[ WordPress قىستۇرمىسى ] بلوگنى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىغا باغلاش قىستۇرمىسى – weixin-robot
-
سەھىپە:ۋوردپرېس بىلىملىرى، ۋوردپرېس قىستۇرمىسى
باھا:28 دانە
18-10-2013
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، ئالدى بىلەن كېچىكىپ قالغان بولساممۇ سىلەرنىڭ قۇربان ھېيتىڭلارنى مۇبارەكلەيمەن: قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئۇزۇن بوپتىكەن WordPress ۋە ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى بىلەن ھەپىلىشىپ باقمىغىلى، نەچچە كۈن ئاۋال بىر خەنزۇچە بلوگدا WordPressدە قۇرۇلغان بېكەتلەرنى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىغا باغلىغىلى بولىدىغان قىستۇرمىنى ئۇچرىتىپ، بىر ئاز سىناق قىلغاندىن كېيىن ياراپ قالدى. بۈگۈن سىلەر بىلەن مەزكۇر قىستۇرما ھەققىدە بىرئاز بىلىملەرنى ئورتاقلىشىپ ئۆتەي…
قىستۇرما weixin-robot ھەققىدە
ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك بىر زامانلاردا ئۈندىداردا ئاممىۋى سۇپا ئېچىش مودىغا ئايلانغان ئىدى، كەمىنە ئۇيغۇربەگمۇ ئەينى چاغلاردا مودىدىن قالمايمەن دەپ «ئۇيغۇربەگ ئاممىۋى سۇپىسى» دېگەن نامدا سۇپىدىن بىرنى قۇرىۋالغان( كۆرۈڭ: تۇرايىمىزنىڭ مىكرو ئۇچۇر(微信) ئاممىۋى سۇپىسى ئېلان قىلىندى، قوللاپ بېرىڭ… )، ھازىرمۇ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى شەخسىي ئورۇنلارنىڭ ئۇچۇر تارقىتىشتىكى مۇھىم ۋاستىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۈگۈن تونۇشتۇرىدىغان weixin-robot قىستۇرمىسى بولسا بلوگىمىزنى ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىغا بىرىكتۈرىدىغان قىستۇرما بولۇپ، مەزكۇر قىستۇرما ئارقىلىق ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىمىزغا ئەگىشىۋالغانلارغا بلوگىدىمىزدىكى مەزمۇنلارنى ئاپتوماتىك ئەۋەتىش، قايتۇرۇلغان ئۇچۇر ئارقىلىق بلوگىمىزدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تونۇشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھىرلىنەلەيمىز.
weixin-robot قىستۇرمىسىنى ئورنىتىش ۋە قوللىنىش
1. قىستۇرمىنى تۆۋەندىكى مەنزىلدىن ياكى ئارقا سۇپىدىن weixin-robot دەپ ئىزدەش ئارقىلىق چۈشۈرۈپ ئورنىتىمىز ۋە ئاكتىپلايمىز:
مەنزىل: http://vdisk.weibo.com/s/vjTLX
2. مەزكۇر قىستۇرمىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىمىز بولۇشى كېرەك(قانداق قۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرماي). قىستۇرمىنى قوزغىتىپ بولغاندىن كېيىن ئاممىۋى سۇپىمىزغا كىرىپ تۆۋەندىكى تەرتىپ بۇيىچە تەھرىرلەش ھالىتىگە ئۆتىمىز:
微信公众平台 > 点击高级功能菜单 > 开启开发模式 > 编辑公众平台消息接口
ئەسكەرتىش: قىستۇرمىنى قوزغىتىش ئۈچۈن تەتقىق قىلىش ھالىتى(开启开发模式)نى جەزمەن ئېچىۋېتىشىڭىز كېرەك.
3. يۇقارقى باشقۇچنى تاماملىغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆزنەكنى كۆرىسىز:
يۇقاردىكى كۆزنەكتىكى http://你博客地址/?weixin
دېگەن بوشلۇقتىكى بلوگ ئادرېسىڭىز(你博客地址)دېگەن خەتنى ئۆزىمىزنىڭ بلوگ ئادرېسىغا ئۆزگەرتىمىز. Token دېگەن بوشلۇققا weixin
دەپ يازىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
4. بلوگ ئارقا سۇپىغا كېرىپ باشقا تەڭشەكلىرىنى قىلىپ تەتقىق قىلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ، ئۈنۈمى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىلەردەك بولىدۇ:
ئىقتىدارلىرىنى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق «ئۇيغۇربەگ ئاممىۋى سۇپىسى»نى قوشۇۋېلىپ سىناپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ:
3,043 گىرادۇس 28