[خەتلىك ناخشىلىرىم] تۈركىيە ناخشىچىسى رافەت ئەل روماننىڭ يېڭى ناخشىسى – قەلبىمگە سۈرگۈن
-
سەھىپە:تەرجىمە ناخشا
باھا:7 دانە
18-08-2013
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، مۇساپىر ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىم باشلانغاندىن كېيىن تورغا كۆپ چىقىش پۇرسىتى بۇلالماي، مۇئەللىم بەرگەن مەشىقلەرنى ئىشلەپ، شېئىرلارنى يادلاپ، ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ، كىنولىرىنى تەرجىمە قىلىپ يۈردۈم، سىلەرگە مۇشۇ يەردە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمنى بايان قىلىپ بېرەي دەپ ئويلىغان بولساممۇ چوڭقۇرراق پىكىرگە ئىگە بولماي تۇرۇپ تاقا-تۇققا سۆزلەپ قېلىپ، چوڭلارنىڭ تەنبىھ بېرىشىدىن ئەنسىرىدىم، شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشىسى تۈركىيەدىكى يېڭى ناخشىلارنى بولسىمۇ تەرجىمە قىلىپ تۇرۇشنى ئويلىشىپ، ھازىر تۈركىيە ناخشىچىسى رافەت ئەل روماننىڭ يېڭى مودا بولىۋاتقان ناخشىسى »قەلبىمگە سۈرگۈن»نى ئەپ كەلدىم، تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ. ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…
فىلىمخانا
ناخشا سۆزى
رافەت ئەل رومان & فەئات ئەزو: قەلبىڭگە سۈرگۈن
سۆزى، مۇزىكىسى: گۆكخان گۈنەش
تەرجىمىدە: ئۇيغۇربەگ
كىملەرىڭگە كۆرە لازىم ئەمەس سۆيگۈ
Kimilerine göre lazım değil aşk
كىملەرىڭگە كۆرە خائىن
Kimilerine göre hain
ئەمما مەن سېنى بەك، مەن سېنى بەك سۆيدۈم
Ama ben seni çok ben seni çok sevdim
كىچىككىنە بىر قەلىبدىن ساڭا ئېچىلغان
Küçücük bir kalpten sana açılan
دۇنيالار قەدەر بۈيۈك بىر چىراق
Dünyalar kadar büyük bir ışık
ئەمما مەن سېنى بەك، مەن سېنى بەك سۆيدۈم
Ama ben seni çok ben seni çok sevdim
دەرلەركى ئۇنۇتقۇلۇق، زاماننى تەرك ئەتكۈلۈك
Derler ki unutmalı, zamana bırakmalı.
قانداقلا بولسا تېڭىلىدۇ(ساقىيىدۇ) يارىلار بىر كۈن
Nasıl olsa sarılır yaralar bir gün
ئەمما مېنىڭكى(سۆيگۈم) سۆيگۈ ئەمەس، سەن كەبى تاش ئەمەس
Ama benimki aşk değil, sen gibi taş değil
مېنىڭكى(سۆيگۈم) قەلبىڭگە سۈرگۈن
Benim ki kalbine sürgün.
كىملەرىڭگە كۆرە لازىم ئەمەس سۆيگۈ
Kimilerine göre lazım değil aşk
كىملەرىڭگە كۆرە خائىن
Kimilerine göre hain
ئەمما مەن سېنى بەك، مەن سېنى بەك سۆيدۈم
Ama ben seni çok ben seni çok sevdim
ئىللىققىنا بىر باقىشىڭ ماڭا يېتىدۇ
Sıcacık bir bakışın bana yetiyor
دۇنيالار مېنىڭ بولىدۇ
Dünyalar benim oluyor
ئەمما مەن سېنى بەك، مەن سېنى بەك سۆيدۈم
Ama ben seni çok ben seni çok sevdim
دەرلەركى ئۇنتۇغۇلۇق، زاماننى تەرك ئەتكۈلۈك
Derler ki unutmalı, zamana bırakmalı.
قانداقلا بولسا تېڭىلىدۇ(ساقىيىدۇ) يارىلار بىر كۈن
Nasıl olsa sarılır yaralar bir gün
ئەمما مېنىڭكى(سۆيگۈم) سۆيگۈ ئەمەس، سەن كەبى تاش ئەمەس
Ama benimki aşk değil, sen gibi taş değil
مېنىڭكى(سۆيگۈم) قەلبىڭگە سۈرگۈن
Benim ki kalbine sürgün.
ناخشىنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى ئىنكاس كۆپرەك چۈشكەندە يوللىنىدۇ…