ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ زىيارەتچىلىرىنى كىم يالماپ كەتتى؟
-
سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى، بلوگشۇناسلىق تەتقىقاتى
باھا:52 دانە
25-08-2014
خېلى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بىرى، نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى، بلوگنى ئېچىپ كۆرۈپ باقمىغىلى ئۇزاق بوپتىكەن. بۈگۈن قانداقتۇر ۋاقتىم چىقىپ، بلوگىمنى بىرەر قۇر تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، بلوگنىڭ زىيارەت كۆرسەتكۈچىسىگە قاراپ، تۇرايىمىزنىڭ سەلتەنەت سۈرگەن بىر زامانلىرى ئېسىمگە كەلدى. باشقا بلوگداشلار بىلەن پىكىرلىشىشىمچە، بۇ يالغۇز ئۇيغۇربەگ دۇچ كەلگەن مەسىلە بولۇپ قالماستىن، باشقا نۇرغۇن شەخسىي بلوگلارنىڭ زىيارەت سانى كۆرۈنەرلىك ئازلىغان بولۇپ، ئېنىقكى بۇنىڭ مەلۇم سەۋەبلىرى بار ئىدى، بۈگۈنكى بۇ يازمىدا، بلوگلارنىڭ زىيارەتچى سانىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ھەققىدىكى بىر قانچە ئويلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتكۈسىمەن…
1-قاراش: بلوگنىڭ زىيارەتچى سانى ئەسلىدىنلا كۆپ ئەمەس
نەچچە يىلدىن بىرى، بلوگچىلىققا قىزىقىپ، بلوگ يېزىپ كېلىۋاتقان ئەزىزلەرگە ئايانكى، كۆپلىگەن بلوگلارنىڭ زىيارەتچى سانى ئەسلىدىنلا كۆپ ئەمەس ئىدى، گەرچە زىيارەتچى سانى جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان بىر قىسىم بلوگلار مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، زىيارەتچى سانى كۆرۈنەرلىك بولمىغان بلوگلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللىگەن. گەرچە، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىمىز ۋە باشقا بلوگداشلار مۇشۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە كۆپ ئىزدەنگەن بولساقمۇ، بىر يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قۇيالماسلا قالماستىن، ھەتتا ئۆزىمىزنىڭمۇ زىيارەتچىلىرىمىزنى ئاشۇرالمىدۇق. ئېنىقكى، «بلوگ»دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم بىزدە پەقەت تور بىلەن كۆپرەك ھەپىلىشىدىغان كىشىلەر ئارىسىدىلا ساقلىنىپ قالغان تار مەنىلىك بىر چۈشەنچە بولۇپ، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلار يەنىلا ئاشۇ بىر قىسىم جاپاكەش بلوگداشلاردىن ھالقىپ كېتەلمىدى. نەتىجىدە، بلوگداشلار قوشۇنى كۆپەيمەكتە يوق ئازلاشقا، بلوگلار ئۇنىۋېرساللىشىشقا ئەمەس، كەسپىيلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىپ كەلمەكتە. كەسپىيلىشىش بولسا بلوگنىڭ زىيارەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى چەكلەپ قويىۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەپسۇسكى، بىز بۇ يۈزلىنىشىشدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدۇق…
2-قاراش: ئېنتېرنېتنىڭ كۆچمەلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشى
ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەسلىدىكى كومپىيۇتېردىن ئىبارەت مۇقىم ئۈسكۈنە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتقان ئېنتېرنېت يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە، بىز بىلىپ-بىلمەيلا كۆچمەلىشىش قەدىمىنى تاماملاپ بولدى. دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم قىسمىنى ئىگىللىگەن ئۇچۇر تېخنىكىسىمۇ مۇناسىپ ھالدا كۆچمە ئالاقە يۈزلىنىشىگە ماسلىشىشقا مەجبۇر بولۇپ، ئەقلىي تېلىفون ۋە پەد كومپىيۇتېر(تاختا كومپىيۇتېر) دېگەندەك يۆتكەپ يۈرۈشكە ئەپلىك، ئېنتېرنېت قوللىنىشقا ئەپلىك بولغان يېڭى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىمۇ بارلىققا كېلىپ، بىزنىمۇ مۇشۇ يۈزلىنىشنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئەلۋەتتە، ئەزەلدىنلا كۈچلۈك زىيارەتچى قۇشۇنىغا ئىگە بولمىغان ئۇيغۇر بلوگچىلىقىمۇ بۇنىڭ تەسىرىگە يامان ئەمەس ئۇچرىدى.ھالبۇكى، نۇرغۇن بلوگداشلار بۇ يۈزلىنىشىشنىڭ ئاقىۋىتىنى تونۇپ يېتەلمىدى ياكى تولىمۇ كېچىكىپ تونۇشقا باشلىدى. بىلىشىمچە، نۇرغۇن بلوگلارنىڭ تېلىپۇن نۇسخىسى ياكى پەد نۇسخسى ياسالمىغان بولۇپ، ھازىر كۆچمە ئۈسكۈنىدىن پايدىلىنىپ تورغا چىقىشقا كۆنۈشكە باشلىغان نۇرغۇن زىيارەتچىلەر ئۈچۈن، بۇنداق بلوگلار مۇناسىپ قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە.
3-قاراش: بلوگلارنى يۈتۈپ كەتكەن يالماۋۇز – ئۈندىدار
بىلگىنىمىزدەك، باشتا ۋېيشىن، كېيىن ئۈندىدار دەپ ئۇمۇملاشقان ئالاقە ۋاستىسى تۇرمۇشىمىزنى بىراقلا ئۆزگەرتىۋەتتى، نۇرغۇنلىرىمىز بىلىپ-بىلمەي ئۈندىدارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ، بوش ۋاقتىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۈندىداردىكى سۆھبەتتە، دوستلار چەمبىرىدىكى ئەبجەش يازمىلاردا ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك ئارقىمۇ-ئارقا مەيدانغا كەلگەن ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ھەر تۈرلۈك ۋاستىلەر ئارقىلىق، كىشىلەرنى ئۆزىگە قارام قىلىپ، بلوگلارنىڭ زىيارەت يولىنى توسۇپ قويماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم نۇمۇسسىز سۇپىلار يوللايدىغان مەزمۇنلارنى جاپاكەش بلوگداشلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىۋاستە ئېلىپلا، بلوگداشلارنىڭ ئەمگىكىنى يوق قىلماقتا. قىسقىسى، ئۈندىدار مەيلى بلوگلارنى بولسۇن، مەيلى تور بېكەتلەرنى بولسۇن، ھەممەيلەننىڭ زىيارەتچىلىرىنى «يالماپ يۇتۇۋاتقان يالماۋۇز»غا ئايلاندى.
ئاخىرقى سۆز
خوش، زىيارەتچىلىرىمىز يوق بولدى دەپ بلوگنى تاشلىۋەتكىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، بلوگداشلارنىڭ ئۆزلىرى ئاكتىپ بولۇپ، مۇناسىپ ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشى كېرەك ئەلۋەتتە. مېنىڭ قارىشىمچە، بلوگداشلار كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ رولىنى بوش قارىماسلىقى، بلوگ ئۇسلۇبىنى كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە مۇناسىپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىشى، بولسا iOS، Android قاتارلىق سېستىمىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئەپ ياساپ، ئۆزلىرىنىڭ ھايات كۈچىنى ئاشۇرۇشى لازىم. ئەلۋەتتە، ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشمۇ ئاقىلانە تاللاشنىڭ بىرىدۇر…
3,967 گىرادۇس 52