«كىتاب ئوقۇش يىلى»نىڭ تۇنجى ئايلىق دوكلاتىنى بەرمەمسىلە؟
-
سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى
باھا:25 دانە
19-01-2015
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، «ئەلى-زىۋىدە مۇسابىقىسى» بىلەن باشلانغان «كىتاب ئوقۇش يىلى»مىزغا كىرگەنلىكىمىزگە ھەش-پەش دىگۈچە بىر ئاي بولاي دەپ قالدى، 20 كۈندە ھېچ بولمىسا بىر كىتابنى ئوقۇپ بولدى دەپ ئويلاپ مەزكۇر تېمىنى ئاچتىم. قېنى، مۇشۇ 20 كۈن ئىچىدە قايسى كىتابلارنى ئالدىڭلار؟ قايسى كىتابلارنى ئوقۇدۇڭلار؟ قانداق ھىس-تۇيغۇغا كەلدىڭلا؟ بىر دوكلاتىنى بېرىۋەتمەمسىلە، بىزمۇ بەرگەن دوكلاتىڭلاردىن پەيزى كىتاب ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىۋالساق ئەجەپ ئەمەس.مانا مەن باشلامچىلىق قىلىپ. بۇ ئايدا مەن ئۆزۈم ئوقۇغان ئىككى كىتابتىن دوكلات بېرەي:
بىرىنچى كىتاب
كىتاب ئىسمى: «پانئىسلامىزىمدىن بۈيۈن ئاسىياچىلىققىچە: ئوسمانلى ئېمپىراتۇرلۇقى، ياپۇنىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا»
ئاپتورى: دوكتۇر ئەلى مەرتخان دۈندار
كىتاب تىلى: تۈركچە
كىتابنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە:
مەزكۇر كىتاب 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىن باشلانغان پانئىسلامىزىم ئىدىيىسىنىڭ ئوسمانلى زامانىدىكى ھالىتى ۋە تەسىرى، ئۇنىڭدىن باشقا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياپونىيەنىڭ «بۈيۈك شەرقچىلىك» ۋە ياكى «بۈيۈك ئاسىياچىلىق» كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى ھەققىدە دوكلات شەكلىدە چۈشەندۈرۈش بېرىدۇ، كىتابتا يەنە ياپونىيەنىڭ بۈيۈك ئاسىياچىلىق ھەرىكىتى مەزگىلىدە جۇڭگوغا قاراتقان كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىدىنمۇ خەۋەردار قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، كىتابتا سىلەر قىزىقىدىغان بىر نۇقتا مەۋجۇت، يەنى 1930-يىللىرى مەزگىلىدە، ياپونىيە ئۆزىنىڭ ئىستىخبارات خادىملىرىنى(ئىشپىيون دەمدۇق؟ جاسۇس دەمدۇق ئۆزەڭلار بىر نېمە دەڭلار) شىنجاڭغا كىرگۈزۈپ شۇ مەزگىلدىكى بىر قىسىم مۇھىم شەخىسلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا تىرىشقانلىقى ھەققىدە قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى سۇنىدۇ.
يېقىنقى زامان تارىخقا قىزىقىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن تەۋسىيە كىتاب؛
ئىككىنچى كىتاب:
كىتاب ئىسمى: «ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە»
ئاپتورى: دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش
كىتاب تىلى: ئۇيغۇرچە
كىتابنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە:
مەزكۇر كىتاب زۇلپىقار باراتنىڭ ئامېركىدا ئوقۇش جەريانىدىكى تۇرمۇش تەسىراتلىرى ۋە تەپەككۇر مېۋىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئامېرىكىدا ياشاش جەريانىدىكى ھەر خىل ھىسلىرى، ئامېركىدىكى ئوقۇش ھاياتىنى چۆرىدەپ، ئامېرىكا جەمئىيىتى ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇرلارنى بىرىدۇ، شۇنداقلا، چەتئەل ھاياتىغا ۋەياكى چەتئەلدە ئوقۇشقا قىزىقىدىغان ياشلار ئۈچۈن قىممەتلىك تۇرمۇش ھىسلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بۇ كىتابنى ۋەتەندىكى چاغدا ئىككى قېتىم ئۇقۇغان ئىدىم، تۈركىيەگە كەلگەن چېغىمدا ئۆزباشكامنىڭ ئىنىسى ماڭا سوۋغا قىلىپ ماڭدۇرۇپ بەرگەن ئىدى، يېقىندا تۇرمۇشۇم قالايمىقانلىشىپ، پىكرىم چېچىلىپ كەتكەن ۋاقىتتا يەنە بىر ئوقۇدۇم، كىتابنى ئوقۇغاندىن كېيىن ھېچ بولمىسا بلوگىمدا تۈركىيە تەسىراتلىرىنى داۋاملىق يېزىشقا باشلىدىم ھەمدە تۇرمۇش ئادىتىمنى قايتىدىن قېلىپقا سېلىۋالدىم. ئىشقىلىپ، ئېرىشكەن تۇيغۇلىرىمنى بۇ يەردە بىر ئىككى قۇر بىلەن تۈگىتىپ بولالمايمەن.
خوش، مەن ھەققىمنى ئادا قىلدىم، ئەمدى بلوگداشلارنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشنى ئىلتىجا قىلىپ مەزكۇر تىمىنى يوللاۋاتىمەن، مېنى قۇرۇق قول قويمايدىغانلىقىڭلارغا شەكسىز ئىشىنىمەن…
1,120 گىرادۇس 25