ئالدىنقى قېتىم [ WordPress ھاياتىنى باشلاش ] سەرلەۋھەسى ئاستىدا ‹‹ WordPress نى تونۇش›› ناملىق يازمام يوللانغاندىن كىيىن،بۇ بىر يۈرۈشلۈك دەرسلىكلەرنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى تاماملىغۇچە ۋاقىت ناھايىتى سۇزۇلۇپ كەتتى،بىرى ئۆگۈنۈش تەرتىپىمنى رەتكە سېلىپ بۇلالماي بولسا،بىرى ئۆكتەبىر بايرىمى ۋاقتى بېيجىڭ سەپىرى مۇناسىۋىتى بىلەن سەككىز كۈندەك تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بولمىدى(بېيجىڭ تەسىراتلىرى ھەققىدە كىيىنرەك توختالغۇم بار)،بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ ئەسلىي ئورىگىنالى تەييارلانغان بۇ يازمىنى تىزلا تۈگەتتىم،تىزلا تۈگەتتىميۇ، بۇ يازمىغا ئۆزۈممۇ رازى بولمىدىم،چۈنكى،بىرى بۇ يازمىدا ئەسلىي ئويلىغان پىكىرلىرىمنى ئۇنتۇلۇپ قېلىپ خەنزۇچىدىن ئۆزلەشتۈرۈشكە مەجبۇر بولغىنى بولسا،يەنە بىرى،بىزنىڭ بلوگ ھەۋەسكارلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بۇنداق ئابىستراكت ئۇقۇملارغا تۇيۇنغان يازمىلارغا ئانچە ئىشتىھايى يوقلىقىنى ئەسكە ئالغىنىم بولدى،قېنى،باشقىلارنىڭ ئىنكاسى قانداقراق بولىدىكىن…
1 گىرادۇس
مەن ئادەتتە ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش ۋە ھەرخىل قىستۇرمىلارنى تەرجىمە قىلىشتا ئاساسلىقى كومپىيوتېرىمدىلا سىناق قىلىمەن. ئەلۋەتتە توردا سىناق قىلغاندىن كۆپ ئەۋزەل، ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت ئەمەسمۇ.
1 گىرادۇس
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى WordPress يۆتكەپ ئەپكەلگەندىن بىرى،WordPress ھەققىدە نۇرغۇن ياردەم خاراكتىرلىق سۇئاللارنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.بۇ سۇئاللار ئاساسلىقى WordPressدىن ئىبارەت بۇ بلوگ سېستىمىسىنى چۈشەنمەسلىكدىن كېلىپ چىققان ئاددىي مەسىلىلەر بولۇپ،گەرچە سېستىما ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلغان بولسىمۇ،ئەمما بۇ سېستىمىغا ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىياللار يوقنىڭ ئورنىدا بولغاچقا،ئىشلىتىش داۋامىدا يەنىلا نۇرغۇن قېيىنچىلىققا ئۇچرىغان تورداشلار نۇرغۇن ئىدى.ئۇنىڭدىن باشقا،بەزى تورداشلار QQ ئارقىلىق،بەزى تورداشلار ئېلخەت ئارقىلىق،يەنە بىر قىسىم تورداشلار بولسا تۇرايىمغا بىۋاستە ئىنكاس قىلىپ مۇشۇ خىلدىكى ماتىرىياللارنىڭ تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتۈشتى.شۇڭا،مۇشۇ خىل ئىھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدا [ WordPress ھاياتىنى باشلاش ] نامى ئاستىدا بىريۈرۈش دەرسلىكلەرنى تەييارلاش ھالىتىگە ئۆتتۈم.ئۆزۈم بىر ئوقۇغۇچى بولغاچ،ۋاقتىممۇ ناھايىتى قىس،ئەمما،كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بۇ يۈرۈشلۈك دەرسلىكلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭغۇسىمەن.
1 گىرادۇس
شۇنداق قىلىپ،نەچچە كۈنلۈك ئىزدىنىشىم ئاستىدا،نەچچە رەت سىناپ قىلىپ مەغلۇب بولۇشلارنىڭ ئارقىسىدىن، ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇرايىمنى Pjblogدىن WordPressكە كۆچۈرۈپ ئەكېلىۋالدىم.بۇ جەريان،باشدا مەن ئويلىغاندەك ئوڭايغا توختىمىدى،بۇ كۆچۈش ھەرگىزمۇ ئاددىي ھالەتتىكى RSS ھۆججىتىنى ئېكىسپورت-ئىمپورتلاش بولماسدىن،بەلكى،ئىككى ئوخشىمىغان تىل ۋە ئوخشىمىغان تېخنىكا ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىككى پروگرامما ئارىسىدىكى ئېلىشىش ئىدى ،ئەمما،بۇ جەرياندا شۇنى بىلىۋالدىمكى،تىرىشسا،ئىزدەنسە خېلى-خېلى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن.مۇشۇ كۆچۈش مەشخۇلاتى ئۈچۈن ئالاقىدار خەنزۇچە توربېكەتلەرگە قانچە رەت كىرگەنلىكىمنى ھىسابلاپ بېرەلمەيمەن.توردا بۇنداق كۆچۈش ھەققىدىكى يازمىلار ناھايىتى نۇرغۇنكەن،نۇرغۇن بولغاندىمۇ ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىدىكەن،بىر ئۆگەنگۈچى ئۈچۈن بۇنداق كۆپ ئۇسۇللار ناھايىتى ئەسقاتتى،مەنمۇ بىرنەچچە رەت تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بۇ ئېككى سېستىمىنىڭ باغلىنىشىنى ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم،ھەمدە بۇخىل كۆچۈشنىڭ بىرنەچچە خىل ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالغان بولدۇم.ئەلدىن-ئەلگە نەپ دەپتىكەن،مەنمۇ بۇ ئۆگەنگەنلىرىمنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئۆتەي،بەلكىم،كىيىنكى چاغلاردا سىزگىمۇ ئەسقېتىپ قالار،بۇ بىلىم مەندە سېسىپ كەتمىسۇن…
1 گىرادۇس