مەنمىدىم؟

مەنمىدىم؟

ئۇيغۇربەگ

‎يوقسۇ دوستۇم

‎خاتىرەڭدىكى شۇ ئىنسان مەنمىدىم؟

‎ئېيتقىنىڭدەك ئاتەش يۈرەك مەنمىدىم؟

‎ئىلىمگە يۈرەك سوققان مەنمىدىم؟

‎يۇرتقا تۆھپە قوشماقچى مەنمىدىم؟

‎نامەرتكە پەشۋا ئاتقان مەنمىدىم؟

نېنىنى ھالال تەرىدە يېگەن،

زۇلمەتنى يوقىتىمىز دېگەن،

بىز

ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمۈدى

دېگەن بالا مەنمىدىم

‎ياق، ياق

‎قارا شۇ مۈكچەيگەن ھالىمغا

‎سۈرەتتىكى نەۋقىران مەنمىدىم

2015-يىلى

119 گىرادۇس 4


4 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئابلەت | 11:56 | 2016.03.29 جاۋاب

    بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز. بەزىدە مەنمۇ ئۆزۈمگە شۇنداق سۇئاللارنى قويۇپ قالىمەن. بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇردىكى رەسىملىرىمنى كۆرسەم. ئالىي مەكتەپ تۈگەپ، تۈركىيەگە كىلىپ ئىمتىھان، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە، نە ھايات، نە ئارزۇ، نە غايە ھەققىدىكى شۇ ئويلىرىم قەيەرلەر كەتكەندەك، مەن بەكلا يىراق بىر يەرگە كەتكەندەك……………..

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!