«Prestan Simple»دا ئۆزگىرىش كۆپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىجادىي ئۇسلۇبىنى ئىشلىتىدىغان بولدۇق!
-
سەھىپە:WP ئۇسلۇبى
باھا:8 دانە
09-02-2012
«Prestan Simple» تۇرايىمىزدىكى پرېستاننىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى ۋە ئىزدىنىشى ئاساسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋوردپرېس ئۇسلۇبى بولۇپ، نۆۋەتتە ئاشكارا تارقىتىلىۋاتقان ئىجادىي ئۇسلۇبىمىز بولدى. نۆۋەتتە مەزكۇر ئۇسلۇبنىڭ 1.2 نەشىرى ئېلان قىلىندى. ئۇسلۇبنىڭ كۆرۈنۈشى نۇرقۇت تورىنىڭ «تەلەي قاپىقى»نىڭ كۆرۈنۈشىنى دورىغان بولۇپ، ئۇسلۇبنىڭ كۆرۈنمە يۈزى سىپتا ۋە پاكىز چىققان، نۆۋەتتە ھەر قايسى جاھاننامىلەرنى ناھايىتى چىرايلىق قوللايدۇ. ناۋادا ئۇسلۇب تاپالماي ئاۋارە بولۇپ يۈرگەن بولسىڭىز، بىزنىڭ بۇ ئىجادىي ئۇسلۇبىمىزنى بىر كۆرۈڭ، چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز!
Prestan Simple ئۇسلۇبنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى
[2011.11.21] ئۇسلۇب تارقىتىلدى. نەشرى: Prestan Simple 1.0.0
[2011.11.22] ئۇسلۇبقا چوقىلاش ئىقتىدارى قوشۇلدى. نەشرى: Prestan Simple 1.0.1
[2011.11.24] ئۇسلۇبىنىڭ بارلىق كودلىرى قايتىدىن رەتلەندى. نەشرى: Prestan Simple 1.0.2
[2011.11.25] ئۇسلۇبىغا 2-دەرىجىك تىزىملىك ئىقتىدارى سەپلەندى. نەشرى: Prestan Simple 1.0.3
[2011.11.26] ئۇسلۇبىنىڭ footer.php قىسىمى تەڭشەلدى. نەشرى: Prestan Simple 1.0.4
[2011.11.26] يېڭى يازمىنىڭ ئالدىغا NEW رەسىم قوشۇلدى. نەشرى: Prestan Simple 1.0.5
[2011.12.01] باھا يازغاندا چىراي ئىپادىسى قوشۇش ئىقتىدارى سەپلەندى. نەشرى: Prestan Simple 1.0.6
[2011.12.03] يازما بېتىگە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار ئىقتىدارى قوشۇلدى. نەشرى: Prestan Simple 1.0.7
[2011.12.06] ئوڭ تەرەپ ئاستى قىسىمىغا ئۈستىگە قايتىش بەلگىسى قوشۇلدى. نەشرى: Prestan Simple 1.0.8
[2011.12.07] يازما بېتىگە ئالدىنقى ۋە كېيىنكى يازما كۇنۇپكىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. نەشرى: Prestan Simple 1.0.9
[2011.12.14] يازما بېتىگە ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى قوشۇلدى. نەشرى: Prestan Simple 1.1.0
[2011.12.28] Prestan Simple 1.2 ئۇسلۇبى تارقىتىلدى. نەشرى: Prestan Simple 1.2.0
ئۇسلۇبنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
1. ئۇسلۇبنىڭ ئارقا سۇپىسى ياسالدى. ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىدىن تۆۋەندىكىچە:
ئۇسلۇب قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، يەنى كەڭ ئېكران ياكى تار ئېكرانلىق ھالىتىنى تەڭشەش.(ھازىچە كەڭ ئېكرانلىق css تەڭشەلمىدى، كېينكى نەشردە تەڭشىلىدۇ. )
ئۇسلۇب ئونىۋېرسال قۇرۇلمىلارنى تەڭشەش.
بلوگ SEO تەڭشەش
بلوگ ستاتىستىكا ۋە ICP نومۇر تەڭشەش
بلوگ ئېلان تەڭشەش(بلوگ ئۈستى، يازما تېما ئاستى ۋە يازما ئاستىغا ئېلان ئورنى قوشۇلدى)
2. ئۇسلۇب ھەر قاريسى تور كۆرگۈچلەردە ئاساسى جەھەتتىن نورمال كۆرۈنىدۇ. بولۇپمۇ IE6 دېگەن «ئەبلەختە» ئالاھىدە چىرايلىق كۆرىنىدۇ!
3. ئۇسلۇبنىڭ ئونىۋېرسال قۇرۇلمىلارنى تەڭشەش ئىقتىدارىدا، كىچىك رەسىمنى ئېچىش ئىقتىدارى بار .
بۇ ئىقتىدارنىڭ ئالاھىدىلىكى: ئەگەر يازمىدا رەسىم بار بولسا باش بەتتە رەسىم كىچىك ھالەتتە كۆرۈنىدۇ، ئەگەر بولمىسا ئاپتوماتلىق رەسىم تاللاپ چىقىلىدۇ، ئاپتوماتلىق رەسىم ئۇسلۇب ھۆججىتىنىڭ ئىچىدە بار. ئۆزىڭىز مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
4. زىيارەت قېتىم سانىنى چىقىرىش ئۈچۈن WP-PostViews قىستۇرمىسىنى قاچىلاڭ ( ئاپتور: Lester ‘GaMerZ’ Chan).
5. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇسلۇب يېڭىلانسا، ئۇسلۇب ئاراق سۇپىسىدا يېڭىلاش ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ. دىققەت قىلىپ ۋاقتىدا يېڭىلىۋالارسىلەر.
6. باشقا ئىقتىدارلىرىنى بۇرۇنقى نەشردىكىسىگە ئوخشاش.
ئۇسلۇبدىن كۆرۈنۈش
ئۇسلۇب باشبېتىدىن بىر كۆرۈنۈش
ئۇسلۇب تەڭشەش بېتىدىن كۆرۈنۈش
ئۇسلۇب چۈشۈرۈش