ئۇيغۇربەگنىڭ شاش چاغلىرىدىن ئەسلىمە فىلىم (2): چىم-چىم ئەتتىم چىم بىلەن
-
سەھىپە:تۇرمۇش بايانلىرى
باھا:12 دانە
13-02-2012
خوش، ياتاقتا يالغۇز يېتىپ-قوپۇۋاتقانلىقىمغا خېلى بولدى. يالغۇز قالغان چاغلىرىمدا، تولۇق ئوتتۇرىدىكى ئاشۇ تاڭلىرى تىز ئېتىپ كېتىدىغان ياتىقىمنى ئەسلەيمەن. 610-نومۇرلۇق ئاشۇ ياتاقتىكى كۈنلىرىم مەن ئۈچۈن كۆرۈپ بولغان گۈزەل بىر چۈش، ئاڭلاپ بولغان سىرلىق ئەپسانە، يېزىپ بولغان چىرايلىق بىر شېئىر، تىكىپ بولغان ئۇز بىر كەشتە، سىزىپ بولغان نادىر بىر سۆرەت كەبى تۇيۇلىدۇ، بەزەن كۈنلىرى ياتىقىمدا زىرىكىپ قالغان ۋاقتىمدا، كومپىيۇتېرىمدا ئەينى چاغ ئىشلەپ قويغان فىلىم «چىم-چىم ئەتتىم چىم بىلەن»دېگەن ئاشۇ ئېسىل خاتىرىلەرنى ئەسلىتىدىغان فىلىملەرنى ئاچىمەندە، كۆزلىرىمگە ئىختىيارسىز ياشلارنى ئالىمەن. ئەلۋەتتە، ھازىرقى ئەھۋالىممۇ يامان ئەمەس، ئەمما يېنىمدا ئۇيغۇرچىغا قازاقچىنى ئارىلاشتۇرۇپ، قىرغىزچە سۆزلەۋاتىمەن دەپ قۇيىدىغان ئاشۇ شىخۇلۇق ئاق كۆڭۈل قازاق دوستۇم غادىل ئورازبېكنىڭ قارىسى يوق؛ دەرس ۋاقتى ھاڭۋىقىپلا تۇرىدىغان، ياتاققا كىرسىمۇ داۋاملىق ھاڭۋىقىدىغان، ئەمما ئىمتىھان كەلسە ھەممىنى تاڭ قالدۇرۇپ بىرىنچى بولىدىغان، ئۆزى ئاق كۆڭۈل كەلگەن ئونسۇلۇق دوستۇم تۇرسۇن توختى يوق؛ ئىشلىرىغا تولىمۇ پۇختا، ئىجتىھاتلىق ۋە غايىلىك، ماڭا ئاغىنە ئەمەس ئاكا كەبى كۆيىنىدىغان ئاقسۇلۇق قەدىناسىم مۇخلىس تۇرسۇن كەنجى ئالپاغۇتنىڭ ئىزگۈ تىلەكلىرى يوق؛ ناھايىتى سالماق كەلگەن، ئەمما ئىشلارنى تولىمۇ ئەتراپلىق قىلىدىغان، يەكۈنلىرىنى كىشىنى تولىمۇ قايىل قىلىدىغان قەدىناس دوستۇم ئەسقەت سەمەتمۇ ھەم يوق. يالغۇزمەن، يەنە يالغۇز…