WPtouch قىستۇرمىسى ئۇيغۇرچىلاشتى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى!

camera-lens-520x245

ئېسىمدە قېلىشىچە، ئالما مەھسۇلاتلىرى ئۇچۇرلىرى، ھەر خىل ئەپ ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىغان، ئانچە-مۇنچە ئايفون ۋە فوتوگراپچىلىق تېخنىكىسى بىلەن ھەپىلىشىدىغان پاسىبان ئاغامنىڭ بلوگىنى ئايفوندا زىيارەت قىلسا شۇنداق پەچچەت چىقاتتى، ئىچىم قىزىغانتى دېسە. ئەمدى بىلسەم، بۇنىمۇ قىستۇرما ئارقىلىق جايلايدىكەنمىز. خوش، بىر قانچە سائەت ئىزدىنىشىم ئاستىدا ئەقلىيفونلاردا بلوگنى رەتلەپ چىقىرىپ بېرىدىغان قىستۇرما WPtouchنىڭ كۆرۈنمە يۆزىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم، ماڭا ئىشىنىڭكى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى!…

قىستۇرما ھەققىدە

يىقىندا سەزمە ئىكرانلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ جاھاننامە ئىقتىدارى قوللىنىشمچانلىققا قاراپ يۈزلەنگەن بولسىمۇ ، كىچىك ئىكرانلىق ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ توربەتنى زىيارەت قىلغاندىكى ئۈنۈمى ئادەمنى قانائەتلەندۈرەلمىگەچ ، بلوگگېرلارنى يېڭىچە ئۇسۇلدا بلوگنى تېلىفوندا ئەپلىك، ئاز ھەجىم ئىگەللەيدىغان قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى. ئەلۋەتتە، بۇنداق قىستۇرمىلار WordPress ساھەسىدە ناھايىتى كۆپ، بۈگۈن بلوگگېر تورداشلارغا تونۇشتۇرغان بۇ قىستۇرما بولسا دەل مۇشۇ قىستۇرمىلار ئىچىدە ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ ئىقتىدارلىق بولغان بىرى بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى بۇ قىستۇرمىنىڭ تېلىفون كۆرۈنمە يۆزىدىكى ھالىتى – ئۇيغۇرچە!…

قىستۇرما ئالاھىدىلىكى

WPtouchقىستۇرمىسى -  iPod, iPhone, iPad, Android, 黑莓, Palm OSقاتارلىق كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سەزمە ئۈسكۈنىلەردە ۋوردپرېسدە قۇرۇلغان بېكەت ياكى بلوگنى باشقىچە ئۈنۈمدە زىيارەت قىلىنىشنى قوللايدۇ. خالىسىڭىز ئاشۇ ئۈسكۈنىلەردىكى كۆرۈنۈش شەكىللىرى ياكى پاسونلىرىنىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ خاھىشىدا تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ قىستۇرمىنىڭ ھەقلىق نەشىرىدە قىلالايسىز. ئەمما بىز ئىشلىتىۋاتقان ھەقسىز نۇسخىسىمۇ بولاپ قويىدۇ. سىزگە دېسەم، ھەقسىز نەشىرىنىڭمۇ ئىقتىدارى ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ ، مەنچە ھەقلىق نەشىرىنى ئىشلىتشنىڭمۇ ھاجىتى يوق . ئەگەر ئۇسلۇبقا ئېنىقلىما بىرىشكە توغرا كەلسە ، پەقەت defaultنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ . قىستۇرما تەمىنلىگەن ئاشۇ كۈچلۈك ئۆزى ئېنىقلىما بىرىش ئىقتىدارىنىڭ شەخسى بىلوگلارغا نېسبەتەن ھىچقانچە پايدىسى بولمىسىمۇ ، ئەمما تەكشى ئىكرانلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئىكران چوڭ ، تور بەت سىغدۇرمىچانلىقىنى ئاشۇرۇشتا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك بولسا كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، قىستۇرما تەمىنلىگەن سۈكۈتتىكى ئۇسلۇپ ئىقتىدارى ناھايتىمۇ كۈچلۈك بولۇپ ، ھەتتا AJAXنىڭ يازما يوللاش ئىقتىدارىمۇ بار . ئەمما بەت يۈزى قۇرۇلمىسى ياخشى بولمايلا قالماي ، قول تىقىپ ئشلەشنى خالايدىغان ساۋاقداشلارنىڭ ئۆزگەرتىشىگە ۋە ئەلالاشتۇرۇشىغا قالدۇرۇلدى .

قىستۇرمىنىڭ ئۈنۈمىدىن كۆرۈنۈشلەر

 

100APPLE_IMG_0844100APPLE_IMG_0835100APPLE_IMG_0836100APPLE_IMG_0837100APPLE_IMG_0838100APPLE_IMG_0839100APPLE_IMG_0840100APPLE_IMG_0841100APPLE_IMG_0842100APPLE_IMG_0843

يۇقارقىسى كەمىنىنىڭ Iphone 3GS قورالىدا ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىنى زىيارەت قىلغاندىكى كۆرۈنۈشلەر.

قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش & چۈشۈرۈش

كۆرۈش مەنزىلى چۈشۈرۈش مەنزىلى

 

ئەسكەرتىش: مەزكۇر قىستۇرمىنى تارقىتىپ بولغۇچە، ئورگان تەرەپتىن يېڭى نەشىرىنى تارقىتىپ بوپتۇ، قاچىلاپ ئىشلەتكەن تورداشلارنىڭ ئالدىراپ يېڭىلىۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى قىستۇرمىدىكى خاتالىق ياكى كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئوڭشاش پىلانىمىز يوق، ئۆزىمىزمۇ كۆپ قېتىم سىناپ ئاندىن تارقاتقان ئىدۇق، قىستۇرمىنى قاچىلاپ قوزغىتىپ قويساڭلارلا بولىدۇ.

2013.3.25 مەزمۇن يېڭىلاندى:  تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن چۈشۈرۈش ئادرېسى يېڭىلاندى.



无觅相关文章插件,快速提升流量

ئۇيغۇربەگ:
كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ،بەكرەك يېقىنلار بولسا «قازاقبەگ»،«خەنسوبەگ»دەپمۇ چاقىرىشىدۇ،كەمىنە ۋوردپرېسكە ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن. قىسقىچە تەرجىماھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ،ئۇنىڭدىن باشقا مەن مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى
1 گىرادۇس 46


46 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • شۇڭقارى | 06:15 | 2012.04.24 جاۋاب

    دىۋان

  • ئىقبال | 06:25 | 2012.04.24 جاۋاب

    ئاخىرى روياپقا چىقىپتۇ ھە بۇ …..مەنمۇ چۈشۈرۋالدىم
    بۇ قىستۇرمىنى قاچىلاپ قوزغىتىپ قويساقلا ، باشقىلار بىلوگىمىزنى تىلىفۇندىمۇ زىيارەت قىلالايدۇ ، دېگەن گەپقۇ بۇ ئۆزى ؟؟؟

  • ئۆزقان | 06:50 | 2012.04.24 جاۋاب

    ئەمدى تېلېفوندا بىمالال كۆرەلەيدىغان بوپتۇق-تە…

  • ئىزتىل | 07:10 | 2012.04.24 جاۋاب

    ۋاھ … ئاجايىپ ئېسىل ئىشتىن بىرسى ۋۇجۇدقا چىقىپتۇ ئەمدى مانا !!! ئەپسۇس ، مەن نە قىلىپمۇ تېلفۇنۇمنى ئۇيغۇرچىنى نورمال تۇنۇيدىغان قىلالمايۋاتىمەن دېسە ،

  • torbajin | 07:55 | 2012.04.24 جاۋاب

    بۇنداق بولسا مۆجىزە خاراكتىرلىك ئىش بولغىدەك. ئەجرىڭىزدىن دىللار سۆيۈنسۇن.
    ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • torbajin | 07:59 | 2012.04.24 جاۋاب

    android سۇپىسىدىمۇ نورمال يۈرۈشەمدۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 03:33 | 2012.04.26 جاۋاب

      شۇنداق، ئەنجۇردىمۇ شۇنداق چىرايلىق، بولسا تېلىفونىڭىزنى ئۇيغۇرچە تونۇتۇۋېلىڭە، ھاي ھاي…

  • ھەۋەسكار | 20:33 | 2012.04.24 جاۋاب

    پەچچەت ئىشتىن بىرسى بوپتۇ مانا !!رەھمەت !!

  • ئوربېتا | 21:35 | 2012.04.24 جاۋاب

    ياخشى داۋاملىق تىرشىڭلار …. :evil:

  • ۋەيرانى | 00:53 | 2012.04.25 جاۋاب

    ئۇيغۇربەگ،مۇمكىن بولسا تورخۇمار ياكى يۈكسەل بلوگىدەك قىلغان بولساڭلار.نىمىشقە دىگەندەfirefoxنى قاچىلىغاندا androidتېلفۇنمۇ نۇرمال كۇرۇنىدۇ..سىلىە شۇنداق سىناپ بېقڭلار..قۇتيارمۇ شۇنداق نۇرمال كۇرۇنىدۇ..بۇنداق بولغاندا سىلە بىر ھەم بۇ قىستۇرمىنى قاچىلايسىلە،ھەم ئاۋۇ بىكەتتەك قىلىپ قويساڭلار بىر چالمىدا قوش ھۆپۆپ سوققىلى بولىدۇ.. :grin:

    • ئۇيغۇربەگ | 03:34 | 2012.04.26 جاۋاب

      تازا چۈشەنمىدىما بۇرادەر ۋەيرانى ئىنكاسىڭىزنى، مەن بەك دۆت دەڭە :cry:

  • يارقىن | 12:06 | 2012.04.25 جاۋاب

    مىنىڭ 黑莓تېلېفۇنۇمدا نۇرمال چىقتى ….

  • ھەق يول | 20:28 | 2012.04.25 جاۋاب

    ئۇ قىستۇرمىنى چۈشۈرۈش توختۇتۇلغان ئوخشايدۇ، قاراپ باقسىڭىز.

  • ھەق يول | 20:30 | 2012.04.25 جاۋاب

    ياكى بولمىسا بۇ heqyol@hotmail.com غا يوللاپ بەرسىڭىزمۇ بولاتتى

  • روسلان | 06:13 | 2012.04.26 جاۋاب

    تىلفۇنۇم ئۇيغۇرچىنى فەچەت قۇللايدۇ,تىلفوندا يىزىۋاتىمەن مانى

  • ئەركە | 16:03 | 2012.04.26 جاۋاب

    ئوخخو بىگىم…. ماڭا كۆپ رەھمەت ئېيتسىلا جۇمۇ ئەمدى… ماۋۇ قىستۇرمىنى مەن تەمىنلىگەن جۇما ( دەپ تۇرىۋالسام ) :grin: :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 14:19 | 2012.05.2 جاۋاب

      سىلىگە كىم دەپ بەگەن دەپ تۇرۇۋالسام تازا…

  • نۇرنىجاد | 06:36 | 2012.04.27 جاۋاب

    پەقەت ئەقلىيفوندىلا چىقامدا بۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 14:20 | 2012.05.2 جاۋاب

      ئېيتىشلارغا قارىغاندا رەڭسىز نوكىيالاردىمۇ ئىشلەيدىكەن…

  • ئۆزقان | 15:12 | 2012.04.30 جاۋاب

    مەن بۇ قىستۇرمىنى قاچىلىمىساممۇ بىلوگىم تېلېفونۇمدا نورمال تۇرىدىيا…

  • چەۋەندازلار | 08:34 | 2012.05.2 جاۋاب

    قايسى بىر بىلوگدىن ئىلگىرى چۈشۈرگەندەك قىلغان. كىيىن ھېچ بىر ئۆزگۈرۈش بولاماپتۇ دەپ يۇيىۋەتكەن ئىدىم. ئەمدى قايتا قاچىلاپ سىناپ باقاي.

  • تاشقىن | 14:59 | 2012.05.17 جاۋاب

    بۇ ئۇسلۇبقا ئۇيغۇرچە نورمال تونۇتالمايمەنغۇ؟ eotقاچىلىسام بولامۇ يا ئۇسلۇبقا ..قىستۇرمىسىز ئېچىلسا خەت نورمال بولمىسا

  • ئەلشات | 14:47 | 2012.05.30 جاۋاب

    كاماندىروپكا مەزگىللىرىدە پات پات تىلفۇندىن تورغا چىقىۋاتىمەن، شۇڭا مەنمۇ ئەمدى بۇنى ئىشلىتىپ بلوگىمنى پەچەت زىيارەت قىلاي

  • ئەلشات | 15:23 | 2012.05.30 جاۋاب

    بۇ قىستۇرمىنىڭ ئىناۋەتلىك بىشى يوق دەپ بولمىدىيا؟ :cry:

    • پرېستان | 02:32 | 2012.05.31 جاۋاب

      قىستۇرمىنى چىقارغاندا ئۆججەت سومكىسىنىڭ ئىچدە ئۆججەت سومكىسى بولۇپ قالسا بولمايدۇ، تەكشۈرۈپ بېقىڭ.

  • گۈلبۇلاق | 15:11 | 2012.11.23 جاۋاب

    بۇ قىستۇرمىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسىدا مەسلە باركەن مەن ئاچالىمدىم، سىز يوللىغان تور دېسىكىسنى ماڭا يوللاپ بېرەرسىزمۇ؟ yekcheshme@gmail.com

    • ئۇيغۇربەگ | 02:19 | 2013.03.25 جاۋاب

      چۈشۈرۈش ئادرېسى يېڭىلاندى…

  • سالىھ بەگ | 04:43 | 2012.12.2 جاۋاب

    قىستۇرما يوللىغان يەر ئۇلىنىشنى چەكلەپتۇ . ئۇيغۇربىگ قايتا بىر قىلىپ قويغان بولساڭلار

    • ئۇيغۇربەگ | 02:19 | 2013.03.25 جاۋاب

      چۈشۈرۈش ئادرېسى يېڭىلاندى….

  • يولۋاسباي | 13:27 | 2012.12.17 جاۋاب

    چۇشۇرۇش ئادرىسى يىڭىلانسا دىگەن ئۇمۇدتە مەن

    • ئۇيغۇربەگ | 02:19 | 2013.03.25 جاۋاب

      چۈشۈرۈش ئادرېسى يېڭىلاندى…

  • رىتسىپ | 17:49 | 2013.01.19 جاۋاب

    بولسا چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يېڭلاپ قويغان بولسىلا بىگىم …..

    • ئۇيغۇربەگ | 02:19 | 2013.03.25 جاۋاب

      چۈشۈرۈش ئادرېسى يېڭىلاندى……

  • ئىلىمخۇمار | 04:44 | 2013.02.10 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ قىستۇرمىنىڭ چۈشۈرگىلى بولمىدى. ئادرېس توختىغان ئوخشايدۇ. مۇمكىن بولسا ilimhumar@outlook.com غا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز.

    • ئۇيغۇربەگ | 02:18 | 2013.03.25 جاۋاب

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، چۈشۈرۈش ئادرېسى يېڭىلاندى…

  • كۇسەن | 05:12 | 2013.05.3 جاۋاب

    چۈشۈرۈش ئادېرسى خاتاكەنغۇ خاپا بولماي bolge86@sina.com غا يوللاپ بېرەمسىز

  • ئاھ خۇدا… ھېلىقى كۈنى بىر نەچچە كۈن ئاۋارە بولۇپ مۇشۇ يانفۇن قىستۇرمىسىنى مەنزىل ئېلىكتاپ بېتىگە ئۆزلەشتۈرگەن ئىدىم. ماۋۇ جايدا بارلىقىنى بىلگەن بولسام كۆپ ۋاقتىم تىجىلىپ قالاتتىكەن . بالدۇرراق بىلوگ ئوينىمىغاننىڭ ئىشى مانا.
    :evil: :cry:

    • ئۇيغۇربەگ | 05:46 | 2013.06.3 جاۋاب

      ئۇيغۇربەگكە كەپ تۇرۇڭ دەيمەن شۇڭا!

  • سارايۋەن | 16:09 | 2013.06.3 جاۋاب

    بىگىم مۇشۇ قىستۇرمىنى مىنىڭ ئىلخىتىمگە بىر يوللاپ بەرسىلىرى بولىتى چۇشۇرۇش ئادرىسى توختاپ قاپتۇ letnat@qq.com

  • ئالىپبەگ | 05:56 | 2013.06.26 جاۋاب

    ماۋۇ قىستۇرمىنى چۈشۈرۋالاي دىسەم چۈشۈرگىلى بولمىدىغۇ،،بەگ جانابلىرى. ;-) ;-) ;-)

  • ئەبۇزەينەب | 12:30 | 2013.07.11 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . خاپا بولماي ماڭىمۇ يوللاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن… چۈشۈرۈش ئادىرسىدىن چۈشۈرگىلى بولمىدى، رەھمەت abuzaynab0990@gmail.com

  • مەلەك | 16:10 | 2013.07.11 جاۋاب

    ما قىستۇرما ماڭا جىددى ۋە بەك جىددى لازىم، ئۆتكەندە بىرسى يوللاپ بەرگەن قاچىلىسام بلوگ كېسەل بوپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن يۇيىۋىتىپتىمەن، ئەمدى قوللىرىدىن بىر ئالاي، بىگىم ئەۋەتىۋەتسىلە خاپا بولماي

  • ۋورست | 07:10 | 2013.08.31 جاۋاب

    چۈشۈرۈش ئادىرسىنىڭ ھەمبەھىر ۋاقتى توشۇپ قاپتۇ . خەت ساندۇقۇمغا بىر چۆرۈۋەتسىڭىز بوپتىكەن
    xrali@outlook.com :o

  • پۇسات | 19:50 | 2013.10.12 جاۋاب

    قىستۇرما ماڭىمۇ لازىم ئىدى بىگىم ماڭا يوللاپ بەرگەن بولسىلا
    pusat0903@163.com

  • ئىشقىيار | 13:58 | 2013.11.7 جاۋاب

    قىستۇرمىنى بىزلەرگىمۇ يوللاپ بىرەلەسىزمۇ ؟بىزمۇ بىر ئىشلىتىشكە مۇيەسسەر بولساق ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرەر ئىدۇق…
    ixkiyar@gmail.com

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif