[خەتلىك ناخشىلىرىمدىن ] تۈرك چولپانى تاركاننىڭ ئەڭ يېڭى ناخشىسى – قەسەم قىلدىم
-
سەھىپە:تەرجىمە ناخشا
باھا:40 دانە
13-05-2015
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئالدىنقى قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن خەتلىك فىلىم ئىشلەشدىن ئىنتايىن سوۋۇغان بولساممۇ، ئۆزۈمنىڭ بۇ ياخشى دەپ قارايدىغان ھەۋىسىمنى توختىتىپ قويۇشقا مەيلىم بارمىدى(ئەلۋىدا، يوۋكۇدىكى خەتلىك فىلىملىرىم!). يېقىندا مەن ياخشى كۆرىدىغان تۈرك چولپانى تاركان مەرھۇم شائىر، ئۇستاز ۋە ناخشىسى كاياخاننىڭ ناخشىسى بولمىش « قەسەم قىلدىم » ناملىق ناخشىنى قايتا ئېيتقاندىن كېيىن، ناخشاخۇمارلىقىم تۇتۇپ، ناخشىنى خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ چىقتىم. ئىشىنىمەنكى، بلوگىمدىكى خەتلىك ناخشا ھەۋەسكارلىرى مەزكۇر ناخشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغۇسى. ناخشىنى ھەر قايسى فىلىم بېكەتلىرىگە يوللىغان بولساممۇ، تەستىقلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن بىۋاستە چۈشۈرۈش ئادرېسى بىلەن تەمىنلىگۈسىمەن. ئادرېس يازما ئىچىدە…
ناخشا تېكىسى تەرجىمىسى
قەسەم قىلدىم
سۆزى ۋە مۇزىكىسى: كاياخان
ئەسىرلەردىن بىرى يالغۇزمەن، پۇشايمانغا قاچام يوق
بىر ئاچچىققا مەھكۇم قىلدىم ھەممىنى
بىر قەسەم قىلدىمكى، قايتماسمەن ئارقامغا دەپ
قايغۇ تونىللىرىڭدا سولدۇم تەقدىرىڭگە،
جەھەننەمدە كۆيسۈن بۇ تىلىم،
بىر قەسەم قىلدىمكى، قايتماسمەن ئارقامغا دەپ
سېنى بەرسۇنلەر باشقىلارغا، مېنى ئۇرسۇنلار
ساڭا سەۋدانىڭ يوللارى، ماڭا ئوق ياغسۇنلار
قىيامەتلەر چىقماقتا بىچارە يۈرەگىمدە
تۈگەشتىم، تۈگەشتىم تۈگەشتىم ئارتۇق
ھېچ سېغىنمىدىڭمۇ، ھېچ ھەققىم يوقمۇ؟
بىر ئىزدە، بىر سورا خۇدا ھەققىگە
ناخشىدىن كۆرۈنۈشلەر
چۈشۈرۈش ئادرېسى
چۈشۈرۈش ئادرېسى: http://pan.baidu.com/s/1bnhhpoV
مەخپىي كود: xcyq
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
مەزكۇر ناخشىنى خەتلىك قىلىش ئۈچۈن مېنىڭ تالاي ئەجرىم سىڭگەن. ناخشىنى چۈشۈرۈشتىكى مەقسىدىممۇ ئەجرىمنىڭ خالىس كىشىلەرگە تىگىشىدىن ئىبارەت. مەندىن رۇخسەتسىز ناخشىنى سالونغا يولىشىڭىزغا ۋە ياكى باشقا ئۇسۇلدا، مەسىلەن بۇرۇن كۆرۈلگەن ئەھۋاللاردىكىدەك ئۈستىدىكى تامغامنى ۋە تەرجىمە ئۇچۇرۇمنى كىسىۋېتىپ، غىپپىدە ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي تېلىۋىزور قۇتىلىرىدا ئىشلىتىشىڭىزنى قەتئىي ئۈمۈد قىلمايمەن. رۇخسەتسىز ئىشلەتكەن بولسىڭىز تۈركلەرنىڭ گېپى بۇيىچە، ھەققىمنى سىلەرگە ھالال قىلمايمەن، يەنى ھەققىمگە رازى بولمايمەن. رۇخسىتىمنى ئېلىش ئۈچۈن، مەزكۇر بلوگنىڭ خالىغان يىرىگە ئىشلىتىدىغان ئورنىڭىز، تاپاۋەت ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
2,640 گىرادۇس 40