[WordPress ئۇسلۇبى] سابىق ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى ئىشلەتكەن ئىجادىي ئۇسلۇب – Begpro
-
سەھىپە:WP ئۇسلۇبى
باھا:16 دانە
08-06-2013
بىر زامانلاردا WordPress ئۇسلۇبى ياساشقا قاتتىق ھېرىسمەن ۋاقىتلىرىم يىنىك بلوگى دىيەن دىيەن(点点) تورىدىكى بىر ئۇسلۇبنى دوراپ چىققاندىن كېيىن، ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسى ناملىق سابىق بلوگىمدا ئىشلەتكەن ئىدىم. ئەمدى ئۇ بلوگمۇ يوق بولدى، مەزكۇر ئۇسلۇبنى ھامىنى ئىشلەتمىگەنكىن ياقتۇرغان ۋە تەلەپ قىلغان بلوگداشلارنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇندۇم.
ئۇسلۇب ھەققىدە:
ئۇسلۇب دوراپ ياسالغان، ئەسلى ئۇسلۇب ئادرېسى تۆۋەندىكىدەك: http://uyghurbeg.diandian.com/
مەزكۇر ئۇسلۇبنى ئۆزەم شەخسىي ئىشلىتىمەن دەپ ياسىغاچقا كودلار ۋە بەتلەر قالايمىقان، IE9دىن يۇقىرى ۋە تەڭداش جاھاننامىلەردە بەك گۈزەل چىقىدۇ، يان بۆلەك قوللىمايدۇ، يان بۆلەكدىكى ۋىجىتلارنى، شۇنداقلا نۇرغۇن جايلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا ئۇسلۇبنىڭ ھۆججەتلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك كود ئارقىلىق ئۆزگەرتىش لازىم بولىدۇ، ئۇسلۇبنىڭ قىسىلغان سۈرىتى تۆۋەندىكىدەك: