تەگئاتىمىز ئۇيغۇربەگ، يىلتىز بويلاپ ماڭىمىز ئەمدى…
-
سەھىپە:ئوي-پىكىر قەلئەسى
باھا:21 دانە
07-04-2015
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر. سىلەر بىلگەن «ئۇيغۇربەگ» بۇ ئىسىمنى 2005-يىلىدىن بىرى كەمىنە مۇھەممەتئەلى بەزىدە تەخەللۇس، بەزىدە تورنام قىلىپ ئىشلىتىپ كەلگەن. 2005-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا(مەسىلەن:«كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى») قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا بېسىلغان كىچىك يازمىلىرىمدا مۇشۇ تەخەللۇسنى ئىشلەتكەن، 2009-يىلىدىن باشلاپ «ئۇيغۇربەگ» نامىدا بلوگ ئېچىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدىم…
ئەلۋەتتە، «ئۇيغۇربەگ» دېگەن بۇ ئىسىم پەقەت مېنىڭ توردىكى ئىسمىمدىنلا ئىبارەت بولۇپ، تەگئاتىم بولسا ئائىلىمىز ئىشلىتىپ كەلگەن«ئەلق**» ئىدى. ھالبۇكى، «ئەلق**» تەگئاتى ياكى تەخەللۇسىدىكى كىشىلەر ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، ئۆزىمىزگە خاس تەگئاتقا ئالماشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان ئىدى. يېقىندا قېرىنداش تۆتىمىز ئۇزاق مەزگىللىك ئويلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق توردا ئاللىقاچان مېنىڭ خاس نامىمغا ئايلانغان «ئۇيغۇربەگ» سۆزىنى بىزنىڭ يېڭى تەگئاتىمىز قىلىپ ئىشلىتىشنى قارار قىلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، ئائىلىمىز بۇرۇنقى «ئەلق**» تەگئاتىنى قوللانمايدۇ ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنكى مەتبۇئات ياكى باشقا ۋاستىلەردىكى تەگئات قوللىنىش مۇمكىن بولغان يەرلەردە «ئۇيغۇربەگ» تەگئاتىنى قوللانغۇسىمىز. كۆپچىلىكنىڭ بۇ قارارىمىزغا شاھىد بولۇشىنى شۇنداقلا ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ تۇغۇلماسلىقى ئۈچۈن «ئۇيغۇربەگ» سۆزىنى تەگئات، تەخەللۇس ۋە ياكى تورنامى قىلىپ ئىشلەتمەسلىكىنى، بىلمەي ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا باشقا ناملارغا ئالماشتۇرۇۋېلىشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆتۈنىمىز.
دەپ ئېھتىرام بىلەن:
نىياز ساملاق ئۇيغۇربەگ پەرزەنتلىرى
2015- يىلى 4 – ئاينىڭ 7 – كۈنى
«ئۇيغۇربەگ» نامىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ھەققىدە قىسقىچە بايان:
«ئۇيغۇربەگ» نامى – 2004-يىلىنىڭ ئاخىرقى يىلى مەشھۇر ئالىم ۋە ھۆكۈمران ئۇلۇغبەگكە ئاتاپ يىزىلغان بىر كىتابدىن ئىلھام ئېلىنىپ، ئۇلۇغبەگنىڭ ئىسمىغا تەقلىد قىلىنىپ ياسالغان بولۇپ، مەنىسى ئۇيغۇرنىڭ پۇشتىدىن بولغان بەگ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
1,444 گىرادۇس 21