ئەي جاپاكەش بلوگگېرلار، قانچىڭلار، قانداق داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتسىلەر؟

ئەي جاپاكەش بلوگگېرلار، قانچىڭلار، قانداق داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتسىلەر؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئاۋۋال ئۆتۈپ كەتكەن نورۇز بايرىمىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. تېلىفونغا باغلىنىپ قالغان، بولۇپمۇ ئۈندىدارغا بېكىنىۋالغاندىن بېرى، نۇرغۇن نەرسىلەردىن، نۇرغۇن ھەۋەسلەردىن قۇرۇق قالغانلىقىمنى ھىس قىلىۋاتىمەن. بۇ ھەۋەسلەر ئىچىدە، مۇنبەر ئويناش، كىتاب كۆرۈپ، بلوگ ئارىلاش، خەتلىك فىلىم ياساش قاتارلىق مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى مەنىلىك قىلغان ئىشلارمۇ بار ئىدى. مەن بۈگۈن، بلوگىمدىكى دوستانە ئۇلىنىشلاردىكى بلوگلارنى بىردىن – بىردىن ئېچىپ، نۇرغۇنلىرىنىڭ ئاللىقاچان ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغانلىقىنى، يەنە نۇرغۇنلىرىنىڭ يېڭىلىنىپ باقمىغىلى خېلى بولغانلىقىنى بايقىدىم.

110 گىرادۇس 13

بلوگىمىزنىڭ يېڭى ئەپى ‹‹ ئۇيغۇربەگ + ›› ئېلان قىلىندى

uyghurbegpro-app

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. تۇرايىمىزنىڭ iOS سېستىمىلىق ئەپى بۇرۇن ئەپ بازىرىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ قېتىم كۆرۈنمە يۈزى ۋە ئىقتىدارى جەھەتتە ئەلالاشتۇرۇلغان شۇنداقلا ھەمبەھىرلەش، ئىنكاس ئىقتىدارى قوشۇلغان يېڭى نەشىرىدىكى << ئۇيغۇربەگ + >> (پرو دەپ قويىلى ئۆزىمىزچە) ھازىر ئەپ بازىرىدا ئېلان قىلىندى. بۇرۇنقى نەشىرىدە iPad نۇسخىسى بار بولۇپ، بۇ نەشىردە iPad ئۈچۈن ياسالمىدى(iPad ئۈچۈن ئايرىم ياسىلىۋاتىدۇ)، شۇڭلاشقا، ئەپنى نەشىر كۆتۈرۈش ھالىتىدە ئەمەس، يېڭى بىر ئەپ ھالىتىدە ئېلان قىلدۇق.

121 گىرادۇس 5

ئالما تېلىفونلىرى ئۈچۈن شېئىرنامە قازناقتىن چىقتى

flat-shiirname

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. كەمىنىنىڭ نەچچە ئايلىق ئىزدىنىشى، ئىشلىشى، ئويلىنىشى ئاستىدا شېئىرخۇمار دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا يېڭىچە بىر ئەپ <<شېئىرنامە>>نى سۇندۇم.   نۆۋەتتە، شېئىرنامەگە 30دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە چەتئەل شائىرلىرىنىڭ 700 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرى قۇشۇلغان بولۇپ، يېڭى شېئىر ۋە شائىرلار داۋاملىق قۇشۇلىدۇ ۋە قۇشۇلماقتا.

320 گىرادۇس 4

شائىرنىڭ تېمىسىز شېئىرى

شائىرنىڭ تېمىسىز شېئىرى

دۈشۈنجەلى ئۇيغۇربەگ

ئەي دوستۇم

مەندىمۇ بىر ئۈمىد بارتى

غازاڭ پەسلى كېلىشدىن بۇرۇن

مەندىمۇ بىر غەزەل بارتى

ئۈمىد چىرىغىم ئۆچۈشتىن بۇرۇن

مەنمۇ سەندەك ئىدىم

ھاياتنى بىر يولۇچى دەيتىم

ياخشى ياشاش كېرەك دەيتىم تېخى

ساڭا دېسەم

مەن ھاياتنى بىر يالغانچى دەيمەن

نەۋباھاردا چېچەكلەر ئېچىپ

كۈزدە بىزنى تاشلىغان مىۋىسىز دەرەخ دەيمەن

مەن تۇرمۇشنى خوجايىن دەيمەن

مەن ئۆزۈمنى قۇل-دېدەك دەيمەن

مەن ھەممىڭلارنى مەندەك دەيمەن

ئىشەنسەڭ

مەن تەقدىرگە ئەمەس

ئۆزۈمگە تەن بەرگەنمەن

2015-يىلى 2-دېكابىر

93 گىرادۇس 0

بىر شائىرنىڭ ئۆزۈرى

بىر شائىرنىڭ ئۆزۈرى

 ئۇيغۇربەگ

ئەي قەلىمىم،
بىلىۋاتىمەن مەندىن رەنجىدىڭ،
سىياھ قۇسۇپ بىر پەس تىنجىدىڭ.
يازالمىدىم سەندە نەسىھەت،
قۇرالمىدىم سەندە سەلتەنەت.
ياراتمىدىم سۆيگۈنى قايتا،
ماختىمىدىم مەجنۇننى ئەسلا.

مەن نېمە قىلدىم؟
مەن ئۇزۇن سۈكۈت قىلدىم،
قىيا تاشنى ئۆرنەك قىلدىم.
شىلدىرلاپ ئاققان سۇلارنى ئەمەس،
گۈل ئىشقىدا بۇلبۇلنى ئەمەس،
تىۋىشسىز دەرەخلەرنى تۇتېم قىلدىم،
تىمتاس قىرغاقلارنى ئۇدۇم قىلدىم.
بەرھەق!
مەن سۈكۈتنى كېپەن قىلدىم،
قورقۇنچنى چاپان قىلدىم،
ئىلھامىمنى ئولپان قىلدىم.
مەن
ھاياتنى دەپ ھاياتنى ياقتىم،
ئۆزۈم سۆيمىگەن ئىشىكنى قاقتىم…

سۇنمىدىڭ قەلىمىم، سۇنمىدىڭ،
سەن سۇنمىدىڭ مەن سۇلدۇم،
مەن
ئانام قىلغان دۇئالارنى،
ئاتام يارغان ئوتۇنلارنى،
ئاكام يازغان شېئىرلارنى،
بالىلىقىمدا ئالغان ئۈمىدلەرنى،
ھەسرەت ئىچىدە يۈتتۈم.

قەلىمىم،
مەن ۋەتەننى، مەن ئانامنى، مەن ئاكامنى،
ماتەم ئىچىدە سېغىندىم…

2015-يىل 7-ئاۋغۇست ئىستانبۇل

153 گىرادۇس 3

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ئۇيغۇربەگنىڭ خەتلىك فىلىملىرىنى ياساش تېخنىكىسى ئاشكارىلاندى! شۇنچىلىك ئاسانكى…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. يۇقارقى ماۋزۇنى ئۇنتۇپ كېتىڭ، ئەسلى ماۋزۇسىنى «ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ياساشتىكى دەرسلىك» دەپ قويماقچى ئىدىم، تېخىمۇ كۆپرەك ئادەم كۆرۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىددە بىر ماۋزۇ ئويناپ قويدۇم. گەپكە كەلسەم، بلوگىم ۋە ئېلخەتتە مەندىن خەتلىك فىلىمنى قانداق قايسى پروگرامما، قايسى دىتالدا ياسايدىغانلىقىمنى سورىغان تورداشلار بار ئىدى، قايسى كۈنى مۇشۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشنى ئويلاۋېتىپ، بىر دەرسلىك تۈزۈپ چىقىشنى ئويلاشتىم ھەمدە بىر يېرىم سائەتلىك مەزكۇر دەرسلىكنى تۈزۈپ چىقتىم.

967 گىرادۇس 22

تەۋسىيە يېڭى ئەپ: كۈنلەر

1588100908

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر.  يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىڭ سانى كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە. ھەتتا بىر قىسىم پىشقەدەم بلوگگېرلارمۇ ئەپ ئېچىشقا يۈزلىنىشكە باشلىدى. شۇلارنىڭ بىرى بولغان سابىق ۋارىس رۇزى بلوگىنىڭ ئاپتورىنىڭ ئىجادىيىتى ئاستىدا پۈتكەن  ئالما تېلىفونلىرى ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئەپ <<كۈنلەر>>نى ھۇزۇرۇڭلارغا ئېلىپ كەلدىم. 

932 گىرادۇس 6

bulbul.me تور نامى سېتىلىدۇ

internet-browser-2-640x0_copy

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر،  ئۆزۈم بىر زامانلار ئېلىپ ساقلاپ قۇيۇشقا ئالغان ئىسىم بۇلبۇل.مەن(bulbul.me) تور نامى بار ئىدى، ئويلاپ باقسام، بۇ ئىسىمنى قۇچاقلاپ ياتساممۇ ماڭا ئىقتىسادىي زىياندىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمەيدىكەن. ئىچ پۇشۇق بار چاغلاردا، bulbul.me نامىدا بىر تور بېكەتمۇ قۇرۇپ قويغان. مەندە تۇرسىمۇ تۇرىدۇ، ئالىدىغانلار چىقسا سېتىپلىۋېتەي.

311 گىرادۇس 0

[WordPress ئۇسلۇبى] بۇلبۇل بلوگى ئۇسلۇبى – Deluxe

[WordPress ئۇسلۇبى] بۇلبۇل بلوگى ئۇسلۇبى – Deluxe

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىڭلارغا، ئائىلەڭلارنىڭ تىنچ – ئامان تىلەكداشمەن(بۇ يەردە قىزغىن بىر چاۋاق بار بولۇشى مۇمكىن). 2015- يىلى خىزمەت ۋە ئۆگىنىش تۈپەيلىدىن WordPress ھەققىدە تۈزۈكرەك بىر ئىزدىنىشكە قادىر بولالمىدىم. شۇنداقتىمۇ، يېڭى يىلغا بىر سوۋغا سۈپىتىدە مۇشۇ يىلى بۇلبۇل بلوگى ئۈچۈن ئۆزلەشتۈرگەن بىر ئۇسلۇبنى ھەقسىز تارقىتىشنى ئويلاشتىم، ياقتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

865 گىرادۇس 17

تۈركچە ئۆگىنىش ياردەمچىسى «تۈركچەم»نىڭ ئاندىروئىد(Andorid) نەشىرى ئېلان قىلىندى

uyghurbeg-app-turkchem

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. دۆلىتىمىز بىلەن دىيارىمىزنىڭ سودا ۋە باشقا جەھەتتىكى ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەگە خىزمەت، ساياھەت ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن كېلىدىغانلارنىڭ سانى ئۆزلۈكسىز ئاشماقتا، شۇنداقلا تۈركچە ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. مەزكۇر ئەپ تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان ياكى ئۆگىنىش ئارزۇسىدا يۈرگەن ۋە ياكى تۈركىيەگە ساياھەتكە كېلىپ ئاددى شەكىلدە تۈركچە ئ‍ۆگىنىشى زۆرۈر بولغانلارغا ياخشى قورال بولغۇسى. نۆۋەتتە مەزكۇر ئەپنىڭ iOS نەشىرى بىلەن تەڭ، System تور گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمگىكى بىلەن مەزكۇر ئەپنىڭ Android نۇسخىسىنىمۇ ئېلان قىلدۇق.

2,850 گىرادۇس 8

[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] تۈرك چولپانى مۇستاپا جەجەلى – گۈل رەڭگى

 ئۇيغۇربەگ-GECEMUZIKMASTER_07_copy

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. خەتلىك ناخشا يوللىمىغىلى ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ كەتتى، سەۋەبى يوللايدىغان يەرمۇ يوق شۇنداقلا ئۆزۈممۇ ئالدىراش بولۇپ قالدىم، شۇنداقتىمۇ ئالدىنقى مەزگىلدە ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ پۈتتۈرۈپ قويغان ئىككى ناخشام بار ئىدى، بەلكىم يېڭى ناخشىلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاۋاتقان دوستلار بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دېگەن خىيال بىلەن، شۇ ناخشىنىڭ بىرى بولغان تۈرك چولپانى مۇستاپا جەجەلى ئىجراسىدىكى مۇھەببەتلىك لىرىكا «گۈل رەڭگى»نى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم، قېنى مەرھەمەت.

1,164 گىرادۇس 8

[ يېڭى ئىجادى ئەپ] ئالما ۋە ئەنجۈر تېلىفونلىرى ئۈچۈن «ئۆتكۈرنامە» قازناقتىن چىقتى

app-icon

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئالدىنقى قېتىملىق يازمامدا ئېيتىلغاندەك، ئىزدىنىشىمنىڭ نەتىجىسىدە پۈتكەن «ئۆتكۈرنامە» ناملىق ئەپ ئاخىرى ئەپ بازىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، ئەپ دۇكىنىغا يوللاندى. ئەي، ئەنجۈر تېلىفون ئابۇنتلىرى، يېشىڭلارنى سۈرتىۋېتىڭلار، سىلەرمۇ بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئىكەنسىلەر، بۇ قېتىم سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق. بۇدا «ئۆتكۈرنامە»نىڭ ئۇلى ئاندروئىد ئۈچۈنمۇ سوقۇلدى. مۇشۇنداق ياخشى بىر ئەپنى چۈشۈرمەي، تارقاتماي يۈرۈشكە قەلبىڭىز قانداق ئۇنىسۇن؟ ئەمىسە، يازمىنىڭ داۋامىغا نەزىرىڭىزنى دەھشەتلىك ئاغدۇرۇڭ…

2,726 گىرادۇس 14