ئىزدىنىشتىكى «تۇركىيەگە ئوقۇشقا كەلـمەكچى بولغان دوستلارغا» ناملىق يازمىغا ئىنكاس
-
سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى
باھا:21 دانە
17-03-2015
ئىزدىنىش مۇنبىرىغا تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر بۇرادەر تۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلمەكچى بولغان بالىلارغا ئاتاپ ئۆزىنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرى ئاساسىدا خېلى تۇتامى بار بىر يازما يېزىپتىكەن. مەنمۇ نەچچە يىللىق ئوقۇغۇچى بولۇپ قالغان بولغاچقا، بۇ يەردىكى ئەھۋاللاردىن ئانچە – مۇنچە بايان قىلىپ، بىر ئىنكاس يازغان ئىدىم. ئىنكاسىم تۆۋەندىكىچە…
ئىنكاسنىڭ ئۇيغۇرسوفت ئىملاچىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى نەشىرى
كەمىنىمۇ «تۈركىيە قىزغىنلىقى»غا ئەگىشىپ ئەمەس، كىچىك ۋاقتىمدىكى بىر ئارزۇيۇمنى دەپ تۈركىيەگە كەلگەن بىرى.تۈركىيەدە ياخشى مەكتەپلەرمۇ يوق ئەمەس، ئەمما «تۈركىيە مۇكاپاتى» ياكى بەزى كىشىلەر «خاندەنلىك» دەپ ئىشلىتىۋاتقان مۇكاپاتتىن باشقا ئوقۇش مۇكاپاتى يوق، ھېلىقى «تۈركىيەدە ھەقسىز ئوقۇتىمەن» دەيدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قويمىچى. نۇرغۇن بالىلار «تۈركىيەدە ھەقسىز ئوقۇتۇدىكەن» دەپ كېلىپ، ھەقسىز ئوقۇيدىغان يەرنى تېپىپ بولالماي ئاۋارە… ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇش پۇلى ئەرزانراق بولغان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ياكى ئوقۇش پۇلىنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان شەخسىي ئۇنىۋېرسىتېتلاردا(بەزى شەخسىي ئۇنىۋېرسىتېتلار يېڭى قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىش، گەپنىڭ ئوچۇقى ئوقۇغۇچى توپلاپ دۆلەتتىن پۇل ئۈندۈرۈش ئۈچۈن بىر قىسىم چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۇلى ئالمايدۇ) ئوقۇيدۇ، بۇنداق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇش ئۈچۈن بىر يىل تەييارلىق قىلىپ تۈركچە سەۋىيە كىنىشكىسى ئېلىشى، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىپ يۇقىرى نومۇر ئېلىشى، شۇنداقلا ئىنگلىزچە خەلقئارالىق كىنىشكا نەتىجىسى بولۇشى، ئەڭ مۇھىمى ئالىي مەكتەپ ياكى تولۇق ئوتتۇرىدىكى نەتىجىسى پەۋقۇلئاددە ياخشى بولۇشى كېرەك. لېكىن كىرىم مەنبەسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن تۇنجى مەۋسۇم ياكى تۇنجى يىلىدىن كېيىنلا ئوقۇشتىن چېكىنىپ، تۇرمۇش قاينىمىغا كېرىپ كېتىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن كۆپ.
تۈركىيەدە ئىشلەش يازمىدا ئېيتىلغاندەك ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. يەنى، تۈركىيەدە چەتئەللىك ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىي ئىشلەش پۇرسىتى ئانچە كۆپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركلەر ئۆتۈپ كەتكەن كاززاپ ۋە قويمىچى، سىزنى قېرىندىشىم دەپ تۇرۇپ قويىدىغان ياكى بوزەك قىلىدىغان خەقلەر. ناۋادا تۈركىيەگە خىزمەت ۋىزىسى بىلەن كەلمىگەن بولسىڭىز رەسمىي ئورۇنلاردا ئىشلىشىڭىز ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ياكى تەرجىمانلىق ياكى ساياھەت رەھبەرلىكى قىلىدۇ، تەرجىمانلىق ئىشىمۇ يىلدا بىر ياكى ئىككى قېتىم بولىدۇ، تەلىيىڭىز بولسا بىرەر كىچىك شىركەتنىڭ قاچاق تەرجىمانى بولۇپ ئىشلىيەلەيسىز. ئۇيغۇر بالىلار ئاساسەن خەنسو تىجارەتچىلەرگە ئىشلەيدۇ، تۈركلەر پۇلنى ئاز بېرىدۇ ئەمما ئىشەكدەك ئىشلىتىدۇ، ھەتتا پۇلنى بېرىش ئېغىر كېلىپ سېسىق گەپ قىلىدۇ ياكى پۇلىڭىزنى قولىڭىزغا ۋاقتىدا بەرمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قولىڭىزدا رەسمىي ئىشلەش ۋىزىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىشلىسىڭىز باج تۆلىمەيسىز، لېكىن سۇغۇرتا تۆلىيەلمەيسىز، سۇغۇرتا تۆلىمىسىڭىز تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتەلمەيسىز. لېكىن، تۈركىيەدىكى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ، تۈركچىڭىزنى پوننىي قىلىۋەتكەندىن كېيىن، بىرەر ياخشى ھەتتا خەلقئارالىق شىركەتتە ئىشلەپ قېلىشىڭىز ئىنتايىن مۇمكىن. مەسىلەن مۇشۇ مۇنبەردە بىر قانچىسى بار.
تۈركىيەدە داۋالىنىش ئىنتايىن ئاۋارىچىلىك ھەمدە قىممەت، ياخشى يىرى چەتئەللىكلەر قاتناشسا بولىدىغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇلازىمىتى بار، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. مەن ئەڭ دەسلەپ كەلگەندە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۆلەش ئېغىر كېلىپ قاتناشمىغان، كېيىن كۆزەينىكىم چېقىلىپ كېتىپ كۆز تەكشۈرتۈش ئۈچۈنلا 700 كوي خەجلەپ قان قۇسۇۋەتكەندىن كېيىن، ئەتىسىلا بېرىپ ئۈچ مىڭ كوي خەجلەپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتىم. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارغا بۇ سۇغۇرتىنى تۆلەش ئېغىر كېلىپ قاتناشمايدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا تاسادىپىي ئاغرىپ قالسا… لېكىن، تۈركىيە دوختۇرخانىلىرىنىڭ سەۋىيەسى خېلى يۇقىرى ئىكەن، ۋەتەندىكىدەك زۇكام بولۇپ قالسىمۇ ئاسما ئاسمايدۇ، ئېغىر بولمىغان ئەھۋالدا رېتسېپ يېزىپ بېرىدۇ، دورىخانىغا بېرىپ رېتسېپ بۇيىچە دارا سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، دارىنى بىر ئىچسىڭىز ئۈنۈمىنى كۆرىسىز(بۇ ئېلان سۆزى ئەمەس ھە)…
تۈركىيەدە ئۆينىڭ باھاسى يۇقىرى، مەكتەپلەرنىڭ ياتاقلىرى يوق، شەخسىي ياتاقلار ھازىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئالماس بولۇۋالدى. شۇڭا، ئۆز خىراجىتى بىلەن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىرلىشىپ ئۆي ئىجارە ئالىدۇ، بىر ئۆينى ئىجارە ئېلىپ رەسمىيەتلەرنى ۋە جاھازلارنى ئېلىش ئۈچۈنلا ئەڭ ئازدا ئون بەش مىڭ كوي كېتىدۇ، تېخى ئون بەش مىڭكويلۇق ئۆينى تېپىش ئاسان ئەمەس، سىز مەيلى ئۇيغۇر بولسىڭىزمۇ «چەتئەللىككە ئۆي بەرمەيمىز» دەيدىغانلار كۈرمىڭ، ئۇلارغا يالۋۇرۇپ ئاران ئالىسىز. ئاندىن، ئىجارە ئالغان ئۆيىڭىزگە سىز بىلەن ئۇرۇشماي تېپىشمەي ئۆتەلەيدىغان ئادەم تېپىش تەس. ئەلۋەتتە، باي بولسىڭىز ئۆزىڭىز يالغۇز ئولتۇرسىڭىز بولىدۇ…
تۈركىيەدە ئوقۇشنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ئوخشىشىپ كېتىدىغان مۇھىت. ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار كۆپ، ئۈرۈمچىگە ئوخشىشىپلا كېتىدۇ( خالىسىڭىز «ئۈرۈمچىگە كەلگەندەك تەسىر بېرىدىغان ئىستانبۇل» ناملىق يازمامنى ئوقۇپ بېقىڭ، مەنزىل ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ)، بۇ يەرگە كەلگەن ئادەملەر باشتا قىيىنچىلىق تارتمايلا ئاسانلا كۆنۈپ كېتەلەيدۇ، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى بولغاچقا تاماقتىنمۇ قىينالمايدۇ. ھەممە يەردە مەسچىت، ئىبادەت قىلىش ئىنتايىن قولاي. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىستانبۇل ئىنتايىن چىرايلىق، ساياھەت قىلغاچ كاللىنى ئارام ئالدۇرغىلى بولىدۇ. ئامانلىق ئىشلىرىمۇ يامان ئەمەس. گەرچە قوشنىلىرىمۇ سەل قالايمىقان بولسىمۇ، دۆلەت ئىچى يەنىلا بىر قەدەر تىنچ.
گەپنىڭ قىسقىسى، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سۈپىتى كەسىپ ۋە فاكۇلتېتلارغا قاراپ ئوخشىمايدۇ، ياخشى كەسىپ ۋە مەكتەپلىرىمۇ يوق ئەمەس. تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار بەزى ئىجتىمائىي پەنلەردە مەسىلەن تۈركولوگىيە، سوسيولوگىيە(جەمئىيەتشۇناسلىق؟) قاتارلىق پەنلەردە خېلىلا ياخشى. ئەمما، تۈركىيەدە مال باھاسى ئۆرە، مەكتەپتە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇش ئۈچۈن نۇرغۇن خىراجەت كېتىدۇ، ئائىلە ئىقتىسادى ياخشى ئەمەسلەرگە «تۈركىيە مۇكاپاتى»سىز ئوقۇش بەك ئېغىر كېلىدۇ. لېكىن، بۇ تۈركىيەدىكى ئوقۇشقا كېتىدىغان خىراجەتلەر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە ئوقۇشقا كېتىدىغان خىراجەتلەردىن خېلىلا تۆۋەن.
ئەلۋەتتە، ناۋادا سىز «خانىدەنلىك» دېگەن نامدىكى «تۈركىيە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن بولسىڭىز ياتاق، تاماق، ئوقۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ساياھەت دېگەنلەرگە كېتىدىغان پۇل ۋە ئاۋارىچىلىكتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
يەنە بىرى، تۈركىيەدە ئوقۇش – «تۈركىيە مۇكاپاتى»غا ئېرىشەلمىگەن، نەتىجىسى ئوتتۇرھال، مەسىلەن: GPAسى 3.0دىن تۆۋەن، ئىنگلىزچە نەتىجىسى يوق ياكى ئاز، ئائىلە ئىقتىسادى ئوتتۇرھال يەنى يىلىغا ئەللىك مىڭ كويلۇق چىقىمنى كۆتۈرەلەيدىغان، باشقا ئالاھىدە نەتىجىسى يوق ئوقۇغۇچىلارغا، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋە ياكى ئىسلامىي مۇھىتتا ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەرگە ۋە ياكى ساياھەتكە ئامراق، بىرەر يىل تۇرۇپ كېتىشنى ئارزۇ قىلغانلارغا ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىلىم سەۋىيەسى تىرەن، لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئالىي مەكتەپتىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولماي ئامېرىكا ياكى ياۋروپادا ئوقۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىغان، لېكىن ئاسپىرانتلىقنى چەتئەلدە ئوقۇغاچ نەتىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، دوكتورلۇقنى ئامېرىكا ياكى ياۋروپادا ئوقۇشقا ئۈمىد قىلىدىغان ۋە ياكى تۈركىيەدە ئىشلەپ قېلىشنى ئارزۇ قىلغان تىرىشچانلارغىمۇ ماس كېلىدۇ.
ھە راست، تۈركىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، بۇ يەردە ئوقۇۋېتىپ ياۋروپاغا ياكى ئامېرىكا-كانادادەك دۆلەتلەرگە غىپپىدە كېتىۋېلىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس، شۇ ياقلارنى كۆزلىگەن بالىلارنىڭ بۇ ئىشنى ۋەتەندىن قىلىشنى ئويلىشىپ قويۇڭلار.
ئەڭ ئاخىرىدا، تىل ۋە مەكتەپ نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيەنى ھەرگىز تاللىماسلىقى غەززەب بىلەن تەۋسىيە قىلىمەن.
ئەسلى تىمىدىكى بىرەيلەننىڭ ئىنكاسىغا يېزىلغان ئىنكاس
ناۋادا سىز شۇ يەرلەرنىڭ بىرىدە ئۆز خىراجىتىڭىز بىلەن ئوقۇپ ھەقىقىي تۈردە ئۇتۇق قازانغان بولسىڭىز كەچۈرمىشىڭىزنى چوقۇم يېزىڭ، ۋاقتىڭىزنى چوقۇم چىقىرىڭ. سەلبىي تەرەپلەرنىمۇ ئەمەس، ئىجابىي تەرەپلەرنىمۇ، ھېلىقى خەنسولارنىڭ دەيدىغان 正能量 تەرەپلەرنىمۇ ئاڭلىسۇن.
بەلكىم سىزمۇ «تۈركىيە مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپ كەلگەن تەلەيلىكلەرنىڭ بىرى بولۇشىڭىز مۇمكىن. ۋە ياكى ماڭا ئوخشاش پىشانىسى ئوڭلارنىڭ بىرى بولۇشىڭىز مۇمكىن. لېكىن، ھەممە كىشى سىز ۋە مەندەك(ئەسكەرتىش: مەنمۇ ئۆز خىراجىتىم بىلەن كەلگەن بىرى) تەلەيلىك ئەمەس.
مەن ھازىرغا قەدەر تۈركىيە مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇپ، قىينالماي ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ قاقشىغان ئىشلىرىنى ئاز كۆردۈم. زاتەن ئۇلارنىڭ قىلغۇدەك غېمىمۇ ئاساسەن يوق، ئوقۇشنى ياخشى ئوقۇپ بەرسىلا ئوقۇش پۇلى، سۇغۇرتا، ھەر ئايدا ئاز دېگەندە 400 دوللار، ھەمدە ئەتىگەنلىك – كەچلىك تامىقى تەييا. ئەڭ قىسقىسى، ياتىقىمۇ تەييا ھەم بىكارلىق، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقانلارنىڭكىدەك قەيەردىن يۇرت(ئوقۇغۇچىلار ياتىقى) ئىزدەرمەن، قەيەردىن ئەرزانراق ئۆي تاپارمەن دەپ ئويلاپ يۈرمەيدۇ.
ئەلۋەتتە، ئۆز خىراجىتى بىلەن كېلىپ ياخشى ئوقۇپ نەتىجە قازانغانلارمۇ يوق ئەمەس، بۇ خىل بالىلارنىمۇ كۆپ ئۇچراتتىم، لېكىن ئۆز خىراجىتى بىلەن كەلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ۋايساقلىق. نۇرغۇنلىرى ئوتتۇرا يولدا توختىلىقلىق. لېكىن، بۇرۇن كەلگەنلەر ئىچىدە ئۇتۇق قازىنىپ، ئۇنىۋېرسىتېت، دوختۇرخانا ياكى چوڭ شىركەتلەردە ئىشلەۋاتقانلارنى كۆپ كۆردۈم ۋە ئاڭلىدىم. ئەمما ھېس قىلىشىمچە، يېڭى كەلگەنلەر ئىچىدە مەنزىلسىز يۈرۈۋاتقانلار كۆپرەك. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەلەيلىكلىرى ياۋروپا – ئامېرىكا دېگەندەك دۆلەتلەرگە كېتىپ قالدى…
ھازىر تۈركىيەگە ئوقۇيمەن دەپ ئەمەس، ئەينى چاغدا چىقىش يولى تاپالماي، تۈركىيەدە ھەقسىز ئوقۇتىدىكەن دېگەندەك خاتا قاراشلار دەردىدىن قارىقۇيۇقلا، مەنزىلسىزلا ۋە ياكى مودا قوغلىشىپلا چىقىپ، بۇ يەردىكى رىقابەت قوينىغا چۆكۈپ بولالماي تېخىمۇ بېشى قېيىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن كۆپ. لېكىن، ھازىرغىچە ھېچكىم تۈركىيەدە ئوقۇشنىڭ پايدىلىق – زىيانلىق تەرەپلىرى، دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە يېزىپ باقمىدى. نۇرغۇنلارنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى تەسىراتلىرى «يىراق قىرلاردىن ئانا يۇرتقا سالام» بىلەن تەكلىماكانىينىڭ ئەسىرىدىن كەلگەن. مەسىلەن، تەكلىماكانىينىڭ ئەسىرىدە، ئاپتور چاناققەلئەدە يەرگە تۈكۈرسە بىر ئۆسمۈر كېلىپ تىللاپ كېتىدۇ، مەن چاناققەلئەگە باسام چاناققەلئەنىڭ خاتىرە يەرلىرىدە ئەخلەت توشۇپ كەتكەنلىكىنى، ساياھەتچىلەرنىڭ تۈكۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەن.
ئامال بار «تۈركىيەدە ھەقسىز ئوقۇتىدىكەن» دەيدىغان قاراشنى ھەمدە مۇنداق مەنزىلسىز تۈركىيەگە كېلىپ ئوقۇيمەن دەيدىغانلارغا بىر ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىغان ۋاقىت كەلگەن. پات – پات مۇشۇنداق خىياللار بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ، بۇ يەردە ئىشلىرى ئويلىغىنىدەك بولماي، ئەمما نەتىجىسىز قايتىپ ئاتا – ئانىسى، دوست – بۇرادەرلىرىگە قاراشقا يۈزى چىدىمىغان بالىلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالىمەن، ھەممىسى ئەينى ۋاقىتتا بىزگە نېمىشقا مۇنداق دېمىگەن ئىدى دېيىشىدۇ. مۇشۇ تېمىنىڭ چىققانلىقى ياخشى بولدى ئىشقىپ.
كۈنۈمگە شۈكرى، مەن چىققاندا ئاچام بار ئىدى، ئىشلىرىمنى تىزلا تەرتىپكە چۈشۈرۈۋالدىم. ھەمدە ئاپاممۇ كۆپ دۇئا قىلاتتى، بەلكىم ئاپامنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولغاندۇ، بەلكىم پېشانەم ئوڭمۇ. ئىشقىلىپ، ھەممە ئىشلىرىم تەرتىپلىك ۋە ياخشى كېتىۋاتىدۇ، ئەمما چۈشكۈنلۈك ئىچىدە قالغان دوستلىرىمغا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئاخشامقى ئىنكاسىمنى كۆرگەن بىر دوستۇم « ئاداش، مۇنبەرگە يېزىپ قوي، تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلسۇن، تىجارەتكە كەلسۇن، ئەمما ئوقۇغىلى كەلمىسۇن» دەپ خەت يېزىپتىكەن ئۈندىداردا، ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى….
2015- يىلى 18 – مارت يېڭىلاندى
ئاخىرقى سۆز
ئەسلى تىمىدا تۈركىيەدە ئوقۇش ھەققىدە ئىنتايىن تېتىملىق پاراڭ بولىۋاتىدۇ، تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇسىدا بولغان قېرىنداشلارنىڭ ئىنكاسلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنزىل:
http://bbs.izdinix.com/thread-62858-1-1.html
1,123 گىرادۇس 21