تۈرك داڭلىق ناخشىچىسى تاركاننىڭ ئەڭ يېڭى ئالبۇمى : ئەھدىگە ۋاپا

tarkan - ahde vefa

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. بەلكىم بىلىشىڭلار مۇمكىن، مەن تۈركىيە مېگا سىتارى ياكى ئۇيغۇرچە دېسەك داڭلىق ناخشىچىسى تاركاننىڭ سادىق پىنتوزىسى. يېقىندا، تاركان ئەڭ يېڭى پىلاستىنكىسى «ئەھدىگە ۋاپا»(Ahde vefa) ناملىق پىلاستىنكىسىنى ئېلان قىلىپ مېنى قەۋەتلا خۇش قىلىۋەتتى. تېخىمۇ خۇش قىلغىنى بولسا، مەن يانچۇقتىن پۇل چىقىرىپ سېتىۋېلىشىنى ئويلاپ تۇرغىنىمدا، ۋاڭيى مۇزىكىسى(网易音乐)دە بۇ پىلاستىنكىنى چىقىرىپ بوپتۇ، قېنى سىلەرمۇ بىر ئاڭلاپ بېقىڭلار…

196 گىرادۇس 4

مەرھۇم تۈرك سەنئەتكارى «كاياخاننىڭ ئەڭ ئېسىل ناخشىلىرى» پىلاستىنكىسى

مەرھۇم تۈرك سەنئەتكارى كاياخاننىڭ ئەڭ ئېسىل ناخشىلىرى توپلىمى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.  تۈركچە ناخشا ھەۋەسكارلىرىغا مەرھۇم تۈرك سەنئەتكارى كاياخاننىڭ قايتا ئېيتىلغان ناخشىلىرىدىن پۈتۈلگەن پىلاستىنكا «كاياخاننىڭ ئەڭ ئېسىل ناخشىلىرى» ناملىق پىلاستىنكىنى تەۋسىيە قىلىمەن. كاياخاننىڭ ناخشىلىرى لىرىكىلىق، مەزمۇنلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاركان، ئەمرە ئايدىن، مۇستافا جەجەللى، گۈلشەن، سەزەن ئاقسۇ، سېلا، جاندان ئەرچەتىن، ئاژدا پەككان، نىلوفەر، مەھمەت ئەردەم قاتارلىق داڭلىق تۈرك ناخشىچىلىرى كاياخاننىڭ ناخشىلىرىغا قايتىدىن جان بىرىپتۇ. تۈركىيەدىكى نۇرغۇن رادىئولاردا بۇ ناخشىلار ئۈزۈلمەي قۇيۇلىۋاتىدۇ، شەخسەن مەنمۇ ھازىر قايتا – قايتا ئاڭلاۋاتىمەن.

975 گىرادۇس 8

تۈركچە ئۆگىنىش ياردەمچىسى «تۈركچەم»نىڭ ئاندىروئىد(Andorid) نەشىرى ئېلان قىلىندى

uyghurbeg-app-turkchem

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. دۆلىتىمىز بىلەن دىيارىمىزنىڭ سودا ۋە باشقا جەھەتتىكى ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەگە خىزمەت، ساياھەت ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن كېلىدىغانلارنىڭ سانى ئۆزلۈكسىز ئاشماقتا، شۇنداقلا تۈركچە ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. مەزكۇر ئەپ تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان ياكى ئۆگىنىش ئارزۇسىدا يۈرگەن ۋە ياكى تۈركىيەگە ساياھەتكە كېلىپ ئاددى شەكىلدە تۈركچە ئ‍ۆگىنىشى زۆرۈر بولغانلارغا ياخشى قورال بولغۇسى. نۆۋەتتە مەزكۇر ئەپنىڭ iOS نەشىرى بىلەن تەڭ، System تور گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمگىكى بىلەن مەزكۇر ئەپنىڭ Android نۇسخىسىنىمۇ ئېلان قىلدۇق.

2,850 گىرادۇس 8

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] تۈرك چولپانى مۇستاپا جەجەلى – گۈل رەڭگى

 ئۇيغۇربەگ-GECEMUZIKMASTER_07_copy

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. خەتلىك ناخشا يوللىمىغىلى ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ كەتتى، سەۋەبى يوللايدىغان يەرمۇ يوق شۇنداقلا ئۆزۈممۇ ئالدىراش بولۇپ قالدىم، شۇنداقتىمۇ ئالدىنقى مەزگىلدە ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ پۈتتۈرۈپ قويغان ئىككى ناخشام بار ئىدى، بەلكىم يېڭى ناخشىلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاۋاتقان دوستلار بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن خىيال بىلەن، شۇ ناخشىنىڭ بىرى بولغان تۈرك چولپانى مۇستاپا جەجەلى ئىجراسىدىكى مۇھەببەتلىك لىرىكا «گۈل رەڭگى»نى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم، قېنى مەرھەمەت.

1,165 گىرادۇس 8

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] تۈرك چولپانى تاركاننىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىسى – قەسەم قىلدىم

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] تۈرك چولپانى تاركاننىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىسى – قەسەم قىلدىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئالدىنقى قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن خەتلىك فىلىم ئىشلەشدىن ئىنتايىن سوۋۇغان بولساممۇ، ئۆزۈمنىڭ بۇ ياخشى دەپ قارايدىغان ھەۋىسىمنى توختىتىپ قويۇشقا مەيلىم بارمىدى(ئەلۋىدا، يوۋكۇدىكى خەتلىك فىلىملىرىم!). يېقىندا مەن ياخشى كۆرىدىغان تۈرك چولپانى تاركان مەرھۇم شائىر، ئۇستاز ۋە ناخشىسى كاياخاننىڭ ناخشىسى بولمىش « قەسەم قىلدىم » ناملىق ناخشىنى قايتا ئېيتقاندىن كېيىن، ناخشاخۇمارلىقىم تۇتۇپ، ناخشىنى خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ چىقتىم. ئىشىنىمەنكى، بلوگىمدىكى خەتلىك ناخشا ھەۋەسكارلىرى مەزكۇر ناخشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغۇسى.  ناخشىنى ھەر قايسى فىلىم بېكەتلىرىگە يوللىغان بولساممۇ، تەستىقلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى بىلەن تەمىنلىگۈسىمەن. ئادرېس يازما ئىچىدە…

2,609 گىرادۇس 40

تۈركىيە خىزمەت ۋىزىسىگە كېتىدىغان ماتىرىياللار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. يېقىندا بىر قېرىندىشىم تۈركىيەنىڭ خىزمەت ۋىزىسىنى ئالماقچى بولۇپ، ياردەم سورىغان ئىدى. توردىن ماتىرىيال ئىزدەپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلدىم. شۇنداقتىمۇ، تۈركىيەگە خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە كېلىدىغان قېرىنداشلار ئۈچۈن تۈركىيە خىزمەت ۋىزىسىگە كېتىدىغان ماتىرىياللار تىزىملىكىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم. تۈركىيە خىزمەت ۋىزىسىنى بېجىرمەكچى بولغانلار نەزەر سېلىپ قۇيارسىلەر.

1,143 گىرادۇس 6

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى iOS ئەپى غەزەب بىلەن ئېلان قىلىندى

iOS Simulator Screen Shot 1 Mar 2015 21.57.41

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەزكۇر ئەپ 2011-يىلى، 2012-يىلى ئۇيغۇرچە ئون نادىر بلوگلارنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ بلوگ ئەپى بولۇپ، مەزكۇر ئەپ ئارقىلىق ئ‍ۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا يوللانغان ئەڭ يېڭى يازمىلارنى ئايفون ۋە ئايپەددە بىلەن تىز ۋە ئەڭ قولاي ئۇسۇلدا ئېرىشەلەيسىز.

1,291 گىرادۇس 15

ئىزدىنىشتىكى «تۇركىيەگە ئوقۇشقا كەلـمەكچى بولغان دوستلارغا» ناملىق يازمىغا ئىنكاس

turkiyede-oqush-heqqide-inkas

ئىزدىنىش مۇنبىرىغا تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر بۇرادەر تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلمەكچى بولغان بالىلارغا ئاتاپ ئۆزىنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرى ئاساسىدا خېلى تۇتامى بار بىر يازما يېزىپتىكەن. مەنمۇ نەچچە يىللىق ئوقۇغۇچى بولۇپ قالغان بولغاچقا، بۇ يەردىكى ئەھۋاللاردىن ئانچە – مۇنچە بايان قىلىپ، بىر ئىنكاس يازغان ئىدىم. ئىنكاسىم تۆۋەندىكىچە…

3,020 گىرادۇس 21

سۆيگۈنىڭ ئانا يۇرتى ۋە باشقا بىر قانچە شېئىر

سۆيگۈنىڭ ئانا يۇرتى ۋە باشقا بىر قانچە شېئىرلار

شېئىرغا ئىشتىياق باغلىغان چاغلىرىم تولۇق ئوتتۇرا ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك، ھەر كۈنى بىر كىچىك بولسىمۇ بار بولغان خاتىرەمگە ئۆزۈم بىلگەن پەدىدە شېئىر يېزىپ باقىتىم. يازغان شېئىرلىرىمنى توپلاپ بىر قانچە خاتىرىنىمۇ توشقۇزغان. شۇنداقلا، بىر مۇنچە شېئىرلىرىمنى ئاقسالىق قىلىپ، «تەڭرىتاغ»، «تارىم» دېگەندەك چوڭ – چوڭ ژۇرناللارغا ئەۋەتىپ يۈرگەن. ئىچىدە بىر تال شېئىرىمنىڭ ئېزىپ قېلىپ «ئاقسۇ ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان شېئىرلار شۇ پېتى يوقاپ كەتتى. ئۇ شېئىرلارنى ھازىر ئوقۇسام ئۆزەممۇ كۈلىمەن، خۇددى تۆۋەندىكى بىر قانچە شېئىرنى سىلەر ئوقۇساڭلارمۇ كۈلگەندەك…

844 گىرادۇس 0

ناخشىلاردا ئىستانبۇل

Nuri_Bilge_Ceylan_副本

ئىستانبۇلغا كېلىشدىن بۇرۇن، تۈركچە ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ئىستانبۇلغا ئائىت پارچىلارنى تېپىپ ئوقۇشقا، بۇ ئارقىلىق مەن بارماقچى بولغان بۇ گۈزەل شەھەر ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشقا تىرىشاتتىم. گەرچە، بۇرۇن ماڭا يادا بولۇپ كەتكەن بىر مۇنچە تۈركچە ناخشىلاردىن ئىستانبۇل دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان بولساممۇ، لېكىن بۇ سۆزگە ئانچە ئىرەڭشىپ كەتمەپتىكەنمەن، كېيىن بىلسەم، ئاشۇ ناخشىلار ئەسلى شۇ بىر «ئىستانبۇل» سۆزى بىلەن ماڭا نۇرغۇن ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىۋاتقان ئىكەن.

3,343 گىرادۇس 27

ئەلۋىدا، يوۋكۇدىكى خەتلىك فىلىملىرىم!

ئەلۋىدا، يوۋكۇدىكى خەتلىك فىلىملىرىم!

«ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» نامىدا خەتلىك فىلىم تەرجىمە قىلىپ كەلگىنىمگە بەش يىلدىن ئېشىپتۇ. دەسلەپتە، خەتلىك فىلىم ياساشنى ھەۋەس سۈپىتىدە ئۆگىنىپ باشلىغان بولسام، كېيىنچە خەتلىك فىلىم ياساشنى ئۆزۈمنىڭ دەرسدىن سىرتقى بوش ۋاقتىمنى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش پىلانىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ تىل ئۆگىنىش مەقسىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ داۋاملاشتۇرغان ئىدىم. بۇ بەش يىل جەرياندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قانچە كىنو، كۆپ قىسمى تۈركچە بولغان 250گە يېقىن ناخشا، 10غا يېقىن نوتۇق تەرجىمە قىلىپتىكەنمەن، شۇنداقلا، بۇ فىلىملىرىمنى مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئىلىمىزدىكى ئەڭ پاكىز، ئەڭ ياخشى بولغان يوۋكۇغا يوللاپ تۇرغان ئىدىم. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشلارنى ئۆزۈمنىڭ كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن قىلغان بولغاچقا، تەسىرى ۋە ئۈنۈمىنى ئويلىشىپ يۈرمىگەن ئىدىم. تۈركىيەگە كېلىپ بىلسەم، شۇ خەتلىك فىلىملەرنىڭ ئىنتايىن داڭقى بار ئىكەن، بولۇپمۇ تۈركچە-ئۇيغۇرچە خەتلىك ناخشىلار بىر قىسىم تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرىنىڭ تۈركچە ئۆگىنىشىگە ئىنتايىن رولى بوپتۇ؛ بەزى ناخشىلار دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم چوڭ رېستوران-ئارامگاھلارنىڭ دائىم قۇيۇلۇپ تۇرىدىغان ناخشىسىغا ئايلىنىپتۇ، ھەتتا دوۋبەن دەيچىلەر ئۇ ناخشىلارنى توپلاپ دەي قىلىپ سېتىشقا ئۈلگۈرۈپتۇ، ئىشقىلىپ، مەن بىلىپ-بىلمەي قىلغان بۇ ئىشلارنىڭ باشقىلارغا ئازدىن كۆپتۇر پايدىسى تىگىپتۇ. لېكىن، تولىمۇ ئەپسۇسكى…

3,751 گىرادۇس 39

«كىتاب ئوقۇش يىلى»نىڭ تۇنجى ئايلىق دوكلاتىنى بەرمەمسىلە؟

_elifbeyza__5406_1397395905_副本

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، «ئەلى-زىۋىدە مۇسابىقىسى» بىلەن باشلانغان  «كىتاب ئوقۇش يىلى»مىزغا كىرگەنلىكىمىزگە ھەش-پەش دىگۈچە بىر ئاي بولاي دەپ قالدى، 20 كۈندە ھېچ بولمىسا بىر كىتابنى ئوقۇپ بولدى دەپ ئويلاپ مەزكۇر تېمىنى ئاچتىم. قېنى، مۇشۇ 20 كۈن ئىچىدە قايسى كىتابلارنى ئالدىڭلار؟ قايسى كىتابلارنى ئوقۇدۇڭلار؟ قانداق ھىس-تۇيغۇغا كەلدىڭلا؟  بىر دوكلاتىنى بېرىۋەتمەمسىلە، بىزمۇ بەرگەن دوكلاتىڭلاردىن پەيزى كىتاب ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىۋالساق ئەجەپ ئەمەس.مانا مەن باشلامچىلىق قىلىپ. بۇ ئايدا مەن ئۆزۈم ئوقۇغان ئىككى كىتابتىن دوكلات بېرەي:

2,543 گىرادۇس 25