شائىرنىڭ تېمىسىز شېئىرى

شائىرنىڭ تېمىسىز شېئىرى

دۈشۈنجەلى ئۇيغۇربەگ

ئەي دوستۇم

مەندىمۇ بىر ئۈمىد بارتى

غازاڭ پەسلى كېلىشدىن بۇرۇن

مەندىمۇ بىر غەزەل بارتى

ئۈمىد چىرىغىم ئۆچۈشتىن بۇرۇن

مەنمۇ سەندەك ئىدىم

ھاياتنى بىر يولۇچى دەيتىم

ياخشى ياشاش كېرەك دەيتىم تېخى

ساڭا دېسەم

مەن ھاياتنى بىر يالغانچى دەيمەن

نەۋباھاردا چېچەكلەر ئېچىپ

كۈزدە بىزنى تاشلىغان مىۋىسىز دەرەخ دەيمەن

مەن تۇرمۇشنى خوجايىن دەيمەن

مەن ئۆزۈمنى قۇل-دېدەك دەيمەن

مەن ھەممىڭلارنى مەندەك دەيمەن

ئىشەنسەڭ

مەن تەقدىرگە ئەمەس

ئۆزۈمگە تەن بەرگەنمەن

2015-يىلى 2-دېكابىر

94 گىرادۇس 0


ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!