WordPressدە خەتكۈچ ۋە سەھىپىلەرنى توپ ھالەتتە بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى

creating-a-wp-plugin

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. يېقىندا تۇرايىمىزنىڭ iOS ئەپىنى يېڭىلاش جەريانىدا سەھىپىلەرنى رەتلەش ئىھتىياجى تۇغۇلدى. سەھىپىلەرنى رەتلەش جەريانىدا بلوگىمدىكى نۇرغۇن سەھىپىلەر ۋە خەتكۈچلەرنىڭ نىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى، بەزى سەھىپىلەرنىڭ قايتىلىنىپ كەتكەنلىكىگە دىققەت قىلدىم. ئەمما، نورمالدا بۇ سەھىپىلەرنى قولدا بىرىكتۈرۈش توغرا كەلسە، ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق. ئەمما،  WordPress تەمىنلىگەن قىستۇرما ئارقىلىق بۇنى ئەپچىللا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

157 گىرادۇس 2

[ WordPress قىستۇرمىسى ] بلوگنى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىغا باغلاش قىستۇرمىسى – weixin-robot

WordPress_副本

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، ئالدى بىلەن كېچىكىپ قالغان بولساممۇ سىلەرنىڭ قۇربان ھېيتىڭلارنى مۇبارەكلەيمەن: قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئۇزۇن بوپتىكەن WordPress ۋە ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغىلى، نەچچە كۈن ئاۋال بىر خەنزۇچە بلوگدا WordPressدە قۇرۇلغان بېكەتلەرنى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىغا باغلىغىلى بولىدىغان قىستۇرمىنى ئۇچرىتىپ، بىر ئاز سىناق قىلغاندىن كېيىن ياراپ قالدى. بۈگۈن سىلەر بىلەن مەزكۇر قىستۇرما ھەققىدە بىرئاز بىلىملەرنى ئورتاقلىشىپ ئۆتەي…

4,406 گىرادۇس 29

WordPress ئۇسلۇبى ياسىتامسىز؟ ئەمىسە تىزدىن زاكاس قىلىڭ…

WordPress ئۇسلۇبى ياسىتامسىز؟ ئەمىسە تىزدىن زاكاس قىلىڭ…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز بلوگداشلار، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش داۋامىدا تورغا كۆپ چىقىپ بولالمىدىم، ئەمما سىلەرنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق. ئەلھەمدۇلىللا، يېقىندا خىزمەتكە ئوڭۇشلۇق ئورۇنلىشىپ، ئىشلىرىمنى بىرەر قۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ بولدۇم. بۇرۇن نۇرغۇن بلوگگېرلارنىڭ ئۇسلۇب ياساپ بېرىش تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ كەلگەن ئىدىم، ئەمدىلىكتە ۋاقتىم ئازراق بولسىمۇ سېلىككەچ مەزكۇر يازمىنى يوللاپ تۇرۇپتىمەن، WordPress ئۇسلۇب ياساتماقچى ياكى دوراپ ياساتماقچى بولسىڭىز مەزكۇر يازمىغا دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ…

4,295 گىرادۇس 22

wordpress يانفۇن ئۇسلۇبى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش

iphone_prestan_uyghurbeg

يانفونلارنىڭ ئەقلىيلىشىگە ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىرىمىز يانفون ئارقىلىق تورغا چىقىشقا كۆنۈپ كەتتۇق، شۇنداقلا بلوگىمىزغا يانفون ئۇسلۇبى ياساش ئىھتىياجىمىز ئېشىشقا باشلىدى. بۇرۇن «WPtouch قىستۇرمىسى ئۇيغۇرچىلاشتى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى!» ناملىق يازمىمىزدا قىستۇرما ئارقىلىق يانفون ئۇسلۇبى ھاسىل قىلىشنى ئۆگەنگەن بولساق، بۇ قېتىم يانفون ئۇسلۇبىنى ئۆزىمىز ھەل قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىپ ئۆتىمىز.

2,560 گىرادۇس 14

[WordPress تېخنىكىسى] يازما ماۋزۇسىغا يازما ئېچىلىۋاتىدۇ ئۈنۈمىنى چىقىرىشنىڭ تەدبىرى

inspire_cloud_wallpaper_by_sanguineepitaph-d3ywlaj_副本

ئۇزاق بوپتىكەن تېخنىكا ئويناپ باقمىغىلى، بلوگداشلارنىڭ قولى قىچىشىپ قالدىغۇ دەيمەن. بۈگۈن مەن بلوگداشلارغا يازمىنىڭ ماۋزۇسىنى باسقاندا ماۋزۇسىنىڭ ئورنىدا «يازما ئېچىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئۈنۈمنى قانداق ھاسىل قىلىشنى بىر سۆزلەپ ئۆتەي، ئۈنۈمىنى مۇشۇ يېڭى تۇرادىكى بىرەر يازمىنىڭ تېمىسىنى چىكىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەمىسە يازمىغا مەرھەمەت…

2,119 گىرادۇس 13

WordPress چىراي ئىپادىسىنىڭ ئادرېسىنى ئۆزگەرتىش

0061_副本
ئىنكاس يېزىش بلوگىلارنىڭ ئۆز-ئارا ئالاقە باغلاشتىكى قورالى، شۇنداقلا ئىنكاس ئارىسىدا چىراي ئىپادىسى قوشۇلسا، چايغا ناۋات سالغاندەكلا ياخشى ئىش. WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن چىراي ئىپادىسى بەكلا مەتو، مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن چىراي ئىپادىسىنى ئىشلىتىشكە ئامراق، شۇڭا ئۆزۈم شاققىدە بۇرۇنقى چىراي ئىپادىسنىڭ ئورنىغا باشقا چىراي ئىپادىسىنى ئالماشتۇرۇپ قويدۇ. wordpress ئۆزى تەمىنلىگەن چىراي ئىپادىسى 22 تال بولۇپ، بىر-بىرىدىن سەت، بەتبەشىرە…ھا ھا… (چىراي ئىپادىسىنى لايىھەلىگەن كىشى بۇ گېپىمنى كۆرسە قانچە تىللا مېنى)

1,184 گىرادۇس 3

WordPress قا تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن چېكىنىپ چىقىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش

429

WordPress نىڭ باشقۇرۇش قىسمىغا بىر قېتىم كىرگەندىن كېيىن، ئادەتتە يەرلىككە بىر دانە Cookie ھۆججىتى ئارقىلىق تىزىملىنىپ كىرىش ئۇچۇرلىرىمىزنى ساقلاپ بېرىدۇ ۋە بۇ ئۇچۇرنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 48 سائەت بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە سىز پەقەت تور كۆرگۈنى تاقىمىسىڭىزلا، 48 سائەتكىچە باشقۇرۇش قىسمىدىن چېكىنىپ كەتمەيدۇ. ناۋادا باشقۇرۇش قىسمىغا كىرىدىغان چاغدا، ساقلىۋېلىش دېگەن ئورۇنغا بەلگە ئۇرۇپ قويغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ھەر قېتىم باشقۇرۇش قىسمىغا كىرگەندە پارول سورىمايلا ئاپتوماتىك كىرىسىز، ھەمدە بۇ نىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى 14 كۈن بولىدۇ، بۇ 14 كۈن توشسا، باشقۇرۇش قىسمىدىن چېكىندۈرۈلىسىز ۋە قايتا كىرىشكە مەجبۇر بولىسىز.

778 گىرادۇس 3

wordpress 3.5.1 تا دوستانە ئۇلىنىشنى قانداق قوشىمىز


بلوگىمنى wordpress 3.5.1 نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسغا يېڭىلىغاندىن كېيىن «ئۇلانما باشقۇرغۇچ» نىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم، wordpress نىڭ ئۇيغۇرچە ئورگان تورىغا قاراپ باقسا، بۇ قېتىمقى نەشرىدە «ئۇلانما باشقۇرغۇچ» نىڭ چىقىرىپ تاشلانغانلىقى ئېيتىلىپتۇ، ئۇنداقتا دوستانە ئۇلىنىشنى قانداق قاتىمىز؟ بۇنىڭ ئىشىمۇ ئاسان ئىكەن، ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن «Link Manager» قىستۇرمىنى (ئاپتورى: wordpress) قاچىلاش ئارقىلىق ئۇلىنىش قۇشۇش مەقسىتىمىزگە يېتەلەيدىكەنمىز. باشقۇرۇش تاختىسىدىن (بۇرۇن باشقۇرۇش بېتى دەيدىغان، ھازىر باشقۇرۇش تاختىسى دەيدىكەنمىز ) قىستۇرمىنى ئىزدەپ قاچىلاپ قويساقلا ئىش تامام.

1,286 گىرادۇس 7

نېمىشقا سىزنىڭ wordpress بلوگىڭىز E-mail ئەۋەتەلمەيدۇ


تورداشلار دائىم مەندىن تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە سۇئالنى سورايدۇ:

  • نېمىشقا wordpress قا تىزىملاتسام، بلوگىم ماڭا E-mail ئېۋەتمەيدۇ؟
  • نېمىشقا مۇناسىۋەتلىك قىستۇرمىلارنى قاچىلىغان بولساممۇ، ئىنكاس يازغانلارغا جاۋاب يازسام E-mail ئېۋەتمەيدۇ؟
1,016 گىرادۇس 4

بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (2-باب: خاككېر ئېمپىرىيىسى)

hacker-wallpaper_00409076_副本

ئالدىنقى يازمىمىز «بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (1-باب: قىستۇرمىلار بىلەن جەڭگە تەييارلىنىش) »دە بىز قىستۇرمىلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق سىپەملەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ھەمدە بىر قەدەر ئۈنۈمگە ئېرىشكەن، ئەمدىلىكتە بىز بۇ يازمىمىزنىڭ ئىككىنچى قىسمى «خاككېر ئېمپىرىيىسى» بابىغا كەلدۇق. بۇ بابدا بىز ئانچە-مۇنچە كود ئويناش ئارقىلىق سىپەملەرنى قىرغىن قىلىشنىڭ تەدبىرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىققۇسىمىز، دىققىتىڭىز يازمىمىزدا بولسۇن!….

890 گىرادۇس 3

بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (1-باب: قىستۇرمىلار بىلەن جەڭگە تەييارلىنىش)

091933oopj0lycz0up3qvp_副本

بلوگنى يېڭى قۇرۇپ بولۇپ نەچچە كۈن ئۆتمەيلا چەتئەلدىن تونۇمايدىغانلار تۇققانلار ئىنگىلىزچە ئىنكاس يېغىپ كەتتى، ئۇلارنى ئۆچۈرۈپ تۇرساق بۇ بەز تۇققانلار يازمىمىزدىن ياكى ئىنكاسلاردىن بىرەر جۈملە سۆزنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ بلوگىمىزنى ئەخلەت ئىنكاس بىلەن تولدۇرۇپ تاشلىدى، قانداق قىلىمىز؟ بۈگۈنكى ۋە ئەتىدىكى يازمىمىزدا سىپەمدىن ساقلىنىشنىڭ 6 تەدبىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز، ئاددىيراق بولۇشى ئۈچۈن بۈگۈنكى قىسمىمىزنى قىستۇرمىلارغا ئاتىدۇق، سىپەمدىن زىرىككەن بولسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىمىزدا بولسۇن.

1,354 گىرادۇس 12

WordPress دە مەلۇم مەزمۇننى پەقەت باشبەتتىلا ياكى 1-بەتتىلا كۆرسىتىش

بەزىدە مۇلۇم مەزمۇننى پەقەت 1-بەتتىلا ياكى باشبەتتە كۆرسىتىشكە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىمىز. بۇ يەردىكى باشبەت دېگىنىمىز 1-بەت، 2-بەت، 3-بەت…..-بەت لەرنى كۆرسىتىدۇ، يەنى index بېتى، باشبەتتىكى مەلۇم يازمىنى تېمىسىنى چەككەندە ئېچىلغان بەت بولسا single بېتى. شۇنداق قىلىپ باشبەت بىلەن 1-بەتنىڭ پەرقىنى بىلىپ بولدۇق. ئۇنداقتا بىز باشبەتتە ياكى 1-بەتتە ئايرىم-ئايرىم كۆرسەتمەكچى بولساق تۆۋەندىكىدەك قىلىمىز.

995 گىرادۇس 6