شېئىرغا ئىشتىياق باغلىغان چاغلىرىم تولۇق ئوتتۇرا ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك، ھەر كۈنى بىر كىچىك بولسىمۇ بار بولغان خاتىرەمگە ئۆزۈم بىلگەن پەدىدە شېئىر يېزىپ باقىتىم. يازغان شېئىرلىرىمنى توپلاپ بىر قانچە خاتىرىنىمۇ توشقۇزغان. شۇنداقلا، بىر مۇنچە شېئىرلىرىمنى ئاقسالىق قىلىپ، «تەڭرىتاغ»، «تارىم» دېگەندەك چوڭ – چوڭ ژۇرناللارغا ئەۋەتىپ يۈرگەن. ئىچىدە بىر تال شېئىرىمنىڭ ئېزىپ قېلىپ «ئاقسۇ ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغان شېئىرلار شۇ پېتى يوقاپ كەتتى. ئۇ شېئىرلارنى ھازىر ئوقۇسام ئۆزەممۇ كۈلىمەن، خۇددى تۆۋەندىكى بىر قانچە شېئىرنى سىلەر ئوقۇساڭلارمۇ كۈلگەندەك…
257 گىرادۇس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەقاچان «تەسىرات»لارنى ساقلاپ ئولتۇردۇڭلار، مېنى ھەپتىدە بىر يېڭىلايمەن دېگەنتىڭ دەپ ئەيىپلەشكە تەييار تۇردۇڭلار. تولىمۇ خىجىلمەن، يازمىنى باشلاپ قويغىلى خېلى بولغان، ھەمدە ئۈچ پارچە تەسىراتمۇ يېزىپمۇ بولغان ئىدىم، تولىمۇ ئەپسۇسكى بىر تەھرىرلىۋېتىشدىن ئۆتكۈزىۋەتمىسەم بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، تېخىچە يوللاپ بولالمىدىم. بۈگۈنچە ماۋۇ بىر قانچە تەرجىمە شېئىرلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرغايسىلەر، كاتتا تەسىراتلار كېلىۋاتىدۇ…
696 گىرادۇس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، ئاۋۋال كېچىككەن بولساممۇ ھەر قايسىڭلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى مۇبارەكلەيمەن. ئىستانبۇلغا يېڭى كېلىپ، تۈركچە ئۆگىنىۋاتقان مەزگىلىمدە تۈركچە ئوقۇتقۇچىمىز تەۋسىيە قىلغان ھەم ماڭا ئىنتايىن يېقىپ كەتكەن بۇ شېئىرنى بۈگۈن سىلەر بىلەن ھەمبەھىرلەنمەك ئۈچۈن ئەپكەلدىم. بىلمىدىم، ماڭا ياققان بۇ شېئىر سىلەرگە ياقامدىكىن يوق…
64 گىرادۇس
چىڭگىز تاغچى تۈركىي مىللەتلەر، جۈملىدىن تۈرك ئەدەبىياتى سەھنىسىدە داڭق قازانغان يازغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر. چىڭگىز تاغچىنىڭ رومانلىرىدا قىرىم تاتارلىرىنىڭ كۈلپەتلىك ھاياتى ئېچىنىشلىق ئەمما روشەن بىر شەكىلدە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، «تۈركچە مېنىڭ ئانام ماڭا گەپ قىلغان تىلدۇر» دەپ تۈرك تىلىدا(تۈركىيە تۈركچىسىدە) ئىجادىيەت ئېلىپ بارىدۇ. چىڭگىز تاغچىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «يۇرتىنى يوقاتقان ئادەم»، «ئۇلارمۇ ئىنسان ئىدى»، «ئۆلۈم ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ئۆتكەن كۈنلەر»، « شۇ توپراقلار بىزنىڭ ئىدى»، « قايتىش »، « ئانامغا يازغان خەتلەر»، «ماڭا ئوخشاش بىرى»، « بىر قىرىم ھېكايەسى» قاتارلىقلار بار.
1,734 گىرادۇس
تۈركىيە ھەققىدە يازىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر بار ئىدى، ئەمما نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلى ھېچ ئولتۇرۇپ يازالماي كەتتىم، شۇنداقتىمۇ بلوگىمنى پات-پات مارىلاپ تۇرىدىغانلارغا يېقىندا تەرجىمە قىلغان بىر قانچە ناخشىلىرىمنى سونۇشنى ئويلاشتىم. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى تۈركىيە ناخشىچىسى گۆكخان ئۆزەن ئىجراسىدا يېڭى ناخشا «نېمە پەرقى». ۋاقتىڭلار يەتكەندە ئاڭلاپ قويارسىلەر. تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن كونا قائىدە بۇيىچە ناخشىنىڭ سۈزۈك نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ. ۋاقتىدا چۈشۈرۈۋالغايسىزلەر…
2,425 گىرادۇس
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بلوگىمنى يېڭىلاپ بولالمىغانلىقىمنىڭ ئۈستىگە، ئۆتۈپ كەتكەن روزا ھېيتىڭلارنى مۇبارەكلەپ، پەتىلەشكە بارالمىدىم ۋە قالدۇرۇلغان ئىنكاسلارغا جاۋاب بىرەلمىدىم، بۇنىڭدىن تولىمۇ خىجىلمەن. ھاىر بولسىمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن كېچىكىپ قالغان بولسىمۇ ئۆتۈپ كەتكەن رۇزا ھېيتىمىزنى قىزغىن قۇتلايمەن، ھەممىمىزنىڭ رۇزا ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن! بۈگۈن قۇرۇق قول كېلىشكە يۈز چىدىماي تۈرك ناخشىچىسى تاركاننىڭ ئەڭ يېڭى تەك ناخشىسى «فىرۇزە»نىڭ ناخشا سۆزى تەرجىمىسى بىلەن ئەكەلدىم، ياقتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن…
2,052 گىرادۇس
مەزكۇر كىنونى نەچچە يىل بۇرۇن تۈركچە بىلمەيدىغان زامانلىرىمدا كۆرۈپ قان قۇسۇپ يېغلىۋەتكەن ئىدىم، يېقىندا چالا تۈركچەم بىلەن بۇرۇنقى ھېسلارغا ئوخشىمىغان ھېس-تۇيغۇلىرىم بىلەن كۆرۈپ چىقتىم ھەمدە ئۆزەمچە ئاقسالىق قىلىپ كىنونىڭ ئاخىرىدا چىقىدىغان كىنو ناخشىسىنى تەرجىمە قىپ باقتىم. تەرجىمىدىن زىرىككەنلەر بېشىمغا تاش-توقماق ئاتمىسۇن دەپ كىنونىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈشكە تەمىنلىدىم، مەزكۇر يازمىنىڭ باش نۇقتىنەزىرى ئەلۋەتتە تەرجىمىدە…
3,026 گىرادۇس