ئۇيغۇربەگ ئىمتىھان ھەلەكچىلىكىدە…

DSCF8481

بۇرۇنمۇ بۇ ھەقتە بىر قېتىم قاقشاپ ئۆتۈپ كەتكەن، يەنى، كەمىنە ئۇيغۇربەگنىڭ ئىمتىھان مەزگىلىدە كەيپىياتى سەت تۇراقسىزلىشىپ كېتىدۇ، ئاچچىقى يامان، تەرسا، تىرىككەك بولۇپ كېتىمەن. تېخى، ئىمتىھان مەزگىلىدە كەلمىگەن ئۇيقۇم كەپ كېتىدۇ، يوقاپ كەتكەن ئىلھاملىرىم كەپ ئەسەر(شېئىرىي) يازغۇم كېلىپ، ئۆگىنىش خوش ياقمايدۇ. ئۆگىنىش خوش ياقمىغانسىرى تەكرار قىلغۇسى كەلمەيدۇ، تەكرار قىلغۇسى كەلمىگەنسىرى ئىمتىھاندىن قورقۇش كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ، ئىمتىھاندىن قورققانسىرى ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ، ئۇيقۇسى كەلمىگەنسىرى تاماق-غىزا گالدىن ئۆتمەيدۇ، تاماق-غىزا گالدىن ئۆتمىگەنسىرى بلوگ يازغۇسى كەلمەيدۇ، بلوگ يازغۇسى كەلمىگەنسىرى…مۇشۇنداق پەلىپەتىش سۆزلەپ قالىدۇ. ھازىرغا قەدەر 8 ئىمتىھاننىڭ پاقتىكىنى ئۇچۇرۇۋەتتىم، يەنە تۆت ئىمتىھانىم بار ئىكەن، ئىنشائاللاھ، بۇ ئىمتىھانلارنى ساق-سالامەت، ئوڭۇشلۇق بېرىۋەتسەم ئاپام ئەتكەن لەغمەننى يەپ ئولتۇرۇپ كەپەمگە چۈشكەن ئىنكاسلارغا جاۋاب يازسام دەيمەن….

سۈرەتتە: ئۇيغۇربەگ بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئاكا-ھەدىلىرى بىلەن بىرگە…



无觅相关文章插件,快速提升流量

ئۇيغۇربەگ:
كەمىنە ئەسلى «ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى»دىكى بىر بلوگگېر بولۇپ، كۆپىنچە كىشىلەر ئەركىلىتىپ «بىگىم»دەپ قويىدۇ،بەكرەك يېقىنلار بولسا «قازاقبەگ»،«خەنسوبەگ»دەپمۇ چاقىرىشىدۇ،كەمىنە ۋوردپرېسكە ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىغان بالىمەن. قىسقىچە تەرجىماھالىمنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ،ئۇنىڭدىن باشقا مەن مىكروبلوگنىمۇ ئويناپ قويىمەن: ئەلكۈيى مىكروبلوگى | شىنلاڭ مىكروبلوگى | QQ مىكروبلوگى | رېن رېن تورى
1,659 گىرادۇس 16


16 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • قۇتبەگ | 16:04 | 2012.06.28 جاۋاب

    ئىنتىھانىنى ياخشىراق بىرىپ ياخشىراق ئۈگەنسىلە بەگ قارىم كېيىن چاتاق چىقدۇ بولمىسا ،ئىنتىھانغا بىلوگ يازغان دەپ جاۋاپ يازساق ئۇنۇمايدۇ ھەقىچان :lol:

  • سېھرىگەر | 03:56 | 2012.06.29 جاۋاب

    ئو ، سىلەرنىڭ ياتاقتا 4 ئوغۇل بالا بار دەۋاتاتتىڭىز بىرسى قىزغا ئايلىنىپ قالدىما ؟

    • پالگان | 10:50 | 2012.06.29 جاۋاب

      يازمىنى ئوقۇماي ئىنكاس يىزىپ قۇيۇپسىز دە . يازمىنىڭ ئەڭ ئاستىدا ئۇلارنى « ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئاكا-ھەدىلىرى»دەپ ئەسكەرتىپ قۇيۇپتىكەن بولمىسا .

    • ئۇيغۇربەگ | 14:42 | 2012.07.2 جاۋاب

      پالگان نەق جاۋابنى بەردى!

  • لوپنۇرى | 14:18 | 2012.06.29 جاۋاب

    يەنىلا ئىمتىھان مۇھىم بېگىم! مېنىڭچە، مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئىلھاملىرى كەلسە، كەلگەن ئىلھامنى شېرىي شەكىلدە بىر تۆكىۋەتسىلە، شۇندىلا يېنىكلەپ قالىلا،ئۆگىنىشمۇ خۇشاقىدۇ. بۇ خۇددى ئىچى بەك پۇشۇپ كەتكەنلەر بىر يىغلىۋالسا ئىچى بوشاپ قالغاندەك بىر ئىشمىكىن دەيمەن. جىددىيلەشكەن ۋاقىتتا ئۇنى ئۆزى خالىغان يول بىلەن بوشتىۋېلىش پىسخىك تەڭپۇڭلۇقنى تەكشەشكە پايدىلىقتۇر.

    • ئۇيغۇربەگ | 14:48 | 2012.07.2 جاۋاب

      دېگەنلىرى ھەقكەن، مەن شېئىردىن ئۈچنى توقۇۋەتتىم!

      • يالغۇز | 07:27 | 2012.07.11 جاۋاب

        قىنى بايان ئەيلىماملا ئەمسە،ھە راست توخـــــتـــاپ تۇرۇڭ قۇلۇقۇمنى بىرنەرسە بىلەن ئىتىۋالاي………

        • ئۇيغۇربەگ | 04:16 | 2012.07.16 جاۋاب

          دەپ بەرمەيمەن!

  • كۆنچى | 04:47 | 2012.06.30 جاۋاب

    مىنىڭ ئىمتىھانىم تۈگەپ كەتتى جۇما.10 كۈنلىك پاراكتىكا باشلىنىش ئالدىدا تۇردۇ.ئاخشام php دىن 10gb چوڭلۇقتىكى دەرىسلىكنى چۈشۈرۈپ قويدۇم.ئەمدىكى گەپ قىسىپ ئولتۇرۇپ كۆرۈشتە قالدى…

  • سەھرايىم | 18:17 | 2012.07.6 جاۋاب

    ئىمتاھانلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي ، امىن

  • گىك | 17:45 | 2012.07.9 جاۋاب

    ۋاي ئانامەي 12 پەندىن ئىمتان بېردىغان ئىش باما ……

    • ئۇيغۇربەگ | 04:23 | 2012.07.16 جاۋاب

      ئۇنى بىر دېمەڭ،

  • ھاجى | 13:59 | 2013.11.15 جاۋاب

    ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر بىلەن پۈتتۈرمىگەنلەرنىڭ پەرقى چوڭكەن ھە! ;-)

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif