدىغانلار بولسا ئەسلى باھادا سېتىۋېتەي دېگەن مەقسەتتە مەزكۇر تېمىنى ئېچىپتىمەن.
1,383 گىرادۇس
فوتوگرافتۈركىيەگە كەلگەندىن بىرى فوتوگرافچىلىققا ھەۋەس قىلىپ قالدىم شۇنداقلا ئۇ يەر بۇ يەرگە بېرىپ داڭلىقلارنىڭ فوتوگراف ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ، ئۆزۈم كىتابقا قاراپ ئۆگۈنۈپ دېگەندەك بىر نېمىلەرنى قىلىپ يۈردۈم. تۈركىيەدە مەن دىققەت قىلىۋاتقان ھەمدە ياقتۇرىدىغان بىر قانچە فوتوگراف بار بولۇپ، ئىچىدىكى بىرى مۇستاپا سەۋەندۇر. بۈگۈن بىز بۇ يازمىدا مەزكۇر فوتوگراف بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز ھەمدە ئۇنىڭ تاللانما ئەسەرلىرىدىن بەھىرلىنىپ چىقىمىز.
2,379 گىرادۇس