بۇ ئۇسلۇبنى قاچان چۈشۈرۈۋالغانلىقىم ئېسىمدە يوق، بىرەر يىلچە بولۇپ قالدى بولغاي ئىشقىلىپ، ماڭا كۆرۈنمە يۈزىنىڭ پاكىزلىقى بەك يېقىپ كەتكەچكە چۈشۈرۈپ قويغان ئىدىم. ئالاھەزەل بىرەر يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ مانا، يېقىندىن بۇيان بىرەر ئۇسلۇب يوللاپ باقماپتىمەن، بۇ ئۇسلۇبنى مېنىڭ بۇ مەۋسۈمدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم يوللىغان WordPress ئۇسلۇبۇم قاتارىدا يوللاپ قوياي، ئۇسلۇبخۇمارلار چۈشۈرۈپ، ساقلاپ قويارسىلەر…
12,667 گىرادۇس
ئالدىنقى يازمامنى يوللاپ يوقاپ كەتكىلى بۈگۈن دەل 1 ئاي بوپتۇ، بۇ جەريادا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار، يەنى مەكتەپ ھاياتىمدىن بىردىنلا جەمىئەت ھاياتىغا قەدەم بېسىش، ئائىلىدىكى قىلسا-قىلسا تۈگىمەيدىغان ئەمما قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلار ۋە خىزمەت ئىزدەش جەريانىدىكى تىڭرىقاشلار سەۋبىدىن تورغا چىقالمىدىم، بەلكىم يۇقۇردا ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى «بانا»دۇر، راست گەپنى قىلسام ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن تورغا چىققۇم كەلمەس بولۇپ قالغان ئىدى.
1,314 گىرادۇس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا دائىم كېلىپ تۇرىدىغان ياكى ئۇقۇشماي كىرىپ قالغان بلوگداشلار، نورۇز ئۆتكۈزىدىغانلارنىڭ نورۇزىغا مۇبارەك بولسۇن، ئۆتكۈزمەيدىغانلارنىڭ يېڭى كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن. بۈگۈن تۇرايىمىزدا شۇنداق بىر ئىش بار، قايسى كۈنى بىرلەشكەن بلوگلار تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم مۇدىرى ئۇيغۇربەگ ‹‹Prestan Simple 2.0››ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى، بۈگۈن كەمىنە توققۇز كۈن ئۇخلىماي، تاماق ئورنىغا سۇ ئىچىپ جاپالىق ئىشلەپ-تەتقىپ قىلىپ ئاخىرى بۇ ئۇسلۇبنى پۈتتۈردۈم. خاتالىقلىرىمۇ ئاساسەن ھەل بولدى، ئۇسلۇبنى ئەينى چاغ ئاكتىپ ئىنكاس يازغانلار بىمالال چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ، ئۇ چاغدا خاتالىق كۆرسەتمىگەن بلوگگېرلار مەزكۇر ئۇسلۇبنى چۈشەرگەندە ‹‹پرېستان ئالىيلىرى ياشىغايلا!››دەپ قويغايسىزلەر، ناۋادا زىيادە چارچاپ كېتىپ ئاغرىپ قالسام ئاشۇ شۇئارلىرىڭلارنى ئاڭلاپ بولسىمۇ بالدۇرراق ئەسلىگە كىلىۋالغۇسىمەن، شۇئار توۋلايدىغان جاي مەزكۇر يازمىنىڭ ئاستىدىكى ئىنكاس ئورنىدا، باللا، ئەمىسە ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈشكە قاراپ : ئالغا!….
4,273 گىرادۇس
ئەي خالايىق، ئەي ئاۋام خاس، بلوگ ئۇسلۇبىغا زار بولغان، ئۇسلۇب تاپالماي خار بولغان، بلوگلىرى قانغا تولغان ئەزىمەتلەر، ئاڭلىمىدىم دېمەڭلاركى، ئۇسلۇب قاتىلى، تۇرايىمىزدىكى داڭلىق قاسساپ پرېستاننىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى، بلوگ ئىچى-سىرتىدىكى ئۇنسۇرلارنىڭ تىل بۈرۈكتىرىشى بىلەن ياسالغان ئۇسلۇب Prestan Simple رەسىمىي تۈردە يېڭىلاندى. بۇ قېتىملىق يېڭىلىنىشتا ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى كۆپ، ئېنىقكى، خاتالىقلارمۇ ناھايىتى كۆپ، ئالدىنقى قېتىم تۇرايىمىزنىڭ ئۇسلۇبىدىكى خاتالىق-يېڭىلىقلىرىنى كۆرسۈتۈپ بەرگەنلەرگە شۇنداقلا بۇ قېتىملىق خاتالىقنى كۆرسۈتۈپ ياكى تېپىشىپ بەرگەنلەرگە مەزكۇر ئۇسلۇب ئالدىدىن سوۋغا قىلىنىدۇ، پۇرسەت غەنىيمەن، شۇ ھامان مەزكۇر جاكارنامىنى ئىجرا قىلىپ ئالتۇن ئۇسلۇبنى قولغا چۈشۈرگەيسىزلەر! بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ راستلىقىغا بىرلەشكەن بلوگلار تەشكىلاتى باش نازارەتتە، بىرلەشمىگەن بلوگلار تەشكىلاتى خالىسانە نازارەتتە بولغۇسى! پائالىيەت باشلاندى، خاتالىق تېپىشقا قاراپ ھۇررا!…
خاتالىق تېپىش بېتى : http://simple.prestan.net
ئىزاھات: خاتالىقلارنى مەلۇم قىلغاندا تور كۆرگۈچ، تور كۆرگۈچنىڭ نەشىرى، ئىشلەتكەن سېستىمىڭىز قاتارلىقلارنى ئۇنۇتماڭ، زۆرۈر بولسا سۆرەتكە تارتىپ prestan@qq.com غا ئەۋەتىپ بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز! مەزكۇر ئۇسلۇبدىكى مەسىلىلەر ھەل قىلىنغاندىن كېيىن تارقىتىلغۇسى!
1,456 گىرادۇس
بىلگىنىمىزدەك، WordPressنىڭ 3.0 نەشىرىدىن كېيىن، مەزكۇر سېستىمىغا «بەلگىلىگەن تىزىملىك ئىقتىدارى» قوشۇلغان بولۇپ، WordPressنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرىدە قىسقارتىپ «تىزىملىك»( ئارقا سۇپىنىڭ كۆرۈنۈش قاتارىدا بۇ سۆزنى ئۇچرىتالايسىز)دەپ ئېلىنغان. مەزكۇر ئىقتىداردا بىز ئۆزىمىز خالىغان ئادرىسلاردىن بىر تىزىملىك ياساپ، بلوگنىڭ ئەنئەنىۋى باشلامچى تىزىملىكنىڭ ئورنىغا دەسسىتەلەيمىز. ۋەھالەنكى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا بىر قىسىم ئۇسلۇبلاردا بۇ ئىقتىدارنى قوللىمايدىغانلىقى مەلۇم. بۈگۈنكى يازمىمىزدا بىز «Wordpress ئۇسلۇبىغا ئۆزى بەلگىلىگەن تىزىملىك ئىقتىدارىنى قوشۇش»نىڭ تەدبىرى ئۆگۈنۈپ ئۆتىمىز!…
961 گىرادۇس
بىلگىنىڭىزلاردەك، ئىجادىي ئۇسلۇبىمىز «Prestan Simple» تۇرايىمىزدىكى پرېستاننىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى ۋە ئىزدىنىشى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋوردپرېس ئۇسلۇبى بولۇپ، نۆۋەتتە ئاشكارا تارقىتىلىۋاتقان ئىجادىي ئۇسلۇبىمىز بولدى. نۆۋەتتە مەزكۇر ئۇسلۇبنىڭ 1.2 نەشىرى ئېلان قىلىندى. بىر قىسىم ئاتامانلار ھەم بۇ ئۇسلۇبنى ئىشلىتىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە، كەمىنە ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدە بۇ ئۇسلۇبنى باشتىن-ئاخىرى ئىشلىتىپ كەلدى ھەمدە ئۆزۈم بىر قانچە جايلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ كەلدىم. بۇ قېتىم مەن Rainbow ئۇسلۇبىدىن كۆچۈرۈپ كەلگەن رەسىملىك ئۇلىنىش ئىقتىدارىنى قانداق قوشۇشنى سۆزلەپ ئۆتەي، دەرسخانىغا مەرھەمەت!…
923 گىرادۇس