تۈركچە ئۆگىنىش ياردەمچىسى «تۈركچەم»نىڭ ئاندىروئىد(Andorid) نەشىرى ئېلان قىلىندى
-
سەھىپە:تور يېڭىلىقلىرى، تۇرا يېڭىلىقلىرى
باھا:8 دانە
24-12-2015
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. دۆلىتىمىز بىلەن دىيارىمىزنىڭ سودا ۋە باشقا جەھەتتىكى ئالاقىسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈركىيەگە خىزمەت، ساياھەت ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن كېلىدىغانلارنىڭ سانى ئۆزلۈكسىز ئاشماقتا، شۇنداقلا تۈركچە ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. مەزكۇر ئەپ تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان ياكى ئۆگىنىش ئارزۇسىدا يۈرگەن ۋە ياكى تۈركىيەگە ساياھەتكە كېلىپ ئاددى شەكىلدە تۈركچە ئۆگىنىشى زۆرۈر بولغانلارغا ياخشى قورال بولغۇسى. نۆۋەتتە مەزكۇر ئەپنىڭ iOS نەشىرى بىلەن تەڭ، System تور گۇرۇپپىسىنىڭ ئەمگىكى بىلەن مەزكۇر ئەپنىڭ Android نۇسخىسىنىمۇ ئېلان قىلدۇق.
ئەپ مەزمۇنى ھەققىدە:
مەزكۇر ئەپ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇنلار تۆۋەندىكىچە:
1. تۈركىيە خىزمەت، ئوقۇش ۋە ساياھەت ۋىزىسىنى بېجىرىش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان ماقالىلەر
2. تۈركچە ئېلىپبە
3. تۈركىيەدىكى 20 ياخشى ئۇنىۋېرسىتىتلار تىزىملىكى
4. تۈركچە – ئىنگىلىزچە لۇغەت
5. جەمئىي 14 ساھەدە كۆپ قوللىنىلىدىغان جۈملىلەر
6. جەمئىي 16 ساھەدە كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلۈكلەر
ئەپتىن كۆرۈنۈشلەر:
ئەپنى چۈشۈرۈش:
تىزيول تورىدىن بىۋاستە چۈشۈرۈش:
http://www.tizyol.cn/Turkchem.apk
بەيدۇ بوشلۇقىدىن چۈشۈرۈش:
http://pan.baidu.com/s/1nu0ZKlr
Dropboxدىن چۈشۈرۈش:
https://www.dropbox.com/s/kn5ztoy70lyklho/Turkchem.apk?dl=0
Onedriveدىن چۈشۈرۈش:
ئاخىرقى سۆز
مەزكۇر ئەپ ھەقسىز تارقىتىلغان بولۇپ، ھەرقانداق شەخىسنىڭ ھەقلىق قىلىش تارقىتىشىغا ھەمدە سودا خاراكتىرىدە قوللىنىشىغا بولمايدۇ. ئەپ ھەققىدىكى تەكلىپ – پىكىرلەرنى مەزكۇر تىمىغا ئىنكاس ھالىتىدە بەرگەيسىز، باشقا يەرلەردە بېرىلگەن تەكلىپ – پىكىرلەر
مەزكۇر ئەپنىڭ iOS نەشىرى ھەققىدىكى يازمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: