WordPressدە خەتكۈچ ۋە سەھىپىلەرنى توپ ھالەتتە بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى

creating-a-wp-plugin

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. يېقىندا تۇرايىمىزنىڭ iOS ئەپىنى يېڭىلاش جەريانىدا سەھىپىلەرنى رەتلەش ئىھتىياجى تۇغۇلدى. سەھىپىلەرنى رەتلەش جەريانىدا بلوگىمدىكى نۇرغۇن سەھىپىلەر ۋە خەتكۈچلەرنىڭ نىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى، بەزى سەھىپىلەرنىڭ قايتىلىنىپ كەتكەنلىكىگە دىققەت قىلدىم. ئەمما، نورمالدا بۇ سەھىپىلەرنى قولدا بىرىكتۈرۈش توغرا كەلسە، ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق. ئەمما،  WordPress تەمىنلىگەن قىستۇرما ئارقىلىق بۇنى ئەپچىللا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

157 گىرادۇس 2

بىر كۇنۇپكا بىلەن رەسىمنى ھەر قايسى رازمىلىق ئەپ ئايكونلىرىغا ئايلاندۇرۇش

بىر كۇنۇپكا بىلەن رەسىمنى ھەر قايسى رازمىلىق ئەپ ئايكونلىرىغا ئايلاندۇرۇش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. يېقىندا بىر قانچە كىچىك ئەپنى ياساش جەريانىدا، ئەپ ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ھەر قايسى رازمىدىكى ئەپ ئايكونلىرىنى تەييارلاشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەمما، لايىھە ئىشلىرىنى ياخشى قىلالمىغاچقا، ھەر قايسى رازمىدىكى ئايكونلارنى تەييارلاش ماڭا قېيىن توختىدى. تور بېكەتلەردىن ئاقتۇرۇش ئارقىلىق بۇنىڭ چارىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلىنى تاپتىم. 

405 گىرادۇس 2

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. يۇقارقى ماۋزۇنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، ئەسلى ماۋزۇسىنى «ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ياساشتىكى دەرسلىك» دەپ قويماقچى ئىدىم، تېخىمۇ كۆپرەك ئادەم كۆرۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىددە بىر ماۋزۇ ئويناپ قويدۇم. گەپكە كەلسەم، بلوگىم ۋە ئېلخەتتە مەندىن خەتلىك فىلىمنى قانداق قايسى پروگرامما، قايسى دىتالدا ياسايدىغانلىقىمنى سورىغان تورداشلار بار ئىدى، قايسى كۈنى مۇشۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشنى ئويلاۋېتىپ، بىر دەرسلىك تۈزۈپ چىقىشنى ئويلاشتىم ھەمدە بىر يېرىم سائەتلىك مەزكۇر دەرسلىكنى تۈزۈپ چىقتىم.

968 گىرادۇس 22

[WordPress ئۇسلۇبى] بۇلبۇل بلوگى ئۇسلۇبى – Deluxe

[WordPress ئۇسلۇبى] بۇلبۇل بلوگى ئۇسلۇبى – Deluxe

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىڭلارغا، ئائىلەڭلارنىڭ تىنچ – ئامان تىلەكداشمەن(بۇ يەردە قىزغىن بىر چاۋاق بار بولۇشى مۇمكىن). 2015- يىلى خىزمەت ۋە ئۆگىنىش تۈپەيلىدىن WordPress ھەققىدە تۈزۈكرەك بىر ئىزدىنىشكە قادىر بولالمىدىم. شۇنداقتىمۇ، يېڭى يىلغا بىر سوۋغا سۈپىتىدە مۇشۇ يىلى بۇلبۇل بلوگى ئۈچۈن ئۆزلەشتۈرگەن بىر ئۇسلۇبنى ھەقسىز تارقىتىشنى ئويلاشتىم، ياقتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

866 گىرادۇس 17

بېكەت-بلوگلارغا قارىلىق تۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ تەدبىرى

20130507133619436_副本

ئاپەت چىققاندا بەزى خەنسوچە بېكەتلەر ئاپەتتە قازا قىلغانلارغا قارىلىق تۇتىشىدىكەن. يەنى بەت سۈررەڭ ھالەتكە ئايلىنىدىكەن، بېكەتكە قارىلىق تۇتۇش دېگەن ئاتالغۇنى كىم بۇرۇن ئىشلەتكەن، قارىلىق تۇتۇش ۋاجىپمۇ دېگەندەك مەسىلىلەر بۇ يازما بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بەلكى ئۇنداق ئۈنۈمنى قانداق ھاسىل قىلىمىز، بۇ دەل بۇ يازمىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى.

2,512 گىرادۇس 26

[ مەخپىي رېتسىپ ] WordPressدە باشبەتتىكى تۇنجى يازما كەينىگە ئېلان قىستۇرۇشنىڭ تەدبىرى

ai4

تۇرايىمىزنىڭ باشبېتىگە دىققەت قىلغان ئەزىزلىرىمىز بىلىشى مۇمكىن، تۇنجى يازمىدىن كېيىن كۆۋرۈك ئېلانچىلىقىنىڭ ئېلانى كۆرۈنىدۇ. بۇمۇ تۇرايىمىزدا مەخپىي ساقلانغان رېتسىپلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۈگۈن پرېستاننىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ ئەزىزلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولىۋاتىمەن. ۋاقتىدا ئۆگىنىۋالغايسىزلەر!…

895 گىرادۇس 9

WordPressدە بلوگ ئۈچۈن چىرايلىق رەڭدار خەتكۈچ بېتى قۇرۇشنىڭ تەدبىرى

756-1

ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىز «WordPressدە رەڭدار خەتكۈچ ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشنىڭ ئىككى تەدبىرى»دە بىز بلوگىمىزدىكى رەڭدار خەتكۈچنى قانداق ھاسىل قىلىشنى ئۆگىنىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۇ قېتىملىق يازمىمىزدا بولسا، ئاشۇ يازمىمىزدىكى تېخنىكىنىڭ داۋامى بولغان رەڭدار خەتكۈچ بېتى ياساشنى ئۆگىنىپ ئۆتكۈسىمىز. رەڭدار خەتكۈچ بېتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز ئاۋۋال ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدىكى خەتكۈچزارلىقنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ. خوش، يازمىنىڭ داۋامىغا مەرھەمەت…

1,691 گىرادۇس 23

WordPressدە رەڭدار خەتكۈچ ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشنىڭ ئىككى تەدبىرى

cropped-000

ئىجادىي ئۇسلۇبىمىز prestansimpleنىڭ يېڭى نەشىرىدە رەڭدار خەتكۈچ ئۈنۈمى قوشۇۋېتىلگەن بولۇپ، بۇ ئۈنۈمنى ھاسىل قىلىشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار. ئەلۋەتتە، قىستۇرما ئارقىلىق ھاسىل قىلىش بۇنىڭ ئەڭ ئاددىي جاجىسى. بۈگۈن تۇرايىمىزدا يېقىندا يوللانماقچى بولغان رەڭدار خەتكۈچزارلىق بېتى قۇرۇش تەدبىرىنىڭ ئالدىدا ئاشۇ رەڭدار خەتكۈچ ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشنىڭ بىر قانچە تەدبىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. قېنى، بلوگگېرلار ئىنكاسقا مەرھەمەت…

876 گىرادۇس 10

WordPressدە ئىنكاس يازغاندا چىراي ئىپادىسى قوشۇشنىڭ غەيرىي رەسىمىي تەدبىرى (قىستۇرمىسىز)

dsc_0308_christmasy-christmas-11-cinema-smiles-alot

ئېسىمدە قېلىشىچە، بىر زامانلاردا تۇرايىمىزنىڭ قازناقلىرىدا ئىنكاس يازغاندا چىراي ئىپادىسى قوشۇشنىڭ بىر قانچە تەدبىرلىرىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق، زامانلار ئۆتتى، WordPressنىڭ 3.0 نەشىرى ئېلان قىلىنغانلىقىغىمۇ مانچە يىل بولدى. بۈگۈن ئولتۇرۇۋېلىپ پرېستاننىڭ ئۆز ئۇسلۇبىدا، تارقاتقان ئۇسلۇبىدا، شۇنداقلا بلوگىمىز ۋە ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدىكى ئىنكاس ئورنىدا ئىشلىتىلگەن «Wordpressدە ئىنكاس يازغاندا چىراي ئىپادىسى قوشۇشنىڭ غەيرىي رەسىمىي تەدبىرى»نى ئورتاقلىشىپ ئۆتۈش قارارىغا كېلىپ قالدىم، بىلمىدىم، يەنە قانچىلىغان بلوگگېر بۇ تەدبىرنى سىناش ئۈچۈن بلوگلىرىنىڭ ئۆپكىلىرىنى چۇۋۇپ تاشلايدىكىن، شۇنداق قىلىشقا جۈرئىتى بارمىكىن…

1,567 گىرادۇس 15

كېلىڭلار ئەزىمەتلەر، WordPress بلوگىمىزغا MP3 قويغۇچنى بىكالىق ھەمدە قىستۇرمىسىز ئورنىتىۋالايلى!

chrome-song

خوش، ئالدىنقى بىر چاغدا «WordPressدە يازمىلارغا فىلەش ۋە مۇزىكىلارنى كود ئارقىلىق قىستۇرۇشنىڭ تەدبىرى»نى يوللىغاندىن كېيىن، بەزى بلوگ ئەزىمەتلىرى بۇ ئۇسۇلنىڭ بەزى بلوگلاردا قاملاشمايۋاتقانلىقلىرىنى ئىنكاس قىلىشتى. بەزى بلوگگېرلار ھەتتا بۇ ئىقتىدارنى قىستۇرما ئارقىلىق، ھەتتا پۇلغا قوشتۇرۇۋاتىدۇ. خوش، بۈگۈن ئۇيغۇربەگ سىلەرگە بۇ ئىقتىدارنى قانداق قوشۇشنى بىر ئۆگۈتۈپ قوياي، ئېپى كەلسە سىزمۇ باشقىلارغا پۇلغا قىلىپ بىرەرسىز. ئەمىسە، يازمىنىڭ داۋامىغا مەرھەمەت! پرېستان ئېيتىدۇلەركى : بۇ ئىقتىدارنى ئۆگەنمىگەن بلوگگېر ياخشى بلوگگېر ئەمەس!…

2,458 گىرادۇس 30

«ئاكام سەمەت» قىستۇرمىسى ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق سپەم(ئەخلەت ئۇچۇر)لارنى قەتلىئام قىلىش تاكتىكىسى

424-1

خوش، يېقىندىن بۇيان بلوگىڭىزدا ئىنگىلىزچە ئىنكاسلار يېغىپ كەتتىمۇ؟ بەلكىم «يېڭى WordPressچىلەرنىڭ 5 قىززىق ئىشلىرى، سىز قانچىسىنى قىلىپ باقتىڭىز» ناملىق يازمىمىزدا ئېيتىلغاندەك، بۇ ئىنكاسلاردىن ھاياجانلىنىپ ئۇ ئىنكاسلارنى تەستىقلاپ، جاۋاب بېرىپ ئولتۇرۇۋاتامسىز؟ كېيىن قارىسىڭىز بۇ ئەخلەت ئۇچۇرلار كۈنىگە 100 تالدىن، ھەتتا 1000 تالدىن كۆپىيىۋاتقان، سەل بىنورماللىق ھىس قىلىۋاتقىنىڭىزدا تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، سىزگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىۋاتقان، سىز مۇدائىپە كۆرۈشنى ئەمدى باشلاپ، كۈندە ئىنكاس ئۆچۈرۈش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان، كېيىن ئۆچۈرۈپ بولالماي چارچاپ كېتىۋاتقان، ئاھ، بۇنداق ھالدا بلوگ يازغاندىن بېرىپ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا بېرىپ ئىنكاس يازسامچۇ دەپ چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتقان… ھىم، قايغۇرماڭ،  بۈگۈن مۇشۇ ئەخلەت ئۇچۇرلار ئۈچۈن «ئاكام سەمەت» قىستۇرمىسى ۋە ئۇنىڭ ئارقىلىق سپەم(ئەخلەت ئۇچۇر)لارنى قەتلىئام قىلىش تاكتىكىسىنى ئۆگۈنۈپ قويغۇلۇق، ماڭا ئىشىنىڭكى، سىزگە ياشاش يولى ھامان بار!…

2,938 گىرادۇس 35

باللا، WordPressبلوگىمىزنى ئوت ئالدۇرامدۇق : Gravatar باش سۆرىتىنى يەرلىكلەشتۈرۈشنىڭ تەدبىرى

74-1

دېسەم بىلمەيسىز، يەرشارى باش تۇتاش سۆرىتى دەپ نام قويۇلغان Gravatar باش سۆرىتى بلوگنىڭ سۈرئىتىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قىلىدۇ. ناۋادا، بىز قول تىقىپ ئوپىراتسىيە دەمدۇق، پوپىراتسىيە دەمدۇق، ئىشقىلىپ بىر نېمىلەرنى قىلىپ Gravatarنى يەرلىكلەشتۈرۈۋالساق، ھىم، ئالەششەنى، دېمەيدىغان گەپدىن بىرنى دەپ ساپتىمەن، بلوگىمىزنى ئوت ئالدۇرۇپ قالىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ خىل يەرلىكلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئوينايدىغان قىستۇرما ۋە تەدبىرلەر ناھايىتى كۆپ. بۈگۈن، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تەدبىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن، ئۇستاملار، ئامبۇر-كۇلۇچ دېگەن جابدۇقۇڭلارنى تەييارلاپ بولۇپ، يازمىغا قاراپ ھۇجۇم قىلىڭلار!…

1,536 گىرادۇس 22