يېڭى ئەپ «ئۆتكۈرنامە»نىڭ قوزغىلىش رەسىم ۋە ئايكون لايىھەسى
-
سەھىپە:ئىجادىيەت گۈلزارى
باھا:8 دانە
20-11-2015
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. يېقىندا بىر قانچە ئايلىق تەييارلىق ۋە ئىزدىنىش داۋامىدا پۈتكۈزگەن مەرھۇم شائىر، يازغۇچى، ئەدىپ ۋە ئالىمىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ توقسان پارچىدىن ئارتۇق شىئىرلىرىدىن پۈتۈلگەن «ئۆتكۈرنامە» ناملىق ئەپنى ئەپ بازىرىغا يوللاپ بولدۇم. ئەپ ئېلان قىلىنىشدىن بۇرۇن، ياش لايىھىلىگۈچى ئابلىمىت ئابلەت(Giant) لايىھەلىگەن ئەپ قوزغىلىش رەسىمى بىلەن ئايكونىدىن ھۇزۇر ئالايلى.
ئەپنىڭ قوزغىلىش رەسىملىرى
بىرىنچى لايىھە
ئۈچۈنچى لايىھە
[كىم ئەڭ ئەقىللىق ] قوزغىلىش رەسىمگە يۇقارقىلاردىن بىرى ئىشلىتىلدى. سىزچە قايسىسىسدۇ؟
ئەپ ئايكونى لايىھىسى
ئاخىرقى سۆز
مەزكۇر ئەپنىڭ پىلانىنى قىلغىلى بىر يىلدىن ئاشقان بولۇپ، مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا ئەپ تۈزۈشكە باشلىغان. ئوتتۇرىدا، ئەپ ئېچىش بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان بىر خىزمەتكە كىرىشىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن، ئەپنى پۈتتۈرۈش بەك كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى. ھازىر بولسا، بۇرۇن ئۆگەنگەنلىرىمنى يەپ بولۇقلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەپنى ئەڭ ئاددى ھالەتتە تىز پۈتتۈرۈشكە ئالدىرىدىم. ھازىر مەزكۇر ئەپ ئەپ دۇكىنىدا ئېلان قىلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا. ئاللاھ خالىسا 15 كۈندىن كېيىن ھۇزۇرۇڭلاردا بولغۇسى.
ئاخىرىدا، مەزكۇر ماتىرىياللارنى مىننەتسىز لايىھەلەپ بەرگەن ئابلىمىت ئابلەت(Giant)كە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ناۋادا، ماركا، ئەپ-تور بېكەت لايىھەسى ۋە باشقا لايىھە ئىشلىرىنى قىلدۇرماقچى بولسىڭىز، ئابلىمىت ئەپەندىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇنىڭ رەسمى تور بېكىتىنى تۆۋەندىكى ئادرېسدىن كىرىپ زىيارەت قىلسىڭىز بولىدۇ: