Prestan Simple 2.0 ئۇسلۇبى ئېلان قىلىندى، چۈشۈرمىگەن بلوگگېرلار ئارماندا…
-
سەھىپە:WP ئۇسلۇبى
باھا:39 دانە
21-03-2012
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا دائىم كېلىپ تۇرىدىغان ياكى ئۇقۇشماي كىرىپ قالغان بلوگداشلار، نورۇز ئۆتكۈزىدىغانلارنىڭ نورۇزىغا مۇبارەك بولسۇن، ئۆتكۈزمەيدىغانلارنىڭ يېڭى كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن. بۈگۈن تۇرايىمىزدا شۇنداق بىر ئىش بار، قايسى كۈنى بىرلەشكەن بلوگلار تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم مۇدىرى ئۇيغۇربەگ ‹‹Prestan Simple 2.0››ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى، بۈگۈن كەمىنە توققۇز كۈن ئۇخلىماي، تاماق ئورنىغا سۇ ئىچىپ جاپالىق ئىشلەپ-تەتقىپ قىلىپ ئاخىرى بۇ ئۇسلۇبنى پۈتتۈردۈم. خاتالىقلىرىمۇ ئاساسەن ھەل بولدى، ئۇسلۇبنى ئەينى چاغ ئاكتىپ ئىنكاس يازغانلار بىمالال چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ، ئۇ چاغدا خاتالىق كۆرسەتمىگەن بلوگگېرلار مەزكۇر ئۇسلۇبنى چۈشەرگەندە ‹‹پرېستان ئالىيلىرى ياشىغايلا!››دەپ قويغايسىزلەر، ناۋادا زىيادە چارچاپ كېتىپ ئاغرىپ قالسام ئاشۇ شۇئارلىرىڭلارنى ئاڭلاپ بولسىمۇ بالدۇرراق ئەسلىگە كىلىۋالغۇسىمەن، شۇئار توۋلايدىغان جاي مەزكۇر يازمىنىڭ ئاستىدىكى ئىنكاس ئورنىدا، باللا، ئەمىسە ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈشكە قاراپ : ئالغا!….
ئۇسلۇب ھەققىدە
ئۇسلۇب نامى: Prestan Simple 2.0
ئۇسلۇب ئاپتورى: رىۋايەتلەردىكى مەن
ئاپتور ياكى ئۇسلۇبقا ئالاقىدار مەنزىل:
http://simple.prestan.net/
سىناق قىلىنغان ۋاقتى:2012-03-21 28:03
سىناق قىلىنغان تور كۆرگۈچ: IE6، IE8،Firefox
سىناق قىلىنغان سېستىما نەشىرى: WordPress 3.3
پرېستاننىڭ بايانى
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن كەمىنە پرېستان ئۆزىم بىر قوللۇپ يېزىپ چىققان Prestan Simple ئۇسلۇبى تارقىتىلغان، ھازىرغىچە چۈشۈرۈش قېتىم سانىنى ھىساپلاپ باقسام تەخمىنەن 500 قېتىم ئەتراپىدا چۈشۈرلۈپ بوپتۇ. بۈگۈن يەنە Prestan Simple ئۇسلۇبنى تۈزىتىپ ئېلان قىلماقچى بولۇپ تۇرۇپتىمەن. بىر ھەپتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئۇسلۇبنى كەڭ كۆلەملىك يېڭىلاپ چىقتىم، بۇ قېتىم ئۇسلۇبنىڭ بارلىق كودلىرىنى باشتىن رەتلەپ چىقتىم. ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن ئورۇنلار بەك جىق، بۇلارنى يېزىپ بولالمىغۇدەكمەن، ئۇسلۇبنى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە قىسقىچە فىلىم ئىشلەپ قويدۇم، ئۇسلۇب ئىشلەتكۈچىلەر كۆرۈپ باقارسىلەر.