ئەلۋىدا، يوۋكۇدىكى خەتلىك فىلىملىرىم!
-
سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى
باھا:36 دانە
02-03-2015
«ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» نامىدا خەتلىك فىلىم تەرجىمە قىلىپ كەلگىنىمگە بەش يىلدىن ئېشىپتۇ. دەسلەپتە، خەتلىك فىلىم ياساشنى ھەۋەس سۈپىتىدە ئۆگىنىپ باشلىغان بولسام، كېيىنچە خەتلىك فىلىم ياساشنى ئۆزۈمنىڭ دەرسدىن سىرتقى بوش ۋاقتىمنى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش پىلانىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ تىل ئۆگىنىش مەقسىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ داۋاملاشتۇرغان ئىدىم. بۇ بەش يىل جەرياندا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر قانچە كىنو، كۆپ قىسمى تۈركچە بولغان 250گە يېقىن ناخشا، 10غا يېقىن نوتۇق تەرجىمە قىلىپتىكەنمەن، شۇنداقلا، بۇ فىلىملىرىمنى مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئىلىمىزدىكى ئەڭ پاكىز، ئەڭ ياخشى بولغان يوۋكۇغا يوللاپ تۇرغان ئىدىم. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشلارنى ئۆزۈمنىڭ كۆڭۈل خۇشى ئۈچۈن قىلغان بولغاچقا، تەسىرى ۋە ئۈنۈمىنى ئويلىشىپ يۈرمىگەن ئىدىم. تۈركىيەگە كېلىپ بىلسەم، شۇ خەتلىك فىلىملەرنىڭ ئىنتايىن داڭقى بار ئىكەن، بولۇپمۇ تۈركچە-ئۇيغۇرچە خەتلىك ناخشىلار بىر قىسىم تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرىنىڭ تۈركچە ئۆگىنىشىگە ئىنتايىن رولى بوپتۇ؛ بەزى ناخشىلار دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم چوڭ رېستوران-ئارامگاھلارنىڭ دائىم قۇيۇلۇپ تۇرىدىغان ناخشىسىغا ئايلىنىپتۇ، ھەتتا دوۋبەن دەيچىلەر ئۇ ناخشىلارنى توپلاپ دەي قىلىپ سېتىشقا ئۈلگۈرۈپتۇ، ئىشقىلىپ، مەن بىلىپ-بىلمەي قىلغان بۇ ئىشلارنىڭ باشقىلارغا ئازدىن كۆپتۇر پايدىسى تىگىپتۇ. لېكىن، تولىمۇ ئەپسۇسكى…
تولىمۇ ئەپسۇسكى، بىر ئاينىڭ ئالدىدا، بۇ فىلىملىرىمنىڭ ھەممىسى تۇتۇرۇقسىز باھانە بىلەن چەكلەندى. باشقۇرغۇچى بىلەن ئالاقە قىلىپ سەۋەبىنى سورىسام، سەۋەبىنىڭ «جۇڭگۇچە(خەنزۇچە دېمەكچى) بولمىغان فىلىملەرنىڭ ھەممىسىگە چوقۇم جۇڭگوچە خەت قوشۇلىشى كېرەك. سىزنىڭ فىلىملىرىڭىزدە جۇڭگوچە بولمىغان خەت ۋە مەزمۇن باركەن» دەپ جاۋاب بەردى. مەن باشتا ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگو پۇقراسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىلىنىڭمۇ جۇڭگو تىلىغا كىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ زاكۇنلاشتىم، كېيىن ھەتتا ئاپتونۇمىيە قانۇنىنى پەش قىلىپ، قانۇن بۇيىچە «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتتى» دەپ ئەرز قىلىمەن دەپ قورقۇتۇپ باقتىم. ھەتتا بولماي ئۆزۈمنىڭ بارلىق كىملىك ئۇچۇرۇمنى ئەۋەتىپ، يالۋۇرۇپ باقتىم، ئەمما ئۇلار چەكلىمىنى بىكار قىلمىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىسلامىي مەزمۇندىكى بىر قانچە فىلىملەرنىڭ چەكلىنىشىنى توغرا چۈشەنگەن بولساممۇ، سىياسەت ۋە دىن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، ھەتتا ئانچە-مۇنچە ھېلىقىدەك كۆرۈنۈش چىقىپ قالىدىغان فىلىملەرنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە خەت بېسىلغانلىقى تۈپەيلىدىن چەكلىنىشىنى شۇنچە ئويلاپمۇ قوبۇل قىلالمىدىم. لېكىن، ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلار بىلەن داۋاملىق كىرىشىۋېلىشنى لايىق كۆرمەي ئەسلىگە ئەپ كېلىشدىن ۋاز كەچتىم. لېكىن، بۇنىڭدىن كېيىن يوۋكۇنى جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى تور بېكەت دەپ ئويلىمايمەن، يوۋكۇنى بارلىق غەزىبىمنى يىغىپ تۇرۇپ، جۇڭگوچە ئۇسۇلدا ئەيىبلەيمەن، بىر قېتىم كىرسەم بىر قېتىم تىللاپ چىقىپ كېتىمەن، ئىشقىلىپ، يوۋكۇغا ئەمدى مەندىن ياخشى كۈن يوق!
شۇنداق قىلىپ، مېنىڭ بەش يىلدىن بىرى قىلغان ئەمگىكىم مۇشۇنداق يوق بولدى. كۆڭلۈم يېرىم بولدى، ئەمما رىئاللىقنى قوبۇل قىلماي بولمىدى. ئەڭ ئاۋۋال، مېنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن ناملىق-نامسىز دوستلارغا رەھمەت. سىلەر قوللاپ بەرمىگەن بولساڭلار بۇ فىلىملەر بۇ كەمگىچە داۋام قىلىپ كەلمەيتى. ئاندىن، ماڭا فىلىملەرنى باشقا مەنبەلەرگە يوللاشنى شۇنداقلا سالوندىكى فىلىم ئىقتىدارىنى قوللىنىپ قايتا يوللاشنى تەۋسىيە قىلغان قېرىنداشلىرىمغا رەھمەت. شۇ تاپتا ئۇ فىلىملەرنى باشقا مەنبەلەرگە بىرمۇ-بىر يوللاپ چىقىشقا قەتتى ۋاقتىم چىقىشمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يازمىلاردىمۇ ئۇ فىلىملەرنى تەھرىرلەپ چىقىشقا ياكى يازمىلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشقا مەيلىممۇ يوق. كۈن كېلىپ شۇ يازمىلارنى ئېچىپ قالغىنىڭىزدا، «ئۇيغۇربەگ تەرجىمىلىرى» يۈرۈشلۈك فىلىملەرنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى ئەسلەپ قويسىڭىز مەن ئۈچۈن كۇپايە ئىدى.
بۇنىڭدىن كېيىن، خەتلىك فىلىم قىلامدىم-يوق، شۇئاندا بىلمەيمەن. لېكىن، كاللامدا بۇنىڭدىن كېيىن ۋاقتىم چىققان چاغدا، دىيارىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن بىر تور بېكەت بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى ناخشا-كىنو تەرجىمە قىلغاننىڭ ئورنىغا، ئەھمىيەتلىك ۋە مەزمۇنلۇق بولغان قىسقا فىلىملەرنى تەرجىمە قىلىپ تۇرۇپ شۇ تور بېكەتكە يوللاپ تۇرۇش ئارزۇيۇم بار.
ئەسلى دېگۈدەك نۇرغۇن گەپلەر بار ئىدى، قورسىقىممۇ خېلى كۆپكەن، لېكىن تۇرمۇشتا كۆنگەن خۇيۇم بىلەن بۇ ئىشقىمۇ خەيىر دەۋەتتىم. بۇ گەپلەرنى چەتئەللىك بىر قانچە دوستۇمغا دەپ بەرسەم ئىشەنمەي كۈلۈۋەتتى، بىز مانا باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىغۇدەك ھالدا ياشاۋېتىپتىمىز. لېكىن جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان دەپتىكەن. ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى ئەمەسمۇ، شۇڭا پارتىيەگە ئىشىنىپ، تىركىشىپ-تىرمىشىپ ياشاپ تۇرايلى. ھەممىڭلارغا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن سالام يوللايمەن.
2015-يىلى 2-مارت ئىستامبۇل
1,284 گىرادۇس 36