ناخشىلاردا ئىستانبۇل
-
سەھىپە:ئوي-پىكىر قەلئەسى
باھا:27 دانە
06-03-2015
ئىستانبۇلغا كېلىشدىن بۇرۇن، تۈركچە ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ئىستانبۇلغا ئائىت پارچىلارنى تېپىپ ئوقۇشقا، بۇ ئارقىلىق مەن بارماقچى بولغان بۇ گۈزەل شەھەر ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇشقا تىرىشاتتىم. گەرچە، بۇرۇن ماڭا يادا بولۇپ كەتكەن بىر مۇنچە تۈركچە ناخشىلاردىن ئىستانبۇل دېگەن گەپلەرنى ئاڭلىغان بولساممۇ، لېكىن بۇ سۆزگە ئانچە ئىرەڭشىپ كەتمەپتىكەنمەن، كېيىن بىلسەم، ئاشۇ ناخشىلار ئەسلى شۇ بىر «ئىستانبۇل» سۆزى بىلەن ماڭا نۇرغۇن ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىۋاتقان ئىكەن.
بىلىشىمچە، تۈركلەرنىڭ ئىستانبۇل ھەققىدە يازغان نۇرغۇن كىتابلىرى بار، ھەتتا ئىستانبۇل مۇشۇ شەھەر ھەققىدە يېزىلغان توم-توم قامۇسلارنىمۇ ئۇچراتتىم. ئۇنىڭدىن باشقا، داڭلىق تۈرك يازغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى ئىستانبۇل ھەققىدە يېزىشنى ئۇنۇتمايدۇ. كۆپ قىسىم تۈركلەر «كومۇنىست» دەپ تىللايدىغان، ئەمما ئەسەرلىرىنى قوغلىشىپ ئوقۇيدىغان نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى ئورخان پامۇكمۇ «ئىستانبۇل – بىر قەدىمىي شەھەرنىڭ ئەسلىمىلىرى» ناملىق كىتابىدا ئۆزىنىڭ ئەسلىمىلىرى بىلەن لىق توشقان ئىستانبۇلنى يازىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ ئەسىرىنى ئىستانبۇلنى ياشاپ باقمىغانلار ئوقۇسىمۇ چۈشەنمەيدۇ. ئىستانبۇلنى يازغان ئەسەرلەردە ئىستانبۇلنى ئىنتايىن مۇرەككەپ تەسۋىرلەيدىغان بولۇپ، بەزىلىرى ئىستانبۇلنى سۆيگۈ ۋە مۇھەببەتنىڭ ماكانى قىلىپ تەربىيىلەيدۇ. بەزىلەر بولسا، ئىستانبۇلنى بارلىق رەزىللىكلەرنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدۇ. ئىستانبۇلسىز بىر تىراگىدىيە بولمايدۇ، ئىستانبۇلسىز تىراگىدىيەنىڭ بىر يەرلىرى بوش قالىدۇ.
تۈركلەرنىڭ ئەدەبىي-سەنئىتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان، بۇلاردا ھەر تۈرلۈك ژانىردىكى سەنئەر، ھەر تۈردە يېتىشكەن سەنئەتكارلار تېپىلىدۇ. بۇلاردا دۇنياغا داڭلىق سەنئەتكارلىرىدىن خېلى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر يىلى تۈركىيەگە كېلىپ كونسېرت قۇيۇپ كېتىدىغان نۇرغۇن دۇنياۋى چولپانلار بار. بۇلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىكى پروگراممىلىرى، ناخشا-مۇزىكا قاناللىرى، ھەر تۈرلۈك ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىلىرى ئىنتايىن كۆپ، مەزمۇنى بىر-بىرىدىن رەڭدار، بۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى پروگراممىلىرىنىڭ سەۋىيىسى خېلى كەينىدە. ناخشا-مۇزىكىمىزغۇ بىز ئىزىدا توختاپ قېلىقلىقتەكلا تۇيغۇ بار. بىزنىڭ دۇنياغا ئەمەس، رايونىمىزغا داڭلىق چولپانلىرىمىزنىڭ ئازلىقىدا، سەنئەت تۈرلىرىمىزنىڭ كەملىكىدە، تېخى بىزنىڭ بېشىمىزدا بىزگە ئەسلا ماس كەلمىگەن «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دېگەن قالپاق بار. بەزىدە تۈركلەرگىمۇ بىزدىكىدەك قالپاق كىيدۈرىدىغان ئىش چىقىپ قالسا، بۇلارغا «ناخشا-ئۇسسۇل پىرلىرىنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ ئۇستىلىرى مىللىتى» دېگەن قالپاق كىيىلەرمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن. تۈركلەرنىڭ تېلىۋېزىيە پروگراممىلىرىنىڭ سەۋىيىسىنى ئىچكىرىدىكى بىر قانچە داڭلىق قاناللارنىڭ پروگراممىسىغا سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ. بىر چاغدا يۇرتىمىزغا بېرىپ ئويۇن قۇيۇپ كەتكەن سەمەت ئۇستا دېگەن ناخشىچىنى تۈركىيەدە قەدەمدە بىر ئۇچراتقىلى بولىدۇ، ئىستىقلال كوچىسىدىكى سەييارە ناخشىچىلارنىڭ سەۋىيىسى ئۇنىڭدىن ياخشى. ئاندىن، ۋەتەنگە ھەريىلى دىگۈدەك بېرىۋالىدىغان ھېلىقى ئىسمايىل ناخشىچى تۈركىيەدە پەقەتلا ناخشىچى دەيدىغان نامغىلا ئىگە، ئۇنى ھېچكىم چولپان ياكى سەنئەتكار دەپ ئىتىراپ قىلمايدۇ. ئىشقىپ، تۈركلەر سەنئەتتە خېلى ئۇزاپ كەتكەن خەق. ھەم بۇنداق پروگراممىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزىلىدۇ. سەنئەتكە ئامراق كىشىلەر بېرىپ كۆرۈپ كېلىدۇ، قىزىقمايدىغانلار «بىز نېمىشقا ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق؟» دەپ ماقالە يېزىپ ئولتۇرمايدۇ.
مەن بۇ كەمگىچە باشقا مىللەتلەرنىڭ ناخشىلىرىدىن ئۆزىنىڭ بىر شەھىرىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىپ ناخشا ئوقۇغانلارنى ئاڭلىمىدىم. ئۆزىمىزدە بولسا ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى بولغان «قەشقەر»نى تىلغا ئېلىپ ئېيتىلغان ناخشىلارنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن. ئەمما، بۇ ناخشىلارنىڭ ھەممىسى قەشقەرنى مەدھىيلىگەن ناخشىلار. مەن ناخشا سەنئەتكارنىڭ ھىسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ۋاستە دەپ ئويلايدىغانلىقىم ئۈچۈن، مەدھىيە خاراكتىردىكى ناخشىلاردىن ئانچە زوق ئالالمايمەن، ماڭا بۇ خىل ناخشىلار خوشنىمىز چاۋشىيەندىكى باشقىلار تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ئېيتىلىدىغان، چاۋشىيەندىكى پارتىيەنى كۈيلەيدىغان ناخشىلاردەكلا تۇيۇلىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، ۋەتەن ئىچىدە ئۇيغۇرنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئەكىس ئەتتۈرگەن، ئۇيغۇرلار شۇ ناخشىدىن «قەشقەر» دېگەن سۆزنى ئاڭلىسا نۇرغۇن خىياللارغا چۆمدۈرىدىغان ناخشىنى ھازىرغىچە ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇ ناخشىلار تېشىدا ئەسقەر كۆك بۆرىنىڭ «قەشقەرنىڭ كۆز يېشى» نامىدىكى خەنزۇچە بىر ناخشا بار، مەنچە بۇ ناخشا قەشقەرنى تىلغا ئېلىپ ئېيتىلغان ناخشىلار ئىچىدە ھەممىدىن بەكرەك ئۇتۇقلۇق چىققان دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، ناخشىنىڭ تېمىسىدىن باشقا، تېكىسىتىدە قەشقەر دېگەن گەپ چىقمايدۇ، ئەمما ناخشىنى ئاڭلىغان ۋە تېكىسىتىنى چۈشەنگەن ئادەم ئىختىيارسىز نۇرغۇنلىغان مۇڭلارغا چۆمىدۇ.
ئىستانبۇلنى تىلغا ئېلىپ ئېيتىلغان نۇرغۇن ناخشىلار بار. تاركان، شەبنەم، مۇرات كەكىللى، ئەمرە ئايدىن…دېگەندەك نۇرغۇن داڭلىق ناخشىچىلارنىڭ بىر قىسىم ناخشىلىرا «ئىستانبۇل» دېگەن سۆز ئۇچرايدۇ. «ئىستانبۇل»نى تىلغا ئالغان بۇ ناخشىلاردا ئىجادىيەتچىلەر ھەرگىز ئىستانبۇل دېگەن بۇ شەھەرنىڭ ئۆزىنى ئېيتمايدۇ. بەلكى، ئىستانبۇل دېگەن بۇ شەھەرنىڭ تۈركلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان تۇيغۇلىرىدىن بىرەر پارچىنى ئېلىپ، ناخشىسىدىكى مەلۇم ھىسسىياتنى ئىپادىلەشتە قوللىنىدۇ. نورمالدا، ناخشىلاردىكى ئىستانبۇل ئايرىلىشنىڭ، جۇدالىقنىڭ، غېرىبلىقنىڭ، يالغۇزلۇقنىڭ، ئىچى پۇشۇشنىڭ بىر سموۋۇلىدۇر. لېكىن، بۇ سموۋۇللاردىكى ھىسسىياتنى ئىستانبۇلنى كۆرمەي تۇرۇپ، ئىستانبۇلدا ياشىماي تۇرۇپ، ئىستانبۇلنى ياشىماي تۇرۇپ چۈشەنمەك تەسى مۈشكۈلدۈر.
ئىستانبۇلدا پۈتۈن تۈركىيە نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسمى ياشايدۇ، تۈركلەرگە نىسبەتەن دۇنيادا ئىستانبۇلدەك گۈزەل باشقا شەھەر يوق. تۈركلەرنى ئىستانبۇلسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ، خۇددى چىڭگىزخانسىز موڭغۇل مەۋجۇت بولمىغاندەك، ئىستانبۇلسىز تۈركنى قىياس قىلماق قېيىن. ئىستانبۇلدىكى كوچىلارغا تۈركلەرنىڭ ھېكايىسى، ئۆتمۈشى، تارىخى ۋە كەلگۈسى كۆمۈلگەن. شۇڭلاشقىمىكىن، ئىستانبۇل تۈركلەر ئۈچۈن بىر ئىماگغا ئايلانغان بولۇشى مۇمكىن.
(سۈرەت: 2013 – يىلى ئىستانبۇل فاتىھ جامى)
ئىستانبۇلدا نۇرغۇن مۇساپىر بار، شۇنداقلا ئىستانبۇلدىكى يەرلىك تۈركلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇساپىر ئىكەنلىكىنى سۆزلىشىدۇ. «نەدىن كەلدىڭ» دەپ سورىغان بوۋايغا ئۆزۈمنىڭ تۈركلەرنىڭ ئاتا يۇرتى ئالتاي تاغلىرى جايلاشقان ئاشۇ ئەزىز تۇپراقلاردىن كەلگەن مۇساپىر ئىكەنلىكىمنى سۆزلىگىنىمدە، تاماكىسىنى شورىۋەتكەندىن كېيىن،- «ئوغلۇم، ئىستانبۇلدا ھەممە كىشى مۇساپىر. مەن ئىستانبۇللۇق دېگەن كىشىنىڭ تىگىنى سۈرۈشتۈرسەڭ ياكى ئاتىسى، ياكى بوۋىسى، ياكى ئولۇغ بوۋىسى باشقا يەلىك. ئىستانبۇلغا بىز تۈركلەرمۇ مۇساپىر بولۇپ كەلگەن، ئاخىرىدا رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئالدۇق بۇ يەرنى. رىم ئىمپىرىيىسىمۇ باشقىلارنىڭ قولىدىن تارتىپ ئاپتىكەن. مۇساپىرلىق يامان ئىش ئەمەس، كەل بىر چاي ئىچەيلى!» دېگەن ئىدى.
2015- يىلى 6 – مارت ئىستانبۇل
3,343 گىرادۇس 27