[ تۈركىيە تەسىراتلىرى ] «تەسىراتلار»نى باشلاشدىن بۇرۇنقى ھىسلار
-
سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى
باھا:25 دانە
08-11-2014
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەزىز بلوگداشلار. بۈگۈن ئۆزۈمگە چەكسىز دەرىجىدە مەدەت بېرىش، ئىچىمدىكى ھورۇنلۇق، بوشاڭلىق، ئىرادىسىزلىكلەرگە جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىق، شەخسەن ئۆزەمنىڭ تۈركىيەدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىم ھەمدە ئوقۇغانلىرىم ئاساسىدا، «تۈركىيە تەسىراتلىرى» تېمىسى ئاستىدا مىكرو يازمىلارنى يېزىشكە تىرىشماقچى بولدۇم. ئەسلى، خېلى بۇرۇنلا تۈركىيە ھەققىدىكى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىشلارنى ئەدەبىي خاتىرە شەكلىدە گۈزەل بىر تىل بىلەن يېزىپ چىقىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقۇم، بولسا ئەدەبىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىپ باققۇم بار ئىدى، ئەپسۇسكى، بۇ ئىشنى تاكى ھازىرغىچە سۈرۈپ كەلدىم. بەزى ئىشلارنى قىلىمەن دېگەن بىلەن، قىلىشقا باشلىغاندا كىشىدىن چەكسىز چىدامچانلىق ۋە پۈتمەس قىزغىنلىق تەلەپ قىلىدىكەن. بەزى ئىشلارنى باشلىماق تەس، بەزى ئىشلارنى باشلىغاندىن كېيىن داۋاملاشتۇرۇش تەس بولىدىكەن، قىسقىسى، مەن قىلىمەن دېگەن ئىشنى قىلمىغۇچە بولدى قىمايدىغان بىرى بولغىنىم بىلەن، «تۈركىيە تەسىراتلىرى»نى يېزىشقا ھېچ بىر بېلىمنى چىڭ باغلاپ بولالمىدىم.
شۇنداق قىلىپ، ئىستانبۇلغا كەلگەن بىر يىلدىن ئازراق كۆپ ۋاقىت ئىچىدە، ئوخشىمىغان كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىنايىن مۇھىم ۋەقەلەرگە شاھىد بولدۇم. نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇدۇم، نۇرغۇن گەپلەرنى ئاڭلىدىم. بەزى كىشىلەرنىڭ ھېكايىلىرىدىن، بەزى ئىشلارنىڭ ئەھمىيىتىدىن تەسىرلىنىپ، ھاياجانلىنىپ كۆز ياشلىرى ئاققۇزغان ۋاقىتلىرىم؛ بەزى ئىشلار ۋە كىشىلەرنىڭ قىلىقلىرىدىن غەزەبلىنىپ، نومۇس قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىم بولدى. بەزىدە، مۇساپىرچىلىقتا ئۇچراشقان بىر قىسىم قانداشلىرىمىز بايان قىلغان بىر قىسىم ھېكايىلەر قەلبىمنى لەرزگە سېلىپ، ئىنتايىن كۈچلۈك ئىلھاملار بەرگەن بولدى، بەزىلىرىنىڭ ئۇچرىغان كۈلپەتلىرىدىم ئىچىم ئاچچىق بولدى. قىسقىسى، بۇ بىر يىلدا كۆپ نەرسىنى كۆردۈم، كۆپ نەرسىنى ئۆگەندىم. ئەمما، ئەينى چاغدا كۆرگەنلىرىم شۇ ۋاقىتتا مېنى شۇنداق ھاياجانغا سالغان بىلەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ھاياجانلىنىشلار، بۇ تۇيغۇلار ئەسلىمىلەرگە ئايلانغاندىن كېيىن، ئېسىمدىن بارا-بارا غۇۋالىشىشقا باشلىدى. بۇ غۇۋالىشىشلارنى ھىس قىلىپ يەتكىنىمدە، ئۆزۈمنى گۇناھكار قىلىشقا باشلىدىم، كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئادىتىمنى تاشلىۋەتكىلى خېلى بولغان، ئەمدى بۇ خاتىرىنى توردا، بلوگىمدا داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىغاندىن كېيىن، ئاخىرى قولۇمغا قەلەم ئېلىشنى نىيەت قىلدىم.
راست گەپنى قىلسام، قولۇمغا قەلەم ئېلىش ئۇنچىۋالا ئاسانغا چۈشمىدى. قولۇمغا قەلەم ئېلىش ئۈچۈن بەزىبىر ئادەتلىرىمنى قۇربان قىلىشقا توغرا كەلدى.، ھەر بىر قۇر يازغاندا يازغانلىرىمنى كۆنۈپ كەتكەن ئىنتايىن سەزگۈر نەزەر بىلەن بىر نەچچە قېتىم تاسقىۋېتىشنى ئۇنۇتمىدىم، تاسقالغان يازمىلارنىڭ قانات-قۇيرۇقلىرىنى يەنە بىر قېتىم جۆندەشكە ئادەتلەندىم. تەسىراتلارنى يېزىش جەريانىدا شۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىمكى، كاللىغا كەلگەن ئوي-پىكىرلەرنى تۆكۈش – ئىرادىدىن كۆپرەك قەلەم كۈچىگە بەكرەك ئىھتىياجلىق بولىدىكەن. گۈلەن ئاكىمىزدەك ئاددى ئەمما مېغىزلىق نەرسە يېزىشنى، ئۆزباش ئاكىمىزدەك ئىلمىي ماقالە ئۆلچىمىنى قوللىنىشنى، نەبىجان ئاكىمىزدەك يۈرەكنىڭ بېغىشىغا تەككۈزۈپ يېزىشقا ئۇرۇنغان بولساممۇ، ئۇلارنىڭ قەلىمىدىن تۆكۈلگەن دۇردانىلەرنى دوراشقا مۇۋەققەت بولالمىدىم. ئاخىرى يەنىلا ئۆزۈمنىڭ ئۇسلۇبىدا داۋام قىلىشنى ئويلاشتىم.
شۇنداق قىلىپ، بۈگۈندىن باشلاپ «تۈركىيە تەسىراتلىرى»نى پىلانلاش، يېزىش، تەھرىرلەشنى تەڭ قەدەمدە باشلىۋەتتىم. شۇ تاپتا بىر تەرەپتىن، تۈركىيە مائارىپى ھەققىدىكى دەرسلىرىمنى ئېلىۋاتقان، بىر تەرەپدىن تۇرمۇشنىڭ كويىغا چۈشۈپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان بولغاچقا، تەسىراتلارنى قايسى ۋاقىتلاردا يېڭىلاشنى بەلگىلەپ بولالمىدىم. خۇدايىم بۇيرىسا، ھەر جۈمە كۈنى بىر قېتىم يېڭىلاشقا نىسىپ بولا. مەن ھازىر كاللامدا ئويلاۋاتقان «تەسىرات»لارنى تۆۋەندىكى ماۋزۇلار ئاستىدا داۋام قىلىشنى ئويلاشتىم:
1) تۈركىيەگە كېلىشدىن بۇرۇنقى ھىسلار
2) ۋىزا بېجىرىش داۋامىدا
3) خوڭكوڭدىن ئىستانبۇلغا سەپەر
4) مەرھابا، ئىستانبۇل…
5) ئىستانبۇلدىكى تۇنجى ئاي
6) تۆمەر ھاياتىمدىن تەرمىلەر
7) شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنى كۆردۈم!
8) چاناققەلئەگە سەپەر
9) ئىستانبۇلدىكى مۇساپىرلار
10) مەن نەلىك؟ مەن نەلىك؟ مەن نەلىك؟
11) تۈرك تىلى بىزگە زادى قانچىلىك يېقىن؟
12) ئىستانبۇل تور بازىرى تور بېكىتىنىڭ باش-ئاخىرى
13) ئىستانبۇلدا ئايلىق خىراجىتىم قانچىلىك؟
14) مېنىڭ نەزىرىمدىكى كۈرتلەر ۋە كۈرتلەرنىڭ نەزىرىدىكى كۈرت مەسىلىسى
15) تۈركىيەدە ئاسپىرانتلىققا ئۆتۈش جەريانىم
16) تۇرمۇش بايانلىرى؛ تۇرمۇش تەسىراتلىرى؛ ئۇششاق-چۈششەك بايانلار…
يۇقاردىكى ماۋزۇلار پەقەتلا مەن يوللىماقچى بولغان مەزمۇنلارنىلا كۆزدە تۇتىدۇ، تەرتىپ مۇناسىۋىتى يوق. تەسىراتلىرىمدا كۆپرەك، ئۆزۈم بىۋاستە باشتىن كەچۈرگەن ۋەقەلىكلەرنى بايان قىلىپ، خاتىرەمدە قالغان ھىس-تۇيغۇلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئاساس قىلىمەن. ئۇلۇغ رەببىمىزدىن ماڭا سەۋىر-تاقەت، غەيرەت-شىجائەت ۋە ئىلھام تىلەيمەن، خەيىر، بۇ ئىشنى باشلاشقا ئىرادە قىلغانكەنمەن، داۋاملاشتۇرۇشقىمۇ ئىرادە قىلغۇسىمەن…
1,678 گىرادۇس 25