[ فوتو ئەسەرلىرىم ] ئىستانبۇلنىڭ ھېكايەسى
-
سەھىپە:رەسىم ماكانى، ساياھەتنامە
باھا:34 دانە
02-10-2013
بەلكىم بىلمەسلىكىڭلار مۇمكىن، بىگىڭلار ئۇيغۇربەگنىڭ ئاجايىب بىر ھەۋىسى بار، ئۇ بولسىمۇ رەسىمگە چۈشۈش ۋە رەسىمگە تارتىش، ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىن مېنىڭ بۇ ھەۋىسىم تېخىمۇ كۈچىيىپ مېنى سەۋدا قىلدى، مۇساپىرچىلىق مۇھىتتا رەسىمگە تارتىش مېنىڭ دەرسدىن سىرتقى ئاساسلىق پائالىيىتىمگە ئايلاندى، گەرچە تارتقان نەرسىلىرىم كەسىپ ئىگىلىرى ئالدىدا ھېچنېمە بولمىسىمۇ تارتقان بىر قانچە رەسىملىرىمنى «ئىستانبۇلنىڭ ھېكايەسى» دەپ چوڭ بىر قالپاق كەيدۈرۈپ سىلەرگە سۇنۇش ئالدىدا تۇرماقتىمەن، يازمىغا كىرىشدىن بۇرۇن ئاياق، چالما كېسەك، پالاق تۇخۇملارنى ئېتىشقا تەييارلاپ تۇرغايسىزلەر…