بلوگداشلارنىڭ بالىلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن، بالىلىقدىكى غايىلىرىمىزنى ئەسلىشىپ باقامدۇق؟
-
سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى
باھا:31 دانە
01-06-2013
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، بۈگۈن 1-ئىيۇن بالىلار بايرىمى. ئالدى بىلەن ئوماق ئىنى-سىڭىللىرىمنىڭ شۇنداقلا ئۆزىنى بالا چاغلايدىغان بلوگداشلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، بالىلار بايرىمىڭلار مۇبارەك بولسۇن…بىر زامانلاردا مەنمۇ بالا ئىدىم، بالا بولغاندىمۇ تولىمۇ ئويچان بىر بالا ئىدىم، غايىلىرىممۇ بەك-بەك كۆپ ئىدى، ھازىرغۇ چوڭ بوپ كېتىپ شۇ غايىلىرىمنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئىدىم، بۈگۈن مۇشۇ بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بالىلىقدىكى بىر قىسىم سەبىي غايىلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم، مېنىڭ غايەمگە قىزىقامسىلەر؟ ئەمىسە…ئايرىمخانىگە مەرھەمەت…
1. چوڭ بولسام خىمەندەك كۈچتۈڭگۈر ئادەم بولىمەن، ئىسكىلىت شاھنى تۇتۇپ ئەكىلىمەن…
2. ئۇچقۇچى بولۇپ، ئاپامنى ئايروپىلانىمغا سېلىپ ھەرەمگە ئاپىرىمەن.
3. تۈگىمەيدىغان بىر ماروژنىرىم بولسا، ھايت دېسەم پەيدا بولسا، دوستلىرىم بىلەن تاماشا قىلىپ يەپ كەتسەم.
4. شۇنداق بىر يول بولسا، مەكتەپكە بارغاندا ئۇ يول پاكار بولسا(يەنى ئۆي دۆڭدە، مەكتەپ پاكاردا بولسا)، مەكتەپدىن قايتقاندا ئۆي پاكاردا بولسا(يەنى مەكتەپ دۆڭدە، ئۆي پاكاردا بولسا)، ۋېلىسپىتىمنى قويۇپ بەرسەم ئۆزى شۇ يولدا بەخىرامان كەتسە.
5. قۇشلاردەك قانىتىم بولسا، ھاۋا ئىسسىق كۈمنى ئۇچۇپ بېرىپ سۇغا چۈمۈلۈپ كەلسەم.
6. خەپ، چوڭ بولسام بالىلارنى ئۇرمايدىغان مالىم بولىمەن.
7. چوڭ بولسام كەشپىياتچى بولۇپ، ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتىمەن!
8. ناۋادا يۈز مىليون پۇلۇم بولسا، بىر مىليوننى بالىلىرىمغا قالدۇرۇپ، قالغىنىنى يىتىم-يىسىرلارغا ئىئانە قىلىۋەتمىسەم.
9. شۇنداق بىر كىيىمىم بولسا، ئوق ئۆتمىسە، تاياق ئۆتمىسە، ئوتتا كۆيمىسە. ئاندىن بېرىپ مېنى بوزەك قىلغان لۈكچەكلەرنىڭ ئەدىبىنى راسا بەرسەم.
10. ئاۋۇ قوشنا سىنىپدىكى قىزچاق ماڭا ئاشىق بوپ قاسا نېمە دېگەن ياخشىتى…
11. چوڭ بولغاندا يازغۇچى بولىمەن، نوبىل مۇكاپاتى ئالىمەن!
12. چوڭ بولغاندا ساقچى بولىمەن!
13. چوڭ بولغاندا سودىگەر بولىمەن.
14. چوڭ بولغاندا زۇڭتۇڭ بولىمەن(ھاھاھاھاھ….).
15. چوڭ بولغاندا رەئىس بولىمەن، ئاپتونۇم رايونىغا……………
16. خوتۇن ئەپ قاسام چوقۇم ئاپامدەك تىرىشچان، قانائەتچان، مېھرىبان خوتۇن ئامايدىغان بولسام، خەپ!
17. سۇنۋۇكۇڭدەك 72 خىل ئۆزگىرەلەيدىغان بولسام نەقەدەر ياخشىتى…
18. ئاڭلىسام تاركاننى تۈركىيەگە پات-پات كېلىپ كونسېرت قىلامىش، قاچانمۇ بىر بېرىپ «دۇدۇ»نى ئېيتقۇزارمەن.
19. پروگراممېر بولۇپ، بېلگايتىسدەك، ھەم داڭلىق ۋە باي…
20. ئادەم بولىمەن.
21. بۇندىن كېيىن ۋاقىت چىقىرىپ، بلوگىمنى يېڭىلاپ تۇرىمەن….