[WordPress ئۇسلۇبى] بۇلبۇل بلوگى ئۇسلۇبى – Deluxe
-
سەھىپە:ۋوردپرېس ئۇسلۇبى
باھا:17 دانە
02-01-2016
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىڭلارغا، ئائىلەڭلارنىڭ تىنچ – ئامان تىلەكداشمەن(بۇ يەردە قىزغىن بىر چاۋاق بار بولۇشى مۇمكىن). 2015- يىلى خىزمەت ۋە ئۆگىنىش تۈپەيلىدىن WordPress ھەققىدە تۈزۈكرەك بىر ئىزدىنىشكە قادىر بولالمىدىم. شۇنداقتىمۇ، يېڭى يىلغا بىر سوۋغا سۈپىتىدە مۇشۇ يىلى بۇلبۇل بلوگى ئۈچۈن ئۆزلەشتۈرگەن بىر ئۇسلۇبنى ھەقسىز تارقىتىشنى ئويلاشتىم، ياقتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇسلۇب ھەققىدە
1. مەزكۇر ئۇسلۇب ئورگان تەرەپكە يوللانغان ئۇسلۇب؛
2. Bootstrap قېلىپىدا يېزىلغان؛
3. كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ماسلاشتۇرۇلغان؛
4. پاكىز ۋە ئاددىي؛
5. پۈتۈنلەي ئۆزلەشتۈرۈلگەن؛
ئۇسلۇبدىن كۆرگەزمە
ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈش
بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ:
http://pan.baidu.com/s/1eRo0AGy
سەمىمىي ئەسكەرتىش:
مەزكۇر ئۇسلۇبنىڭ نەشىرى نىسبەتەن تۆۋەن بولغاچقا، قاچىلىغاندىن كېيىن، ئۇسلۇبنى يېڭىلاشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن، ئەگەر، ئۇسلۇبنى قايتا تەڭشەش ئاۋارىچىلىقىنى خالىمىغان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇسلۇبنى يېڭىلىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
2016.2.1 يېڭىلاندى
بەيدۇ تورىدىن ئۇسلۇبنى چۈشۈرەلمىگەنلەر ئۈچۈن ئۇسلۇبنى ئۆزۈمنىڭ مۇلازىمىتىرىغا قايتا يوللىدىم. چۈشۈرۈش ئادرېسى:
866 گىرادۇس 17