
«جۇمھۇرىيەت بايرىمى پارىتىنىڭ مانىۋىرىدىن بىر شىڭگىل» ناملىق يازمىدا ئېيتىلغاندەك 29-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيەت بايرىمى ئىدى ھەمدە بۇ كۈننى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن ئاقساراي تەرەپتە پارات بولدى، كەمىنە بۇ پاراتقا كېچىكىپ قالغان بولساممۇ شۇنداقلا رەسىمگە تارتىش تېخنىكام چەكلىك بولسىمۇ بىر قانچە رەسىمنى ھۇزۇرۇڭلارغا ئەكەلدىم. مەقسەت: شۇ كۈندىكى بىر قىسىم ئەسلىمىلەرنى سۈرەت ئارقىلىق سىلەر بىلەن ھەمبەھىرلىنىش…
551 گىرادۇس

بەلكىم بىلمەسلىكىڭلار مۇمكىن، بىگىڭلار ئۇيغۇربەگنىڭ ئاجايىب بىر ھەۋىسى بار، ئۇ بولسىمۇ رەسىمگە چۈشۈش ۋە رەسىمگە تارتىش، ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىن مېنىڭ بۇ ھەۋىسىم تېخىمۇ كۈچىيىپ مېنى سەۋدا قىلدى، مۇساپىرچىلىق مۇھىتتا رەسىمگە تارتىش مېنىڭ دەرسدىن سىرتقى ئاساسلىق پائالىيىتىمگە ئايلاندى، گەرچە تارتقان نەرسىلىرىم كەسىپ ئىگىلىرى ئالدىدا ھېچنېمە بولمىسىمۇ تارتقان بىر قانچە رەسىملىرىمنى «ئىستانبۇلنىڭ ھېكايەسى» دەپ چوڭ بىر قالپاق كەيدۈرۈپ سىلەرگە سۇنۇش ئالدىدا تۇرماقتىمەن، يازمىغا كىرىشدىن بۇرۇن ئاياق، چالما كېسەك، پالاق تۇخۇملارنى ئېتىشقا تەييارلاپ تۇرغايسىزلەر…
1,027 گىرادۇس

ماتىرىيال ئىزدىگىلى چىقىپ قالغان مەزگىلىمدە، پات-پات Google ئەپەندىمنىڭ تۇغىغا نەزىرىمنى سېلىپ قويىمەن. بەزىدە بۇ ئەپەندىمنىڭ سەت تۇغلىرى مەنىلىك ئويۇنچۇققا ئۆزگىرىپ قالسا، بەزىدە گۈزەل رەسىمگە ئايلىنىپ قالىدۇ، بەزىدە بىرەر مەشھۇر زاتنىڭ پورتىرىت رەسىمى بولۇپ قالسا، بەزىدە مەلۇم كەشپىياتنىڭ ئىزاھاتى بولۇپ قالىدۇ. بۈگۈنمۇ Google ئەپەندىمنىڭ يېڭى تۇغىغا نەزەر سېلىۋېتىپ، تويۇقسىز 2011-يىلىدە مەزكۇر ئەپەندىمنىڭ بارلىق تۇغلىرىنى تېپىش خىيالىمغا كەپ قالدى، بىر قەپەس ئاختۇرۇشتىن كېيىن بۇمۇ پەيدا بولدى…
1 گىرادۇس