ئىستانبۇلدا ئاممىۋى قاتناش – قولايلىق ۋە قولايسىز
-
سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى
باھا:19 دانە
10-12-2013
ئىستانبۇلغا كېلىشدىن بۇرۇن، دۇنياۋى شەھەر دېگەن ئۇقۇم كاللامغا ئورنۇتۇلۇپ كەتكەن بولغاچقىمۇ، ئىستانبۇلنىڭ قاتناش ئىشلىرىنى ئىلىمىزنىڭ چوڭ شەھەرلىرى بولغان بېيجىڭ، شاڭخەي، شېنجىنلىرىگە، ھەتتا مەن تىجارەت قىلغىلى بارغان خوڭكوڭ شەھىرىگە سېلىشتۇراتتىم، ئىستانبۇلغا يېڭى كەلگەندىكى ھاياجاندا دىققەت قىلمىغان قاتناش كېيىنرەك ئىشلىرىم ئىزىغا چۈشۈپ ئوقۇش، ئىشلەش ۋە ھېيت-بايراملاردىكى مېھماندارچىلىقلار داۋامىدا دىققىتىمنى ئالاھىدە تارتىشقا جەلىب قىلدى، مېنىڭ بۇ يازمام بولسا ئىستانبۇلغا تېخى ئۆزلىشىپ بولالمىغان كەمىنىنىڭ قىسقىغىنە ئويلىرى، يازمامدا ئارتۇق ياكى كۆپتۈرۈلۈپ كەتكەن جايلىرى بولسا تۈزىتىپ، كام قالغان جايلىرى بولسا تولۇقلاپ قويۇشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتىنىمەن، ئەمىسە يازمىغا مەرھەمەت…
ھەر بىرسىدىن بەخىش ئىتىشدىن بۇرۇن ئىستانبۇلدىكى مەن بىلىدىغان ۋە چىقىپ باققان ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىنى بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي:
1. تىرامۋاي
2. مېتروبۈس(BRT)
3. مېترو
4. ئاپتوبۇس
5. پاراخوت
6. دولمۇش(مىنىبۇس)
7. مارماراي
مەن بىلىدىغانلىرى مۇشۇنچىلىك، مەزكۇر يازمىمۇ يۇقارقى ئاممىۋىي قاتناش ۋاستىلىرىنى كەمىنىنىڭ قىسقىچە ئويلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىلەن داۋام قىلىدۇ.
1. ئاپتوبۇس
ئاپتوبۇس دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، جۈملىدىن دىيارىمىزدىمۇ مۇھىم بولغان ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بىرى، ئىستانبۇلدىمۇ بۇ ۋاستە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە رولىنى جەلب قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن. ئىستانبۇلدىكى مۇھىم ۋە بىر قەدەر چوڭراق مەھەلە-رايونلارغا ئاساسەن قاتنايدىكەن. ئىستانبۇلنىڭ ئاپتوبۇس قاتناش ئىشلىرى خېلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، بەزى ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدە كېلىۋاتقان ئاپتوبۇسلارنى كۆرسۈتۈپ تۇرىدىغان تاختايلار بولىدىكەن، بەزى باش-ئاخىرقى بىكەتلەردە بولسا ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقىت جەدۋىلى ئورنۇتۇقلۇق بولىدىكەن، بۇ ماڭا بىر ئاز ئىلغار تويۇلدى ئەلۋەتتە، شېنجىندا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئاپتوبۇسنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى ياكى قاچان قوزغىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي بىھۇدە ساقلايدىغان ئىشلاردىن بەك زىرىككەنتىم، ھالبۇكى ئىستانبۇلدا بۇ مەسىلەمنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىنى ھىس قىلدىم، ئەلۋەتتە، بۇنداق ئەھۋال ئىستانبۇلنىڭ بارلىق بىكەتلىرىدە بولمايدىكەن، بەزى بىكەتلەرنىڭ بۇ كۆرسەتكۈچلىرى بۇزۇلغان بولسىمۇ ھېلىھەم رېمۇنت قىلىدىغانلار چىقماپتۇ. ئاپتوبۇسلارنىڭ سەپلىمىسى ۋە مۇھىتى ناھايىتى ياخشى، ھەمدە ئارتۇق ئېلانلار چاپلانمىغان بولىدىكەن.
ئەمما دىققىتىمنى تارتقىنى شۇكى بىر قىسىم باش -ئاخىرقى بىكەتلىرى ئوخشاش بولغان ئاپتوبۇسلارنىڭ بېرىش-كېلىش يولىدىكى توختايدىغان بىكەتلىرى ياكى ماڭىدىغان يولى ئوخشىمايدىكەن، مەسىلەن تاختا نومۇرى 41ST ۋە 41SC بولغان ئىككى ئاپتوبوسنىڭ باشلىنىش-ئاخىرقى بېكىتى ئوخشاش بولغان بىلەن ماڭىدىغان يولى ئوخشىمايدىكەن، ماڭا ئوخشاش يېڭى كەلگەنلەر بۇنى پەرق ئىتىپ بولغۇچە، ۋەتەنگە ئوخشاشلا ئويلاپ قېلىپ ئوڭاي يولدىن ئېزىپ قالىدىغان ئىشلار پات-پات يۈز بېرىپ قالىدىكەن. يەنە بىر مىسال بولسا تاختا نومۇرى 41ST بولغان ئاپتوبۇسنىڭ ئاخىرقى بېكەتكە بېرىش يولىدىكى بېكەتلەر بىلەن باشبېكەتكە قايتىش يولىدىكى بېكەتلەر ئوخشىمايدىكەن، بۇمۇ يېڭى كەلگىنىمدە بەزىدە خاتا جايدا چۈشۈپ قالىدىغان ئەھۋاللارغا سەۋەب بولدى.
ئەمما زە قاتناش قىستاڭچىلىقى بولۇپ قالغاندا ئاپتوبۇسقا چىقىپ قالغانلىقىمغا نەپرەتلىنىپ كەتكەن ۋاقىتلىرىم بولدى، ئىستانبۇلدا قاتناش قىستاڭچىلىقىنىڭ ئېغىرلىقىدىن تۈركلەرنىڭ «ئىستانبۇلدا ھەركىم ياخشى كۆرمەيدىغان بىر بېلىق بار، ئۇ بولسىمۇ كالابالېك(قاتناش قىستاڭچىلىقى)» دېگەن كىنايىسىلىك جۈملىسىنى ئېسىمگە ئالىمەن، ھەر ھالدا ئىستانبۇلدىكى نۇرغۇن جايلارغا مېترو ياكى تىرامۋاي باغلانمىغاچ، كۆپىنچە ئاپتوبۇسقا يامىشىشقا مەجبۇر بولىمىز.
2. تىرامۋاي
تىۋامۋاي – مېتروغا ئوخشاش شەھەر ئىچىدە قاتنايدىغان ئەپچىل پويىز بولۇپ، مېترودىن پەرقى پەقەتلام «يەر ئۈستىدە» قاتنىشىدىن ئىبارەت. مەن ئەڭ ياخشى كۆرگەن ۋە ئەڭ كۆپ يامىشىدىغان قاتناش ۋاستىسى بولغان تىرامۋاي تىز ۋە قولايلىق بولۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن. مېترونىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ئىچى راھەت، ئاسان قاتناش قىستاڭچىلىقىدا قالمايدۇ، قوزغىلىش ۋە توختاش ۋاقتى ئېنىق، ئەڭ مۇھىمى سۈرئىتى تىز، شۇنداق بولغاچقا نۇرغۇن كىشىلەر ئامال بار تىرامۋاي قوللىنىشقا ئادەتلەنگەن ئىكەن.
مەن ئادەتتە جەۋىزلىباغدىن ئەمىنئۆنۈ ئارىسىغا قاتنايدىغان تىرامۋايلارغا كۆپرەك ياماشتىم، باشقا يولدىكىلىرىگە يامىشىپ باقمىدىم. ئاخشىمى سائەت ئالتىدىن سەككىز ئارىسىدا بەيازىتتىن پازارتەكە بېكىتىگىچە بولغان ئارىلىقتا، جۈملىدىم بەيازىتتىن ئاقساراي ئارىلىقىدىكى بىكەتلەردىن تىرامۋايغا چىقىشقا نەپرەتلىنىمەن. چۈنكى بۇ ۋاقىت ئارىسىدا بۇ يەرلەردىن چىقىدىغان يولۇچىلار شۇنچىلىك كۆپكىن، مەن ئون قېتىم ساقلاپ تىرامۋايغا چىقالماي قېلىشدەك ئېچىنىشلىق ۋاقىتلارنى باشتىن كەچۈردۈم، قېرىنداشلارنىڭ مەندىن ساۋاق يەپ بۇ ئارىلىقتا ئامال بار پىيادە يول مېڭىشقا ئادەتلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن…
3. مېترو
خەۋەرلەرگە كۆرە، ئىستانبۇلنىڭ مېترو قاتنىشى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، يېقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە ئەردوغان ھۆكۈمىتى كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق مېترو قاتنىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچىگەن ھەمدە يېڭىدىن مېترو بىكەتلىرى ۋە لىنىيەلىرىنى كۆپەيتكەن. ۋىكىپېدىيادىن كۆرۈشۈمچە، ئىستانبۇلدا مېترو قۇرۇش پىكرى 1912-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، 1987-يىلىغا كەلگەندە ئاران ئەمەلىيلىشىپ تۇنجى مېترو لېنىيىسى ئىشقا كېرىشكەن ئىكەن. نۆۋەتتە ئىشلىتىلىۋاتقان مېترو لېنىيىسى جەمئىي 9 بولۇپ، ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا ئارىسىدا قاتنايدىغان بىردىنبىر ۋە تۇنجى لېنىيەمۇ ئىستانبۇلغا جايلاشقان. ئىستانبۇلنىڭ مېترو ۋە مېترو ئەسلىھەلىرى مەنچە نىسبەتەن كونا بولۇپ، ئەلۋەتتە، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىغا ئەگىشىپ خەلقئارالىق سەۋىيەگە ئىگە مېترو قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا، گەرچە يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان مېترو ئىستانسىلىرى ۋە ئىشلىتىلىۋاتقان مېترولار نىسبەتەن يېڭى ۋە ئۆزگىچە بولسىمۇ، بىخەتەلەرلىك ۋە خەلققە قولايلىق بولۇشى جەھەتتە يەنىلام بىر ئاز ئارقىدا قاپتۇ دەپ ئويلىدىم مەن…
4. مېتروبۈس(BRT)
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئىستانبۇلغا مېتروبۈس 2007-يىلى كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە توپلام 50 كېلومېتىرلىق لېنىيەدە 45 بېكەت ئورۇنلاشقان ئىكەن، كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارى 700مىڭگە يېتىدىكەن. شۇنداق، ئىستانبۇلدا قاتناۋاتقان مېتروبۈسلەر ھەققىدە غەيۋەت ۋە شىكايەت كۆپ، گەرچە ئۆزى ئەپچىل، تىز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئاپتوبۇسنى بىر يەرگە تاشلاپ قويغان بىلەن، چىقىدىغان يولۇچىلارنىڭ كۆپلىكىدىن 100 كىلولۇق بىرىنى قىستاپ-چاپلاپ 70 كىلولۇق قىپ قويىدۇ دەپ شىكايەت قىلىدۇ ئاغىنىلەر. مەنمۇ بىر قانچە قېتىم مېتروبۈسكە چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم، ئەمما يۇقارقىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا يولۇقۇپ باقمىغىنىمغا شۈكرى ئېيتىمەن…
5. پاراخوت
شۇنداقلا ئاسىيا-ياۋرۇپا ياقىسىدىكى جايلاردا يەنە پاراخوتمۇ قاتنايدىكەن، ئىستانبۇلدىكى پاراخوتلار ۋە پرېستانلار ھەققىدە كۆپرەك بىلىشكە قادىر بولالمىدىم، ئەمما تۇنجى قېتىم پاراخوتقا چىقىپ ياۋرۇپادىن ئاسىياغا چىققىنىمدا بەك يوغان ئىش قىلىۋەتكەندەك مەغرۇرلانغىنىمنى، قايتقىنىمدا بولسا بىرخىل غېرىبلىق ئىچىدە «يار ئىشقىدا» دېگەن شېئىرنى يېزىۋەتكىنىمنى، دېڭىزدا كېتىۋاتقاندا چايكىلارنىڭ ئەگىشىپ ئۇچۇشقانلىقلىرى، يولۇچىلارنىڭ چايكا ۋە بېلىقئالغۇچ قۇشلارغا نان تاشلاپ بەرگىنىنى، بۇ قۇشلارنىڭ ئاچپاقىلارچە بۇ نانلارنى تالىشىپ يىيىشكەنلىرىنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيمەن ئەلۋەتتە. شۇڭا، ئۆزۈمنى بىلىپ بۇ ھەققىدە كۆپ سۆزلەپ ئۆتمەي…
6. دولمۇش(مىنىبۇس)
بىزدە مىنىبۇس دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ۋاستە تۈركىيەدە دولمۇش دەپ ئاتىلىدۇ، ئاپتوبۇس، تىرامۋاي قاتنىمايدىغان چەت مەھەللىلەرگە ياكى يوللىرى تارراق بولغان جايلارغا قاتنايدىغان بۇ ۋاستە 15~25 كىشىلىكلا بولىدۇ، ئادەتتە مۇساپىگە قاراپ ھەق ئالىدۇ، مۇقىم قوزغىلىش ۋاقتى بولمايدۇ، مۇقىم لېنىيىسى بولىدۇ ئەمما مۇقىم بېكىتىمۇ بولمايدۇ، ئەمما ئۆزى خالىغان يولدا ياكى ئۆزى خالىغان لېنىيەدە ماڭالمايدۇ بۇ دولمۇشلار. بىلىشىمچە دولمۇش ھەيدەش ئىجازىتىنى ئېلىشمۇ ئىنتايىن قېيىن بىر ئىش. ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىرىلىدىغان قاتناش كارتىسى دولمۇشقا ئۆتمىگەچكە ئاساسەن دىگۈدەك بۇ ۋاستىگە چىقىپ باقمايمەن، ئەمما بەزىدە چىقىشقا مەجبۇرمىز ئەلۋەتتە…
7. مارماراي
مارماراي- بۇ يىل پۈتۈپ ئىشقا كېرىشكەن يېڭى قاتناش ۋاستىسى بولۇپ، 76 كىلومېتىرلىق لېنىيەدىكى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنى كۆرسىتىدۇ. 2013-يىلى 29-سىنتەبىر كۈنى ئىشقا كېرىشكەن مەزكۇر قۇرۇلۇشدا 1.4 كېلومېتىرلىق دېڭىز ئاستىدىن ئۆتىدىغان تونىل بار، بۇ قۇرۇلۇش تۈركىيە ھۆكۈمىتى مەبلەغ چىقىرىپ، ياپونىيىلىكلەر تېخنىكا چىقىرىپ، بىرلىشىپ ياسىغان قۇرۇلۇش بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئۇنىۋېرسال كۈچىنى ئاشۇرۇشدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەپسۇسكى، كەمىنە بۇ ئولۇغ قۇرۇشقا ئىشلىتىلگەن پويىزغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ باقمىدىم، تۈركىيەگە كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ ئاسىيا-ياۋرۇپا ئارىسىدا پاراخوت بىلەنلا ئەمەس، دېڭىز ئاستىدىن ئۆتىدىغان مارماراي ئارقىلىقمۇ قاتناپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن…
Marmaray, İstanbul’un Avrupa ve Asya yakalarındaki demiryolu hatlarını İstanbul Boğazı altından geçen bir tüp tünelle birleştiren 76 km lik bir demiryolu iyileştirme ve geliştirme projesidir.[6] Halkalıile Gebze arasında çalışması planlanan hattın boğaz geçişini de içine alan, Ayrılıkçeşme ve Kazlıçeşme arasındaki 14 km’lik bölümü 29 Ekim 2013 tarihinde hizmete açılmıştır. Açılan hatta 3′ü yeraltında olmak üzere toplam 5 istasyon vardır.
Proje, batırma tüp tünel (1.4 km), delme tüneller (toplam 9.4 km), aç-kapa tüneller (toplam 2.4 km), üç yeni yeraltı istasyonu, 37 yerüstü istasyonu (yenileme ve iyileştirme), yeni işletim kontrol merkezi, sahalar, atölyeler, bakım tesisleri, yerüstüne inşa edilecek olan yeni bir üçüncü hat ve temin edilecek olan 440 adet modern demiryolu araçlarını kapsamaktadır.[6] Üç etaba ayrılan bu işlerin ”BC1 Raylı Tüp Tünel geçişi ve istasyonlar“ etabı 29 Ekim 2013 tarihinde hizmete açılmıştır. 2015′te tamamlanması planlanan ”CR3 Banliyo Hatları İyileştirmesi“ etabı Haydarpaşa-Gebze ve Sirkeci-Halkalıbanliyo hatlarının (Elektriksel, mekanik ve yapısal) olarak iyileştirilmesidir. Bu kapsamda Anadolu yakasında, ortalama iki istasyon arası 4,5 km. olan 10, Avrupa yakasında ise 2 ekstra istasyon açılacaktır. ”CR2 Demiryolu Araç İmalı “ etabında ise 2014 yılına kadar bu hatta çalışacak 20 adet 5 vagonlu, 34 adet 10 vagonlu olmak üzere toplam 54 set, Adapazarı’nda Güney Koreliler ile ortak kurulan Hyundai EUROTEM Fabrikası’nda yüzde 30 yerli katkılı olarak imal edilmekte hatta toplam 590 set çalısması planlanmaktadır.[7][8]