تۈركىيە جۇمھۇرىيەت بايرىمىدىن بىر شىڭگىل

DSC_0248_副本

«جۇمھۇرىيەت بايرىمى پارىتىنىڭ مانىۋىرىدىن بىر شىڭگىل» ناملىق يازمىدا ئېيتىلغاندەك 29-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيەت بايرىمى ئىدى ھەمدە بۇ كۈننى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن ئاقساراي تەرەپتە پارات بولدى، كەمىنە بۇ پاراتقا كېچىكىپ قالغان بولساممۇ شۇنداقلا رەسىمگە تارتىش تېخنىكام چەكلىك بولسىمۇ بىر قانچە رەسىمنى ھۇزۇرۇڭلارغا ئەكەلدىم. مەقسەت: شۇ كۈندىكى بىر قىسىم ئەسلىمىلەرنى سۈرەت ئارقىلىق سىلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىش…

3,410 گىرادۇس 7

باكلاۋېرلۇق دېسسېرتاتسىيەم تاماملاندى، ئەمدى مەنزىلىم قاياندۇر قايان…

Music_and_Sound_副本

4 كۈن بۇرۇن، يەنى 10-ماي كۈنى، شېنجىن ئۇنىۋېرسىتىتى چەتئەل تىلى ئېنىستېتۇتىنىڭ باكلاۋېرلىق دېسسېرتاتسىيىسى ياقلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈدىغان كەمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئۇيغۇر پەرزەنتى ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆتكىلى بولغان بۇ ئىشقا جىددىي تەييارلىق قىلدۇق ۋە ئۇتۇقلۇق ھالدا تامام قىلدۇق.

4,886 گىرادۇس 51

«مەن دوپپامنى سۈيىمەن» يۈرۈشلۈك پائالىيىتى شېنجىن ئۇنىۋېرسىتىتىدا…

IMG_0230_副本

سىنا مىكروبلوگىدا ئانچە-مۇنچە ئويناپ قويىدىغان ئىشىم بار، سىنا مىكروبلوگى شۇ تاپتا جۇڭگۇدا يېڭىلىنىشچانلىقى ئەڭ چوڭ بولغان دوستلىشىش خاراكتىرىدىكى چوڭ بېكەتلەرنىڭ بىرى، Twitter ئەندىزىسىنى دورىغان بۇ مىكروبلوگ سۇپىسى شۇ تاپتا جۇڭگۇدىكى داڭدار شەخىسلەرنى، چولپان-مۇتەخەسىسلەرنى ئۆزىگە جەلىب قىلىپ قالماستىن، يەنە دۇنياۋى ئورگانلار، مەسىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلات-ئورگانلار، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى، شۇنداقلا ئاۋسىترالىيەنىڭ سابىق مېنىستىرى لۇ كى ۋېن(陆克文) قاتارلىقلارنى ئۆزىگە تارتقان، ئەلۋەتتە، مەزكۇر سۇپىدا كۆپ قىسىم ئۇيغۇر ستۇدېنتلىرى، رېياسەتچىلەر، ناخشىچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئابدۇكېرەم ئابلىزدەك قىزىقچىلار قاتارلىق ھەر ساھە كىشىلىرىمۇ جايلاشقان. مۇشۇ سۇپىدا يەنە «دوپپا مەدەنىيەت ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى» دېگەن بىر بلوگمۇ بار، ئالدىنقى يىلى مۇشۇ بلوگ سىنا مىكروبلوگىدا «مەن دوپپامنى سۈيىمەن» نامىدا پائالىيەت ئويۇشتۇرغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا خېلى قىزغىنلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ يىلىمۇ مەزكۇر بلوگ «مەن دوپپامنى سۈيىمەن» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ نىشانى ئالدىمىزدا كېلىۋاتقان «خەلقئارا ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت كۈنى»نى تەبرىكلەش، مىللىي روھنى كۈچەيتىش، مىللىي خاسلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئىدى.  ھازىرغا قەدەر مەزكۇر پائالىيەتكە دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، ئىشلەۋاتقان، تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئاكتىپ قاتنىشىپ، پائالىيەتنى پائال قوللاپ كەلدى…

3,723 گىرادۇس 33

تەتىل تۈگەپ مەكتەپدە ھامان، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەم بىلەن ئالدىراشمەن يامان….

oqush putturush maqalem

شۇنداق قىلىپ 4700 كېلومېتىرلىق سەپەرنى تاماملاپ مەكتەپكە يېنىپ كەلگەنلىكىمگىمۇ ئىككى ھەپتە بولاي دەپ قالدى، كەلگەندىن بېرى قىشلىق تەتىلدە بېسىلىپ قالغان ئىشلارنى تۈگىتىش، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنىڭ تەييارلىقىنى ئىشلەش، شۇنداقلا يېڭى ئوقۇش باشلىغاندىكى ئالدىراشچىلىقنىڭ ئىچىدە يۈرۈپتىمەن، 2010- يىلى ئىككىنچى مەۋسۈمدە، يەنى ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ ئىككىنچى يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا،  ئەسلىدىكى «يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى» دېگەن كەسىپدىن ھازىرقى «ئىنگىلىز تىلى» كەسپىگە ئالمىشىپ چىققاندىن كېيىن، نورمال بالىلار 4 يىلدا تۈگىتىدىغان بۇ كەسىپنى مەن ئىككى يېرىم يىلدا تۈگەتكەن بولۇپ، بۇ مەۋسۈمدە دەرسىم يوق قاراپ ئولتادىم، دەرسىم يوق ئىكەن دېسەم بىكاچىكەنسىز دەپ قالماڭ، ھازىر ھەدەپ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمنى يازىمەن دەپ ھاڭۋېقىپ ئولتۇرىمەن…

948 گىرادۇس 4

ئۇيغۇربەگ تەتىلدە….

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىڭ تۆتىنچى يىلىنىڭ تۇنجى مەۋسۇمى ئاخىرلىشىپ، خىزمەت ئىزدەش ۋە پىراكتىكا قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن سەپەردە بولۇپ قالدىم، بۈگۈننى ھېسابقا ئالغاندا كومپىيۇتېر ئالدىغا كەلمەي رېئال دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقىمغا بىر ھەپتە بولۇپ قالدى، شۇڭلاشقا بلوگنى نورمال يېڭىلاشقا، بلوگغا چۈشكەن سۇئاللارغا جاۋاب يېزىشقا، شۇنداقلا QQرىمغا قالدۇرۇلغان خەتلەرگە جاۋاب يېزىشقا پۇرسەت چىقمىدى، ئىشلىرىم ھېلىھەم ئورنىغا چۈشمىدى، قاچان چۈشىدۇ ھەم بىلمەيمەن، تەتىل ۋاقتىدا پۇرسەت چىقسا بلوگنى نورمال يېڭىلاپ تۇرغۇسىمەن، چىقمىسا تەتىل توشقاندىن كېيىن مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن يېڭىلىغۇسىمەن، بۇ جەرياندا كەمىنە ئۇيغۇربەگنى ئىزدەش توغرا كەلسە ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقە قىلىشىڭلارنى سورايمەن، تەتىل جەريانىدا Windows8 كەسپىي نەشىرىنىڭ ھەقىقىي ئاكتىپلاش ئاچقۇچ كودىنى ئالماقچى بولغان ئەزىزلەرگە ئاچقۇچ كودىنى ئېلىپ بېرىشدىن باشقا،بلوگداشلارغا WordPress ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش، ئۇچرىغان مەسىلىلەرگە ياردەم بېرىش، بوشلۇقچىلىق، تور نامچىلىق قاتارلىق ئىشلاردا داۋاملىق مۇلازىمەت قىلغۇسىمەن، جىددىي ئىزدەيدىغانلار ئېلخەت ئارقىلىق تېلىفون نومۇرۇمغا ئېرىشسەڭلار بولىدۇ. ھەممىڭلارنىڭ كۈنىنىڭ مەنىلىك ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.
ئالاقە ئۇچۇرلىرىم تۆۋەندىكىدەك:
ئېلخەت: uyghurbeg@yahoo.com
QQ:761250477

549 گىرادۇس 0

قۇربانجان رۇزى شەيدائىي ھۆسىنخەت كۆرگەزمىسى شېنجىن ئۇنىۋېرسىتىتىدا غەلىبىلىك ھالدا ئېچىلدى

01

جۈمە كۈنى ئەلكۈيى مىكروبلوگىم ئارقىلىق مەكتىپىمىزدە تونۇلغان خەتتات قۇربانجان رۇزى شەيدائىينىڭ ھۆسىنخەت كۆرگەزمىسىنىڭ مەكتىپىمىزدە، يەنى شېنجىن ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ سەنئەت يۇرتىدا ئېچىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن ئىدىم. تۆنۈگۈن 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى مەزكۇر كۆرگەزمە غەلىبىلىك ھالدا ئېچىلىپ، مەكتىپىمىزدە ناھايىتى ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈردى. بۇ كۆرگەزمىدىن بىر كۈن بۇرۇن خەۋەر تاپقاچقا، كەمىنە مەكتىپىمىزدىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، پائالىيەتنى ئاكتىپ قوللاشنى قارار قىلدۇق شۇنداقلا باشقا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچى بالىلار بىلەن، شۇنداقلا شېنجىندا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان باشقا ھەر ساھە كىشىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇلارنى مەكتىپىمىزگە كېلىپ مەزكۇر كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدۇق. مەكتەپدىكى بىر قىسىم بالىلار كۆرگەزمىخانىنىڭ ياردەملىشىدىغان ئىشلىرىنى قىلىش ئۈچۈن كۆرگەزمىنى ئۇيۇشتۇرغان تەرەپ بىلەن ئالاقە قىلىشتى، ئەپسۇسكى بىز قىلغۇدەك ئىش قالمىغاچقا، كۆڭلىمىزنى توق قىلىپ، ئەتىدىكى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈپ ئۆزىمىزنىڭ ئىشى بىلەن بەنىت بولدۇق.

3,593 گىرادۇس 11

شېنجىن ئۇنىۋېرسىتىتىدا «ھابابام سىنىپى» ئىلگىرلىمەكتە…

08b192eb7b8c4843adaea210x

ھە قاچان مەزكۇر يازمىنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز ھالدا مەرھۇم شابان ئوغلى شاباننىڭ شۇ ناملىق كىنوسىنى ئەسلەپ قالدىڭىز. شۇنداق، مەنمۇ شۇ شاباننىڭ «ھابابام سىنىپى» ناملىق كىنوسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، شۇنداقلا قانچە قېتىم كۆرۈپ بولدۇم ھەم بىلمەيمەن. ئەمما بۈگۈنكى يازمىمىزدىكى «ھابابام سىنىپى» بولسا مەن مەكتىپىمدە يېرىم مەخپىي ئېچىۋالغان «ھابابام سىنىپى» ئاساسىي تۈرك تىلى كۇرسىدىكى سۈيۈملۈك ئوقۇغۇچىلىرىمدۇر. بىر نەچچە ھەپتىدىن بىرى مۇشۇ كۇرسدىكى ئوقۇغۇچىلىرىمغا دەرس ئۆتىمەن دەپ ناخشا تەرجىمە قىلىشنى تاشلاپ، ماتىرىيال تەييارلاشقا كىرىشىپ كەتتىم. ئوقۇتقۇچى بولۇش ھەقىقەتەن تەسكەن، ئەمما ناھايىتى ھۇزۇرلۇق ۋە كۆڭۈللۈك ئىش ئىكەن…

3,685 گىرادۇس 28

شېنجىندا خوڭكوڭ(شاڭگاڭ)، ماكاۋ(ئاۋمېن) پاسپورتىنى قانداق بېجىردىم؟

20091019151130

كەمىنە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى پۈتتۈرگەن، نوپۇسۇم ھازىر شېنجىندا. مەكتىپىمىزدىكى شىنجاڭدىن بىۋاستە ئىمتىھان بېرىپ كەلگەن بالىلارنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەپ ئەكەلگىلى بولمايدۇ، بىراق خەۋەرلەرگە كۆرە بۇ  يىل 9-ئايدىن باشلاپ شېنجىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە شەھەرلەردە نوپۇسى شۇ يەرلىك بولمىسىمۇ پاسپورت ۋە خوڭكوڭ پاسپورتىنى بېجىرەلەيدىكەن، ئەمما قانداق تەلەپلىرى بار، ئانچە بىلمەيمەن. مەن پاسپورت بېجىرىش داۋامىدا كېنىشكا بېجىرىش زالىدا ئىككى كۆزنەكنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلدىم(يەنى نوپۇسى شىنجىنلىقلارنىڭ ئايرىم، ئەمەسلەرنىڭ ئايرىم ئىكەن).

2,468 گىرادۇس 12