ناخشىلاردا ئىستانبۇل

Nuri_Bilge_Ceylan_副本

ئىستانبۇلغا كېلىشدىن بۇرۇن، تۈركچە ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ئىستانبۇلغا ئائىت پارچىلارنى تېپىپ ئوقۇشقا، بۇ ئارقىلىق مەن بارماقچى بولغان بۇ گۈزەل شەھەر ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشقا تىرىشاتتىم. گەرچە، بۇرۇن ماڭا يادا بولۇپ كەتكەن بىر مۇنچە تۈركچە ناخشىلاردىن ئىستانبۇل دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان بولساممۇ، لېكىن بۇ سۆزگە ئانچە ئىرەڭشىپ كەتمەپتىكەنمەن، كېيىن بىلسەم، ئاشۇ ناخشىلار ئەسلى شۇ بىر «ئىستانبۇل» سۆزى بىلەن ماڭا نۇرغۇن ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىۋاتقان ئىكەن.

 

بىلىشىمچە، تۈركلەرنىڭ ئىستانبۇل ھەققىدە يازغان نۇرغۇن كىتابلىرى بار، ھەتتا ئىستانبۇل مۇشۇ شەھەر ھەققىدە يېزىلغان توم-توم قامۇسلارنىمۇ ئۇچراتتىم. ئۇنىڭدىن باشقا، داڭلىق تۈرك يازغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىستانبۇل ھەققىدە يېزىشنى ئۇنۇتمايدۇ. كۆپ قىسىم تۈركلەر «كومۇنىست» دەپ تىللايدىغان، ئەمما ئەسەرلىرىنى قوغلىشىپ ئوقۇيدىغان نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى ئورخان پامۇكمۇ «ئىستانبۇل – بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ ئەسلىمىلىرى» ناملىق كىتابىدا ئۆزىنىڭ ئەسلىمىلىرى بىلەن لىق توشقان ئىستانبۇلنى يازىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئەسىرىنى ئىستانبۇلنى ياشاپ باقمىغانلار ئوقۇسىمۇ چۈشەنمەيدۇ. ئىستانبۇلنى يازغان ئەسەرلەردە ئىستانبۇلنى ئىنتايىن مۇرەككەپ تەسۋىرلەيدىغان بولۇپ، بەزىلىرى ئىستانبۇلنى سۆيگۈ ۋە مۇھەببەتنىڭ ماكانى قىلىپ تەربىيىلەيدۇ. بەزىلەر بولسا، ئىستانبۇلنى بارلىق رەزىللىكلەرنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ. ئىستانبۇلسىز بىر تىراگىدىيە بولمايدۇ، ئىستانبۇلسىز تىراگىدىيەنىڭ بىر يەرلىرى بوش قالىدۇ.

 

resim49_副本

تۈركلەرنىڭ ئەدەبىي-سەنئىتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان، بۇلاردا ھەر تۈرلۈك ژانىردىكى سەنئەر، ھەر تۈردە يېتىشكەن سەنئەتكارلار تېپىلىدۇ. بۇلاردا دۇنياغا داڭلىق سەنئەتكارلىرىدىن خېلى بار.  ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر يىلى تۈركىيەگە كېلىپ كونسېرت قۇيۇپ كېتىدىغان نۇرغۇن دۇنياۋى چولپانلار بار.  بۇلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىكى پروگراممىلىرى، ناخشا-مۇزىكا قاناللىرى، ھەر تۈرلۈك ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىلىرى ئىنتايىن كۆپ،  مەزمۇنى بىر-بىرىدىن رەڭدار، بۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى پروگراممىلىرىنىڭ سەۋىيىسى خېلى كەينىدە. ناخشا-مۇزىكىمىزغۇ بىز ئىزىدا توختاپ قېلىقلىقتەكلا تۇيغۇ بار. بىزنىڭ دۇنياغا ئەمەس، رايونىمىزغا داڭلىق چولپانلىرىمىزنىڭ ئازلىقىدا، سەنئەت تۈرلىرىمىزنىڭ كەملىكىدە،  تېخى بىزنىڭ بېشىمىزدا بىزگە ئەسلا ماس كەلمىگەن «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دېگەن قالپاق بار. بەزىدە تۈركلەرگىمۇ بىزدىكىدەك قالپاق كىيدۈرىدىغان ئىش چىقىپ قالسا، بۇلارغا «ناخشا-ئۇسسۇل پىرلىرىنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ ئۇستىلىرى مىللىتى» دېگەن قالپاق كىيىلەرمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. تۈركلەرنىڭ تېلىۋېزىيە پروگراممىلىرىنىڭ سەۋىيىسىنى ئىچكىرىدىكى بىر قانچە داڭلىق قاناللارنىڭ پروگراممىسىغا سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ. بىر چاغدا يۇرتىمىزغا بېرىپ ئويۇن قۇيۇپ كەتكەن سەمەت ئۇستا دېگەن  ناخشىچىنى تۈركىيەدە قەدەمدە بىر ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئىستىقلال كوچىسىدىكى سەييارە ناخشىچىلارنىڭ سەۋىيىسى ئۇنىڭدىن ياخشى. ئاندىن، ۋەتەنگە ھەريىلى دىگۈدەك بېرىۋالىدىغان ھېلىقى ئىسمايىل ناخشىچى تۈركىيەدە پەقەتلا ناخشىچى دەيدىغان نامغىلا ئىگە، ئۇنى ھېچكىم چولپان ياكى  سەنئەتكار دەپ ئىتىراپ قىلمايدۇ.   ئىشقىپ، تۈركلەر سەنئەتتە خېلى ئۇزاپ كەتكەن خەق. ھەم بۇنداق پروگراممىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزىلىدۇ. سەنئەتكە ئامراق كىشىلەر بېرىپ كۆرۈپ كېلىدۇ، قىزىقمايدىغانلار «بىز نېمىشقا ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق؟» دەپ ماقالە يېزىپ ئولتۇرمايدۇ.

 

resim46_副本

مەن بۇ كەمگىچە باشقا مىللەتلەرنىڭ ناخشىلىرىدىن ئۆزىنىڭ بىر شەھىرىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىپ ناخشا  ئوقۇغانلارنى ئاڭلىمىدىم. ئۆزىمىزدە بولسا ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان «قەشقەر»نى تىلغا ئېلىپ ئېيتىلغان ناخشىلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن. ئەمما، بۇ ناخشىلارنىڭ ھەممىسى قەشقەرنى مەدھىيلىگەن ناخشىلار. مەن ناخشا سەنئەتكارنىڭ ھىسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ۋاستە دەپ ئويلايدىغانلىقىم ئۈچۈن، مەدھىيە خاراكتىردىكى ناخشىلاردىن ئانچە زوق ئالالمايمەن، ماڭا بۇ خىل ناخشىلار خوشنىمىز چاۋشىيەندىكى باشقىلار تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ئېيتىلىدىغان، چاۋشىيەندىكى پارتىيەنى كۈيلەيدىغان ناخشىلاردەكلا تۇيۇلىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ۋەتەن ئىچىدە ئۇيغۇرنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئەكىس ئەتتۈرگەن، ئۇيغۇرلار شۇ ناخشىدىن «قەشقەر» دېگەن سۆزنى ئاڭلىسا  نۇرغۇن خىياللارغا چۆمدۈرىدىغان ناخشىنى ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇ ناخشىلار تېشىدا ئەسقەر كۆك بۆرىنىڭ «قەشقەرنىڭ كۆز يېشى» نامىدىكى خەنزۇچە بىر ناخشا بار، مەنچە بۇ ناخشا قەشقەرنى تىلغا ئېلىپ ئېيتىلغان ناخشىلار ئىچىدە ھەممىدىن بەكرەك ئۇتۇقلۇق چىققان دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، ناخشىنىڭ تېمىسىدىن باشقا، تېكىسىتىدە قەشقەر دېگەن گەپ چىقمايدۇ، ئەمما ناخشىنى ئاڭلىغان ۋە تېكىسىتىنى چۈشەنگەن ئادەم ئىختىيارسىز نۇرغۇنلىغان مۇڭلارغا چۆمىدۇ.

 

ئىستانبۇلنى تىلغا ئېلىپ ئېيتىلغان نۇرغۇن ناخشىلار بار. تاركان، شەبنەم، مۇرات كەكىللى، ئەمرە ئايدىن…دېگەندەك نۇرغۇن داڭلىق ناخشىچىلارنىڭ بىر قىسىم ناخشىلىرا «ئىستانبۇل» دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ. «ئىستانبۇل»نى تىلغا ئالغان بۇ ناخشىلاردا ئىجادىيەتچىلەر ھەرگىز ئىستانبۇل دېگەن بۇ شەھەرنىڭ ئۆزىنى ئېيتمايدۇ. بەلكى، ئىستانبۇل دېگەن بۇ شەھەرنىڭ تۈركلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان تۇيغۇلىرىدىن بىرەر پارچىنى ئېلىپ، ناخشىسىدىكى مەلۇم ھىسسىياتنى ئىپادىلەشتە قوللىنىدۇ. نورمالدا، ناخشىلاردىكى ئىستانبۇل ئايرىلىشنىڭ، جۇدالىقنىڭ، غېرىبلىقنىڭ، يالغۇزلۇقنىڭ، ئىچى پۇشۇشنىڭ بىر سموۋۇلىدۇر. لېكىن، بۇ سموۋۇللاردىكى ھىسسىياتنى ئىستانبۇلنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئىستانبۇلدا ياشىماي تۇرۇپ، ئىستانبۇلنى ياشىماي تۇرۇپ چۈشەنمەك تەسى مۈشكۈلدۈر.

 

ئىستانبۇلدا پۈتۈن تۈركىيە نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ياشايدۇ، تۈركلەرگە نىسبەتەن دۇنيادا ئىستانبۇلدەك گۈزەل باشقا شەھەر يوق. تۈركلەرنى ئىستانبۇلسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، خۇددى چىڭگىزخانسىز موڭغۇل مەۋجۇت بولمىغاندەك، ئىستانبۇلسىز تۈركنى قىياس قىلماق قېيىن. ئىستانبۇلدىكى كوچىلارغا تۈركلەرنىڭ ھېكايىسى، ئۆتمۈشى، تارىخى ۋە كەلگۈسى كۆمۈلگەن. شۇڭلاشقىمىكىن، ئىستانبۇل تۈركلەر ئۈچۈن بىر ئىماگغا ئايلانغان بولۇشى مۇمكىن.

 

DSC_0105_副本_副本(سۈرەت: 2013 – يىلى ئىستانبۇل فاتىھ جامى)

ئىستانبۇلدا نۇرغۇن مۇساپىر بار، شۇنداقلا ئىستانبۇلدىكى يەرلىك تۈركلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇساپىر ئىكەنلىكىنى سۆزلىشىدۇ. «نەدىن كەلدىڭ» دەپ سورىغان بوۋايغا ئۆزۈمنىڭ تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتى ئالتاي تاغلىرى جايلاشقان ئاشۇ ئەزىز تۇپراقلاردىن كەلگەن مۇساپىر ئىكەنلىكىمنى سۆزلىگىنىمدە، تاماكىسىنى شورىۋەتكەندىن كېيىن،- «ئوغلۇم، ئىستانبۇلدا ھەممە كىشى مۇساپىر. مەن ئىستانبۇللۇق دېگەن كىشىنىڭ تىگىنى سۈرۈشتۈرسەڭ ياكى ئاتىسى، ياكى بوۋىسى، ياكى ئولۇغ بوۋىسى باشقا يەلىك. ئىستانبۇلغا بىز تۈركلەرمۇ مۇساپىر بولۇپ كەلگەن، ئاخىرىدا رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالدۇق بۇ يەرنى. رىم ئىمپىرىيىسىمۇ باشقىلارنىڭ قولىدىن تارتىپ ئاپتىكەن. مۇساپىرلىق يامان ئىش ئەمەس، كەل بىر چاي ئىچەيلى!» دېگەن ئىدى.

 

2015- يىلى 6 – مارت ئىستانبۇل

3,343 گىرادۇس 27


27 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

  • ئۇيغۇربەگ | 17:28 | 2015.03.6 جاۋاب

    يازما يارىغان بولسا، يازمىنىڭ ئۈستىدىكى ئېلاننى تاق-تاق قىلىپ چېكىپ قۇيالا، پۇل كەتمەيدۇ… :mrgreen:

    • ئابلەت2011 | 18:23 | 2015.03.6 جاۋاب

      ئىلان يۇققۇ، تېلېفۇن نۇسخىسىدا كۆرۈنمەمدۇ يا،

      • ئۇيغۇربەگ | 19:22 | 2015.03.7 جاۋاب

        تېلىفوندا كۆرۈنمەيدىغان چېغى.
        كومپىيۇتېردىمۇ كۆرۈنمەيۋاتىدۇ… 💡

    • ئابدۇبەگ | 05:16 | 2015.03.7 جاۋاب

      ئىلاننى قايتا تەھرىر لەپ قويسىڭىز بولغۇدەك…

      • ئۇيغۇربەگ | 19:22 | 2015.03.7 جاۋاب

        يېڭى ئالغان ئېلانتى، تېخى تولۇق تەستىقدىن ئۆتمىگەن چېغى… ❓

  • ئابلەت 2011 | 18:17 | 2015.03.6 جاۋاب

    زىيارەت قىلغىلى كەلدىم دىگەن ناخشا بارغۇ، ماڭا بەك يارايتتى قەشقەرنى مەدھىيلىگەن ناخشىلار ئىچىدە، مەن ئۈرۈمچىدىن بولساممۇ باشقا كۆپ يۇرتلىرىمىزغا بارغانمەن، ئەمما قەشقەر كوچىلىرىدا ماڭسام بىر يەرلىرىم يىغا كىلەتتى، بىر يەرلىرىم ئىختىارسىز ئىپتىخارلىققا چۈمەتتى، مۇشۇ چاغدىكى ھىسىياتىم، ئاشۇ ناخشىغا خوپ كىلەتتى، ئىشقىلىپ سۈيىنەتتىم قەشقەردىم، ئەلۋەتتە ھەممە يۈرتلىرىمىزدىن شۇنداق سۆيۈنۈشۈم كېرەكلىكىنى بىلىمەن، سىزمۇ ئاڭلىغانمۇ، سەيپىدىن ئەزىزى شىئىرى

    • ئۇيغۇربەگ | 19:21 | 2015.03.7 جاۋاب

      ئەسلى ئۇ ناخشىنىمۇ ئاڭلاپتىكەنمەن، يازمىنى يېزىش داۋامىدا ئېسىمگە كەلمەپتۇ، ئىنكاسىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن ئېسىمگە ئالدىم.
      ئۇ ناخشىنى مەن يىپەك يولى ساداسىدىن ئاڭلىغان ئىدىم، ھەقىقەتەن تەسىر قىلغان ئىدى.

    • ئۇيغۇرجان | 12:00 | 2015.03.21 جاۋاب

      توغرا دەيسز ، خەلق ناخشىللىرىنىڭ بەدىئى قىممىتىگە بىر سەنئەتچىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ باھا بېرىشكە ئاجىزمەن ،ئەمما خەلق ئىچىدىكى بىر تال خەلق بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئېيتسام ، ئۇيغۇر خەلق ناخشىللىرىنىڭ ئاساسلىق باش تېمىسى دەل شۇ مۇھەببەت بىلەن يۇرت ۋەتەن سۆيگۈسى
      ئەسىرلەردىن بۇيان بۇ دىياردا چىقۋاتقان تۈرلۈك ئىقتىمائىي سىياسىي بورانلار نۇرغۇن كىشلەر نى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان ، بۇ پاجىئەلىك تەغدىت نۇرغۇنلىغان تەسىرلىك ناخشىلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن ،ئۇيغۇر ناخشىللىرىدا مەلۇم بىر شەھەرگە ئاتاپ مەدىھە ئوقۇپ ئېيتقان ناخشىلاردىن كۆرە دەل ئاشۇنلار تارىخى دەۋىرنى ئارقا كۆزنۈش قىلغان مۇساپىرلىق ، ۋەتەنسزلىك ، يۇرتنى ئەسلەش تۇيغۇلىرى مۇھەببەت تېمىسى بىكەن يۇغۇرلۇپ ناھايتتى ئۆزگىچە بەدىئى ئۈنۈم ياراتقان
      ئەەگەر خەلق ناخشىسنى خەلقنىڭ قىسمەتلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ ئاڭلىغىنمىزدا دەسلەپ ئادەتتىكىدەك بىلىنگەن بىر ناىشىمۇ بىزنى ھۆر ھۆر يىغلىتۋەتكۈدەك مۇڭغا چۆكتۈرۋىتەلەيدۇ

      ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تەمسىلنى قىستۈرۈپ ئۆتەي ، لەيلىنى كۆرەر بولساڭ مەجنۇننىڭ كۆزىدە قارا
      (ئۇيغۇر سەنئىتنىڭ بەدىئى ئۈنۈمنى ھەقىقىي ھېس قىلماقچى بولساڭ ئۇيغۇرنىڭ قۇلىقدا ئاڭلا )

      • ئۇيغۇربەگ | 12:44 | 2015.03.21 جاۋاب

        مەن خەلق ناخشىلىرىنىڭ گېپىنى قىلمىدىم. خەلق ناخشىلاردا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ كۆپ ئورتاقلىقى بار، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدا سىز دېگەن مەزمۇنلارمۇ تۈرك خەلق ناخشىلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ.

        بۇ يەردىكى گەپنىڭ مەقسىدى ئەسلى ناخشىلاردا ئەمەس، ئىستانبۇلدا ئىدى. ئېنىقكى، يازمىنى مەن ياخشى يازالمىدىم…

        • ئۇيغۇرجان | 13:21 | 2015.03.21 جاۋاب

          مەنمۇ ئىنكاسنى سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا قارىتا يازمىغانتىم كەچۈرۈڭ

  • ئابلەت 2011 | 18:27 | 2015.03.6 جاۋاب

    زىيارەت قىلغىلى كەلدىم دىگەن ناخشا بارغۇ، ماڭا بەك يارايتتى قەشقەرنى مەدھىيلىگەن ناخشىلار ئىچىدە، مەن ئۈرۈمچىدىن بولساممۇ باشقا كۆپ يۇرتلىرىمىزغا بارغانمەن، ئەمما قەشقەر كوچىلىرىدا ماڭسام بىر يەرلىرىمدىن يىغا كىلەتتى، بىر يەرلىرىم ئىختىارسىز ئىپتىخارلىققا چۈمەتتى، مۇشۇ چاغدىكى ھىسىياتىم، ئاشۇ ناخشىغا خوپ كىلەتتى، ئىشقىلىپ سۆيۈنەتتىم قەشقەردىم، ئەلۋەتتە ھەممە يۇرتتىن سۆيۈنۈشۈم كېرەكلىكىنى بىلىمەن، سىزمۇ ئاڭلىغانمۇ، سەيپىدىن ئەزىزى شىئىرى

  • نازى | 19:58 | 2015.03.6 جاۋاب

    راس ئېلان يوققۇ

    • ئۇيغۇربەگ | 19:23 | 2015.03.7 جاۋاب

      ئېلانسىز بلوگ ھازىرلاش – بلوگچىلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى
      – بلوگشۇناس چېن جىن 😥

  • ھېچكىم | 03:50 | 2015.03.7 جاۋاب

    ئاۋۇ بوۋاي مۇنداق دېگەنمىدۇ دەپ ئۆزۈمچە پەرەز قىلىپ باقتىم:
    Oğlum, İstanbulda herkes misafirdir. İstanbulluyum diyen herkese sor ya babası dedesi ya büyük dedesi başka yerlerden gelmişlerdir. Biz Türklerde misafiriz İstanbula, sonunda Rumlardan kapıp aldık buraları. Rumlarda başkaların elinden almışlar. Misafirlik kötü bir şey değil, gel bir çay içelim.
    راۋۇرۇس سۆزلەپتۇ ئۇ قېرى.

    • ئۇيغۇربەگ | 19:23 | 2015.03.7 جاۋاب

      ۋاھ، تۈركچىڭىز خېلى باركەنغۇ…

      لېكىن، ئۇ قېرى چاي بىلەن مېھمان قىلغان بىلەن كېيىن خېلى قۇيىۋالدى :sad:

  • ئابدۇبەگ | 05:13 | 2015.03.7 جاۋاب

    گوگىلنىڭ ئىلانكەنتۇق چىقماپتۇ…

    • ئۇيغۇربەگ | 19:24 | 2015.03.7 جاۋاب

      يېڭى ئالغان ئېلان بولغاچقا، نورمالسىز تۇرغان چېغى… 💡

  • پەرىزكار | 09:15 | 2015.03.7 جاۋاب

    قارىماققا بەكلا ئادەتتىكىدەكلا شەھەرگە ئوخشايدىكەن. بۇ جاينىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى بەك مۇھىم، تارىختا ھەرقانداق پادىشاھ ئېگەللەشگە ئىنتىلىپ باققان. ياۋرۇپاغا ئۆتۈشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولى بەك چوڭ..

    • ئۇيغۇربەگ | 19:24 | 2015.03.7 جاۋاب

      ئىستانبۇل ھەرگىز ئادەتتىكى شەھەر ئەمەس. لېكىن، ئاددى ياشايدىغان شەھەر… :smile:

  • بايتاش | 11:07 | 2015.03.17 جاۋاب

    ئىستانبۇل دىگەندىكىدەك رىقابەت كۈچلۈك شەھەر بولسا كېرەك ،ئۆتكەن يىلى بىر دوستۇم چېقىپ كەتكەن،
    ئۈندىداردا ناۋادا بىر كۆرۈشسەك كۆرىشىمىز بولمىسا يوق .

  • ئۇيغۇربەگ | 11:44 | 2015.03.17 جاۋاب

    ئېلان چىكىڭلا دەپ قويسام ئېلاننى چىكىپ توختىتىۋەتكەن بارمۇ 😕

  • ئۇيغۇرجان | 10:47 | 2015.03.21 جاۋاب

    تۈركلەرنىڭ ناخشىللىرىنىڭ تۈرى ئۇسلۇبلىرى ناھايتتى كۆپ مەنمۇ بەك ياختۇرۇپ ئاڭلايمەن
    ناخشا ئۇسۇل مىللىتى ، ناخشا ئۇسۇل پىرلىرى دىگەن گەپلەر بولۇنۇپتۇ ، ئۇيغۇرلاردا تۈركلەرگە سېلىشتۇرغۇدەك دۇنياۋى چولپانلار يوق ياكى بەك ئاز، ئەمما بۇ يەردىكى ناخشى ئۇسۇل مىللىتى دىگەن نام ھەرگىزمۇ چولپاننىڭ سانىغا قارىتىلغان ئەمەس ،ئەگەر سانىساق ئۇيغۇرلارمۇ تۈركلەرمۇ ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ مەنچە
    ئۇيغۇرلار نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا رەتلەپ تەييارلىغان ئون ئىككى مۇقام دۇنيا سەنئەت بېغىدىكى قىممەتلىك بايلىق ، نۇرغۇن چالغۇلارنىڭ رىچ ماسلىشىشىدا مۇكەممەل ، تۈرلىرى كۆپ كۈي شەكلللىرى رەتكە سېلىنغان
    مۇقامدىن باشقا ھەربىر يۇرتنىڭ ئوخشىمغان كۈي ئاھاڭلىرى بار ، بۇ يەردىكى ئاھاڭ كۈي ، ھەرگىزمۇ بۈگۈنكى زامانىۋى سەھنىدە ، مۇزىكا مەكتەپلىرىدە كومزىتورلار بارلىققا كەلتۈرگەن ئەمەس بەلكى ھەقىقىي خەلىقنىڭ ئىجادىيىتى ، شۇڭا ئۇنىڭدا مەلۇم تارىخى دەۋىرنىڭ ئالاھىدىلكى ، يۇرت ۋەتەن سۆيگۈسى ، مۇھەببەت دىگەن تېمىلارنىڭ بىزگە ئەڭ يېقىن تىلدا يەنى زاغرا تىلدا يەرلىك چالغۇلار بىلەن ، سەھنە سورۇنلاردىلا ئەمەس دەشتى چۆللەردە ، جەڭگاھلاردا ،ئېتىز ، خامانلاردا ياڭراپ كەلگەن قىسقىسى ئۇيغۇرلار مۇستاقىل بىر سەنئەت سېستىمسىغا ئىگە
    مەن تۈركلەرنىڭ ناخشىللىرى ياختۇرىمەن ،بايقىشىمچە تۈركلەرنىڭ ناخشىىرى كۆپۈنچە ياۋرۇپا دىگەندەك زامانىۋى سازلار بىلەن ئورۇندىلدىكەن ، ئۇسلۇبلىرىمۇ شۇلارغا يېقىنكەن ئەمما ھازىرغىچە ئۇيغۇر مۇقاملىرىدەك ئۆزىنىڭ شۇنچىۋالا كۆپ سازلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل بىر كۈي سېستىمسىدا ئوقۇغان ناخشىللىرىنى مەن ئاڭلاپ باقمىدىم (گەرچە ناخشىللىرىنى كۆپ ئاڭلىساممۇ قازاقنىڭ دۇمپۇراسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان سازدىن باشقا ئۆزىنىڭ قانداق سازلىرى بارلىقنمۇ بىلمەيمەن بېگىم تەرجىمە قىلغان ناخشىلارمۇ شۇنداق)
    بولسا تۈركلەرنى ناخشا ئۇسۇل پىرلىرى دىگۈزۋەتكۈدەك خاسلىققا ئىگە بىر مۇستەقىل سەنئىتىنى بولسا ھەمبەھىرلەنگەن بولسىڭىز

    • ئۇيغۇربەگ | 12:53 | 2015.03.21 جاۋاب

      كېيىنكى گەپلىرىڭىزگە مەن سىزنىڭ «ناخشا – ئۇسۇل مىللىتى» نېمىگە قارىتىلغان دېگەن سۇئالىمغا بەرگەن جاۋابىڭىزنى كۆرگەندە ماسلاشتۇرۇپ گەپ قىلاي.

      لېكىن، سىز ئېتىراپ قىلىڭ ياكى قىلماڭ، بىزنىڭ داڭلىق مۇقامىمىز بولغىنىدەك، تۈركلەرنىڭمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە تۈركۈلىرى بار، شۇنداقلا بىزنىڭ مۇدامدەك غەيرىي مەدەنىيەت مىراسى مۇقامدەك تۈركلەرنىڭمۇ غەيرىي مەدەنىيەت مىراسى «مەۋلانا ئۇسۇلى» بار. مىللىي چالغۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى بىلمەيمەن، بەلكىم تۈر ۋە سانى جەھەتتە مۇقاملاردا ئىشلىتىلگەن چالغۇلاردەك كۆپ بولمىسىمۇ، پەقەت شۇ «مەۋلانا ئۇسۇلى»دىكى چالغۇلارمۇ سان ۋە تۈر جەھەتتىن ئاز ئەمەس. پەقەت شۇنى سورىغۇم كېلىدۇ، ئۇيغۇرنىڭ مۇقامدىن باشقا تىلغا ئالغۇدەك باشقا نېمىسى قالدى؟

      ئاندىن، مەن «ئۇيغۇرغا ناخشا – ئۇسسۇل مىللىتى» دېگەن قالپاق بىھۇدە كىيدۈرۈلگەن دېمەك مەقسەتتە تۈركلەرنىڭ گىپىنى چىقاردىم. تۈركلەرنى مەن ناخشا – ئۇسۇل پىرى دېمىدىم، بەلكى، بىزنىڭ تۇتامغا چىققۇدەك نەرسىمىزنىڭ يوقلۇقىدا بېرىلگەن قالپاقنى تۈركلەرگىمۇ بېرىدىغان ئىش بولسا مەن ناخشا – ئۇسۇل پىرى دېگەن قالپاق كېيىلەرمۇ دەپ ئويلاپ قالدىم دېدىم. مەيلى غەربنىڭكىنى دورىسۇن ياكى مۇستەقىل بولمىسۇن، تۈركلەرنىڭ سەنئەت ئىشلىرى مەيلى كۆلەم ياكى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن ياۋرۇپادىكى خېلى خېلى دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا.

      ئاخىرىدا، يازمىنى بىرەر قۇر تەپسىلى ئوقۇۋېتىپ ئىنكاس يېزىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. :mrgreen:

      • ئۇيغۇرجان | 13:20 | 2015.03.21 جاۋاب

        مەنمۇ تۈركلەرنىڭ ئۆز چالغۇ كۈيلىرى يوقلىقغا ئىشەنمەيتىم شۇڭا سىزنى شۇنداق ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەمدىكىن دىگەن ئىدىم
        ئۇيغۇرنىڭ مۇقامدىن باشقا جىق جىق نىمسى بار ، بىراق مەن بۇ يەردە سىزنىڭ سەنئەت ھەققىدىكى بايانلىرىڭىز ھەقققىدە توختالغاچقا شۇ دائىرە ئىچىدىلا سۆزلىدىم
        مەز بۇ يەردە تۈركلەرنىڭ سەنئىتىنى چۈرۈشۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا ئۇسۇل مىللىتى ئىكەنلىكنى ئىسپاتلىماقچى ئەمەس . پەقەت تېمىدىكى ئۇيغۇر سەنئىتى بىلەن تۈرك سەنىتىدىنڭ ناتوغرا سېلىشتۇرمىسنىڭ توغرا ئەمەسلىكنى ئىسپاتلىماقچى
        مەنچە سەنئەت ئىنسانىيەتكە ئورتاق ، ھەرقايسى دۆلەت ۋە مىللەتلەردىكى ناخشا مۇزىكىدىكى پەرىقلەر ھەرگىزمۇ ئىلغارلىق ۋە قالاقلىق ، ياخشى- ناچارلىق ھەققىدىكى پەرق ئەمەس ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جەيلىرىسد ھەرخىل دەۋىردە ، ھەرخىل ئىجتىمائىي مۇھىتتا ھەرخىل شەكىلدە ئىپادىلنىپ كىلۋاتىدۇ خالاس .
        شۇڭا سېلىشتۇرما قىلغاندا پەقەت چۈشەندۈرۈش بىلەنلا كۇپايىلنىش ھۆكۈمچىلىكتىن ساقلنىش كېرەك
        تېمىڭىزنى تولۇق ئوقۇدۇم ئەمما شۇ سېلىشتۇرمىلارنىلا توغرا دەپ قارىمغاچقا شۇ تەرىپىگىلا پىكىر بايان قىلدىم ئەيىپكە بۇيرىمغايسىز

        • ئۇيغۇربەگ | 15:21 | 2015.03.21 جاۋاب

          ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت.

          ئەمما، مەن سىزنىڭ سېلىشتۇرۇش ھەققىدىكى ئىنكاسىڭىزغا قوشۇلمايمەن. چۈنكى، مەن ئۆزەمنى ئوخشىمىغان ئىككى شەيئىنى سېلىشتۇردۇم ۋە ياكى بىرىنى قالاق بىرىنى ئىلغار ۋە ياكى بىرىنى ناچار بىرىنى ياخشى دېدىم دەپ قارىمايمەن، شۇنداقلا بۇ ئىشلاردا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ دەپ قارىمايمەن. يازمىدىمۇ ئېنىق يازدىم. تۈركلەرگە سېلىشتۇرغاندا بىزنىڭ ئەدەبىي – سەنئەتتە كەينىدە قالغىنىمىز ئېنىق ۋە رىئال مەسىلە، بۇنى سەنئەتكارلارنىڭ ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلغان ھەقىقەت.

          ئەلۋەتتە، ئەسكەرتىش ئۆتۈشكە تىگىشلىك بىر ئىش مەنمۇ ھەم سىزگە ئوخشاش ناتوغرا سېلىشتۇرۇش ۋە ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرسىتىدىغان، كەمسىتىدىغان ئىشلارغا قارشى. ئەمما، بەزى ئورۇنلۇق سېلىشتۇرۇشنىڭ ئۆزىنى تونۇشتا ئىنتايىن ياخشى تەرەپلىرى بار. بولۇپمۇ ئىنسان ئۆز توپلۇمىدىن پەرقلىق يەرگە كەلگەن سېلىشتۇرۇش پىسخىكىسى ئۆزلۈكىدىن شەكىللىنىدۇ. قىسقىسى مەنمۇ تۈركىيەگە كېلىپ، تۈركلەرنىڭ ئەدەبىي-سەنئىتى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقاندىن كېيىن، بىزنىڭ بۇ جەھەتتە ھەتتا قېرىنداش مىللەت ئۆزبېكلەرنىڭمۇ كەينىدە ئىكەنلىكىمىزنى ھىس قىلغان. 😥

        • ئۇيغۇربەگ | 15:23 | 2015.03.21 جاۋاب

          ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ بىر گېپى بولىدىغان: بىز رومانچىلىقتا ئىنگىلىزلارغا ھەرگىز يىتەلمەيمىز، ئەمما شېئىردا ئىنگىلىز شېئىرلىرىنى دەسسىۋېتىمىز دەپ…

  • ئۇيغۇرجان | 10:55 | 2015.03.21 جاۋاب

    تۈركلەرنىڭ ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ راۋجلىنشىدا تۈركيە جۈملىدىن ئىستانبۇلنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان ، ئىككى قىتئە تۇتاشقان بۇ قەدىمى مەدەنىيەتلىك شەھەر غەرىب مەدەنىيىتى بىلەن شەرىق مەدەنىيىنىڭ ئۇچىرىغىشدىغان يېرى بولۇپ ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش جەريانى بۇ شەھەردە ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ مىسىلسز گۈللىنشىگە تۈرىتكە بولغان

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!