كىتابسىز مونولوگ
-
سەھىپە:ئىجادىيەت گۈلزارى
باھا:2 دانە
05-03-2016
كىتابسىز مونولوگ
دۈشۈنجەلى ئۇيغۇربەگ
–
بۈگۈن كىتاب ھەققىدە سۆز قىلمايمىز
شېئىر ھەققىدە ھەم
بۈگۈن ئىجادىيەت ھەققىدە سۆز ئاچمايمىز
دۇنيادا غىچچىدە غەم
–
بۈگۈن قۇرىمىز كىتابسىز بىر رېتىم
بىتچىت قىلىمىز
ھاياتسىز پۈتكەن قۇرلارنى
ھاياسىز پۈتكەن مىسرالارنى
بۈگۈن
يازغۇچىنىڭ ۋىجدانىنى جىڭلايمىز
شائىرنىڭ ئىمانىنى تىڭلايمىز
بۈگۈن
ھەممە نەرسىنى يېڭىدىن باشلايمىز
–
بۈگۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتەك
يېڭى ئېچىلغان چىچەكتەك
كىتابسىز بىر مونولوگ تۈزەيمىز
2015-يىلى 5-دېكابىر
97 گىرادۇس 2