سۆيگۈنىڭ ئانا يۇرتى ۋە باشقا بىر قانچە شېئىر

سۆيگۈنىڭ ئانا يۇرتى ۋە باشقا بىر قانچە شېئىرلار

شېئىرغا ئىشتىياق باغلىغان چاغلىرىم تولۇق ئوتتۇرا ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك، ھەر كۈنى بىر كىچىك بولسىمۇ بار بولغان خاتىرەمگە ئۆزۈم بىلگەن پەدىدە شېئىر يېزىپ باقىتىم. يازغان شېئىرلىرىمنى توپلاپ بىر قانچە خاتىرىنىمۇ توشقۇزغان. شۇنداقلا، بىر مۇنچە شېئىرلىرىمنى ئاقسالىق قىلىپ، «تەڭرىتاغ»، «تارىم» دېگەندەك چوڭ – چوڭ ژۇرناللارغا ئەۋەتىپ يۈرگەن. ئىچىدە بىر تال شېئىرىمنىڭ ئېزىپ قېلىپ «ئاقسۇ ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان شېئىرلار شۇ پېتى يوقاپ كەتتى. ئۇ شېئىرلارنى ھازىر ئوقۇسام ئۆزەممۇ كۈلىمەن، خۇددى تۆۋەندىكى بىر قانچە شېئىرنى سىلەر ئوقۇساڭلارمۇ كۈلگەندەك…

 

سۆيگۈنىڭ ئانا يۇرتى

شۇنداق بىر يەر بارمىكىن،

ئۇ يەردە

سۆيگۈ ھەرگىز خار ئەمەس،

ۋىسال تاپقان ئاز ئەمەس،

جۇدالىق دېگەن بىر سۆز

ھەممىگە

ئەبەدىيگە يار ئەمەس…

2015-يىلى 15-يانۋار ئىستانبۇل

 

 

‏بىر ھەۋەسكار شائىرنىڭ ئىقرارلىرى

شېئىرغا ھەۋىسىم بار، ياخشى يازالمايمەن،

يازغاننى كۆرسەم ئوقۇپ ھۇزۇر ئالالمايمەن.

ھۇزۇر ئالدىم دەپ ئوقۇغان شېئىرىمنى

يا سىياسەتكە، يا تارىخقا باغلاپ قويىمەن

دە شېئىرنى قىيناپ قويىمەن.

شېئىر ئوقۇي دەپ بىر مۇنچە تىللارنى ئۆگىنىمەن،

ئۆز تىلىمدىن بەكرەك باشقا تىللاردىكى شېئىرلاردىن ھۇزۇر ئالدىم دەپ ئويلايمەن.

باشقا تىلدىكى شېئىرنى چۈشۈنۈش خويمۇ ئاسان،

چۈنكى،

ئوقۇغۇنىڭ – چۈشەنگىنىڭ دېمەكتۇر.

ئېرىقدىن قولۇڭدا ئوچۇملاپ ئالغان سۇدەك

ئېنىق ۋە سۈزۈكدۇر.

قولۇڭنى كۆرگەندەكلا ئۇچۇقتۇر.

ھۇزۇر ئالغان باشقا تىلدىكى شېئىرلىرىمنى ئۆز تىلىمغا ئۆزلەشتۈرمەكچى بولىمەن،

ئەمما قاملاشتۇرالمايمەن.

باشقىلار ئۆزلەشتۈرگەن شېئىرنى كۆرسەم

ئەسلى پۇراقنى يوقىتىپتۇ دەپ ئاغرىنىمەن.

ئاچچىقىمدا ئۆزەم بىر تەرجىمە قىلىپ چىقاي دەپ يېڭىمنى تۈرىمەن،

ۋە ئۇ شېئىرنى ئۆلتۈرۈپ قويىمەن.

2014-12-3 ئىستانبۇل

پارە-پارە

ھېلىھەم

ئۆتمۈشتىكى چۈشۈمنى قايتىلاپ كۆرىمەن،

ھازىر يۈز بەرگەندەكلا ھەر بىر ئەسلىمىلىرىم،

قىلغان خاتالىقلىرىمنىڭ بويۇندۇرىقىدىن چىقالماي،

ئاچچىق تاماكا ئىسىغا قوشۇلۇپ كېتىمەن.

ھېلىھەم ئېسىمدە

بالىلىقتىكى ھەر بىر ئويلىرىم،

خوشنىمىزنىڭ كەپتەرلىرىنى ئوغۇرلاپ،

تاۋۇزلىقىنى چاققانلىرىم،

سايلىقدىكى كەڭ دالادا

توشقان قوغلىغانلىرىم

ئەتىيازنىڭ ئىللىق شاماللىرىدا

لەگلەك ئۇچۇرتقانلىرىم…

ئەمدى بولسا تۈگۈلۈپ

قىسمەتلەرگە تۇتۇلۇپ

ئۆزۈممۇ بىلمىگەن كويلارغا چۈشۈپ،

بىر تۈرلۈك سەرسانىمەن…

غېرىبمەن، سەرگەردانمەن

مېنى باشقىلار چۈشەنسۇن دېمەيمەن

ئەمما، مەندەك پارە-پارە بولغان بىر ھالغا

ھېچ چۈشمىسىكەن دەيمەن،

كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇپراقتىن،

ھېچ كەچمىسىكەن دەيمەن،

ئۆلسە ئۆلسۇن ئۆلۈكى

ياقا يۇرتتا قالمىسىكەن دەيمەن،

چۈنكى، مەن ، سەن، ئۇ

ھەممىمىز ئوخشاش،

ھەممىمىز

پارە-پارە……

‏2014.04.19 ئىستانبۇل

تۈركىيەم ئاھ تۈركىيەم

تۈركىيەم ئاھ تۈركىيەم،

ۋېسالىڭغا يەتكەنمەن،

‏يەتمىگەن بار تۈركىيەم.

‏ۋەتەن ئەمەس سەن بىزگە،

‏يەكلىمەيسەن تۈركىيەم،

‏غېمىڭ باركەن بىر سۈرۈك،

‏ھالسىرايسەن بىر تۈرلۈك،

‏چۈشەنمەيمىز غاجايمىز،

‏پايدا بەرمەس بىر تۈرك،

‏سىياسەت ۋە تاكتىكا،

‏مىللەت، تۇپراق، ئىتىقاد،

‏مېدىيا ۋە ئىنتېرنېت،

تالىشىدۇ كىشنەيدۇ،

ۋاقتى كەلسە چىشلەيدۇ،

ھامان بىرى كېلىدۇ،

ئىستانبۇلدىن يازىدۇ،

تۈرك دېگەن بىر شەيتان،

يالماپ يۇتار ئۇ ھامان.

ئىچىمىزدىن تۈگىشىپ

ھارغىن چۈشنى كۆرۈشۈپ

يەنە ساڭا تەلمۈرۈپ

ئۆتىمىزكەن تۈركىيەم

تۈركىيەم ئاھ تۈركىيەم…

2014.02.26  ئىستانبۇل

 

‏چۈشەندۈرەلمەيۋاتىمەن

ئورخان ۋەلى

ئۆزلەشتۈرگۈچى: ئۇيغۇربەگ

يىغلىسام ئاڭلارسىزمۇ ئۈنۈمنى،

مىسرالىرىمدا؛

سۈرتەلەمسىز،

ياشلىرىمنى،

قوللىرىڭىزدا؟

بىلمەيتىم ناخشىلارنىڭ بۇ قەدەر يېقىملىق،

سۆزلەرنىڭ بولسا يېتەرسىز بولىدىغانلىقىنى،

بۇ دەرتكە چۈشۈشدىن بۇرۇن.

بىر يەر بار، بىلىمەن،

ھەممە نەرسىنى سۆزلىگىلى بولىدىغان.

خېلىلا يېقىنلىشىپتىمەن، تۇيىۋاتىمەن،

چۈشەندۈرەلمەيۋاتىمەن.

844 گىرادۇس 0


ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!