[ تۈركىيە تەسىراتلىرى ] ئۈرۈمچىگە كەلگەندەك تەسىر بېرىدىغان ئىستانبۇل

300x250

[ تۈركىيە تەسىراتلىرى ] ئۈرۈمچىگە كەلگەندەك تەسىر بېرىدىغان ئىستانبۇل

ئىستانبۇلغا كېلىشتىن بۇرۇن، تۈركىيەنىڭ كىنو-تىياتىرلىرىنى تولىمۇ قىزىقىپ كۆرەتتىم، گەرچە، كىنو-تىياتىرلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بولمىسىمۇ، تۇرمۇشتىن ئۆرنەك ئېلىپ ئىشلىنىدۇ دەپ قارايدىغانلا بولغاچقا، شۇ كىنونىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن تۈركىيە ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ مەلۇماتلارغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىن، ئەينى چاغدا كىنولاردىن كۆرگەن كوچىلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى تونۇۋېلىشقا تىرىشتىم ھەمدە بۇ ئېكسپېدىتسىيە داۋامىدا ئىستانبۇلنىڭ كوچىلىرى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ تېپىشماقلارنى تېپىشقا ۋە تېخىمۇ كۆپ تېپىشماقنى كەشىپ قىلىشقا مۇۋەققەت بولدۇم…

ئىگىز بىنالار ئۇچرىمايدىغان ئىستانبۇل

IMG_2988_副本

ئىستانبۇلغا كېلىشتىن بۇرۇن، ئىستانبۇلنىڭ دۇنيادىكى ئوڭ چوڭ شەھەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى گەپلەرنى تولا ئاڭلايتىم، مېنىڭ نەزەرىمدىكى ئىستانبۇل پارىژدەك، نىيو-يوركدەك، توكيۇدەك تەرەققىي تاپقان بىر شەھەر ئىدى. 17 مىليون نوپۇسقا ئىگە بۇ شەھەر، بىر قانچە چوڭ ئىمپېرىيەلەرنىڭ پايتەختى بولغان بۇ شەھەر، ئوتتۇرا شەرقتىكى نۇرانە شەھەر دېگەن نامغا ئاتالغان بۇ شەھەرنى مەن ئالىي مەكتىپىم جايلاشقان شېنجېن شەھىرىدىنمۇ ھەشەمەت، ھېچ بولمىسا شىياڭگاڭچىلىك كېلىدۇ دەپ قىياس قىلىپ، قاچانمۇ سەن بىلەن دىدارلىشارمەن دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلەيتىم.

 

ناھايەت، ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ قىياسىدىكى پەلەكلەرگە سۇزۇلغان بىنالىرى بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىنالارنى، ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشلارنى كۆرەلمىدىم. ئىستانبۇلدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى 10 قەۋەتتىن ئاشمايدىغان بولۇپ، بىنالارنىڭ ئېگىز-پەسلىكى بىر تۇتاشتەكلا تۇيغۇ بېرەتتى. شەھەرنىڭ دۆڭىگە جايلاشقان بىر يەرگە چىقىپ، ئىستانبۇلغا نەزەر سالغىنىمدا، ئىستانبۇلنىڭ ۋەكىللىك قۇرۇلۇشلىرى، مەسىلەن ئاياسوفيا جامەسى، سۇلتانئەھمەد جامەسى، سۇلايمانىيە جامەسى بىر ئۇپۇق سىزىقىغا تىزىلاتتى، بۇ قاراشتا شەھەرنىڭ بۇ بۇرجىكىدىن يەنە بىر بۇرجىكىنى كۆرۈشكە بولاتتى. پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىمارەتلىرى مۇشۇنداقراق قېلىپتا سېلىنغان بولۇپ، بۇ ھالەت ئىستانبۇلنىڭ قەدىمىي بىر شەھەر ۋە شۇنداقلا تارىختا سەلتەنەت ياراتقان بىر ئىمپېرىيەنىڭ پايتەختى بولغان بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى…

 

كېيىن بىلسەم، ئىستانبۇلدا ئېگىز بىنالارنىڭ يوق ئەمەس ئەمەسلىكىنى، يېڭى ۋە ھەشەمەتلىك بىنالارنىڭ ئوسمانلى ۋاقتىدىكى شەھەر مەركىزى بولمىغان يەرلەرگە، مەسىلەن ئاسىيا ياقىسىدىكى جايلارغا سېلىنىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستانبۇلنىڭ قەدىمىيلىكىنى ھەمدە بىر ئۇپۇققا جايلاشقان ئالاھىدىلىكىنى قوغداش ئۈچۈن، ياۋروپا ياقىسىدىكى تارىخىي ئورۇنلار جايلاشقان يەرلەرگە ئېگىز ئىمارەتلەرنىڭ سېلىشىنى چەكلىگەن ئىكەن. يەنە كېيىن بىلسەم، پارىژدىمۇ شەھەرگە ئېگىز بىنالارنىڭ سېلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى، يەنى پارىژدىكى ئېففېل تۆمۈر مۇنارىنى توسۇپ قالىدىغان ئىمارەتلەرنى چەكلىگەنلىكى ئاڭلىدىم، دېمەك، ئىستانبۇلدا نېمىشقا ئاسمانپەلەك كەلگەن بىنالار يوقتۇ دېگەن تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى يېشىپ چىقتىم…

ئۈرۈمچىدەك تەسىر بەرگەن ئىستانبۇل

IMG_3097_副本

ئىستانبۇلغا كېلىپ بىر قانچە ھەپتىگىچە ئۆزۈمنى ئىستانبۇلغا كەلگەندەك ھېس قىلالمىدىم، ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر بولغاچقا، يېگەن تاماقلىرىمىز ئۇيغۇر تاماقلىرى بولغاچقا، قالغان يېرىمىز ئۇيغۇرنىڭ ئۆيى بولغاچقا ئەمەس، ئەكسىچە ئىستانبۇلنىڭ كىشىلىرى ۋە بەرگەن تەسىرى ماڭا ئۆزۈمنى ئىستانبۇلدا ئەمەس، ئۈرۈمچىدىكى كونسۇل كوچىسى ياكى دۆڭكۆۋرۈكنىڭ بىر يەرلىرىدە يۈرۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. شۇ كوچىلاردىكى تۈركچە يېزىلغان پلاكاتلارنى، قۇلىقىمغا بىر يەرلەردىن كېلىۋاتقان تۈركچە-ئەرەبچە گەپلەر ماڭا بۇ يەرنىڭ ئىستانبۇل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتمىگەن بولسا، كوچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئوخشاپلا كېتىدىغان مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ يۈرۈۋاتقان تۈركمەن ئاياللىرىغا قاراپ ۋە ياكى ئۇيغۇر چىراي ئادەم توپىغا قاراپ،  شۇنداقلا دۆڭكۆۋرۈكنىڭكىگە ئوخشاپ قالىدىغان سودا مەنزىرىسىگە قاراپ، مەن تۈركىيە چۈشىنى كۆرۈپ تېخىچە ئۈرۈمچىدىن ئاتلىيالمىغان بىر تۇيغۇدىن چىقالمىغاندەك ھېس قىلاتتىم.

 

كېيىن بىلسەم، بۇنداق تۇيغۇ مەندىلا ئەمەس، ئىستانبۇلغا يېڭى كەلگەن كۆپلىگەن يۇرتداشلارنىڭ ئورتاق تۇيغۇلىرى ئىكەن. مىللىي تۇيغۇسى كۈچلۈك بىر دوستۇم بار ئىدى، بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا مۇشۇ گەپنى دېۋىدىم، كۈلۈپ قويدى ھەمدە «بەلكىم بىز تۈركىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن تۈركىيەنى ئۆزىمىزنىڭ ۋەتىنىدەك قاراپ، تەلپۈنۈپ كەتكەچكە، يېڭى كەلگەندە ھەممە نەرسە ئۇيغۇرنىڭكىدەكلا تۇيغۇ بەرگەن بولسا كېرەك…» دېدى ئويلىنىپ.

 

ئەلۋەتتە، بۇ گەپلەرنى ۋەتەندىن يېڭى ئايرىلغانلارلا ئەمەس، بىر قانچە يىللار بۇيان ياۋروپانىڭ بىر قانچە دۆلەتلىرىدە ئىستىقامەت ياكى ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان تونۇشلىرىمدىنمۇ ئاڭلىدىم، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئىستانبۇلنىڭ بۇلارغا بەرگەن تۇيغۇسى بىر يەرلىرىنىڭ بىر يەرلىرى ئۈرۈمچىنىڭ بىر يەرلىرىدەكلا. كېيىن بىلسەم، ۋەتەندىن ئايرىلغىلى خېلى ئۇزاق بولغان نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدىن يۇرتنىڭ ياكى ۋەتەننىڭ تۇيغۇسىنى ئېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ تۇرۇۋاتقان يەرلىرىدىن ئاتايىن كېلىپ ئىستانبۇلدا بىرەر مەزگىل تۇرۇپ قايتىشىدىكەن.

ھازىرغۇ ئىستانبۇل ئۇيغۇرنىڭ ئاشخانىلىرى، ئۇيغۇر دورا-دەرمەك دۇكىنى، ئۇيغۇر كۇتۇپخانىسى، ئۇيغۇر ساتىراشخانىسى، ئۇيغۇر ناۋايخانىسى،  ھەتتا ئۇيغۇر ئالاقىلىشىش ئۈسكۈنىلىرى رېمۇنتخانىلىرى ئېچىلىپ، ئۈرۈمچىگە بارغانسېرى ئوخشاپ كېتىۋاتىدۇ، مۇشۇ پاتىخ، چاپا ۋە يۈسۈپپاشا تەرەپلەرگە ئۆتۈپ قالساق، ھەقىقەتەن ۋەتەننىڭ بىر كوچىلىرىدا يۈرۈۋاتقاندەكلا تۇيغۇدا بولىدۇ ئادەم.  ۋەتەندىن ئايرىلغان بولغاچقىمىكىن، ھەربىر ئۇيغۇرغا ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى ۋەتەندەك ۋە ياكى ۋەتەننىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئەسكى بىر ياپراقلارمۇ ۋەتەنسىزلەر ئۈچۈن ۋەتەندەكلا تۇيۇلىدىغان بولۇشى مۇمكىن بەلكىم…

1,723 گىرادۇس 11


11 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئالماس | 14:33 | 2015.01.18 جاۋاب

    مەن ئىستانبولغا بارمىغان، ئەمما يېقىنلىرىمدىن بارغانلار ئاز ئەمەس. ھەر قېتىم ئۇلار قايتىپ كەلگەندە ماڭا دەپ بەرگەن تۇيغۇلىرى دەل سىز دېگەندەك بولاتتى. بەك ياخشى يېزىپسىز. سىزنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • ئۇيغۇرجان | 14:41 | 2015.01.18 جاۋاب

    ئاللىكىملەردىن ئاڭلىغىنىم بويچە تەسەۋۋۇرۇمغا سىزغان ئىستانبۇلنىڭ بىر بۇرجىكنى بۇ يازمىدا ئېرىشكەن ئۇچۇرلار بىلەن بويىغاچ تۇردۇم 😐

  • كۆنچى | 14:42 | 2015.01.18 جاۋاب

    ئەمسە يېنىپلا كەلگىنە. ئىستانبولدا بارى ئۈرۈمچىدىمۇ بولغاندىكىن. 😉 😉

  • ئابدۇبەگ | 05:01 | 2015.01.19 جاۋاب

    ناھايتى ياخشى يىزىپسىز مىنىڭمۇ ئىستانبولغا بارغىم كىلۋاتىدۇ. 😉

  • دەرتمەن | 08:15 | 2015.02.22 جاۋاب

    رەھمەت . ياخشى يىزىپسىز ، بۇيازمىڭىزنى شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قىلىڭ ئەمدى 😉

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!


😉 😐 😡 😈 simple-smile.png 😯 frownie.png rolleyes.png 😛 😳 😮 mrgreen.png 😆 💡 😀 👿 😥 😎 ➡ 😕 ❓ ❗