![[ كارامەت يېڭىلىق ] مىكروسوفىتتىن يەنە بىر يېڭىلىق–3D ئۈستەل يۈزى، تور بېكەتلەرنىمۇ تۇتالايدىكەنسىز… G d4](wp-content/uploads/2013/03/Gd4.jpg)
ھازىر پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ، بايا تور ئارىلاۋېتىپ تۆۋەندىكى بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم. يەنى، ھازىر دۇنياغا داڭلىق مىكروسوفت شىركىتىدە پىراكتىغا قىلغان جىنھا لى(Jinha Lee) ناملىق بىرەيلەن 3D ئۈستەل يۈزى مۇھىتى SpaceTopنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر مۇھىتتا قوللانچىلار كومپىيۇتېر ئېكرانى ئىچىگە «كىرىپ»، رېئال دۇنياغا ئوخشاش تور بېكەت، ھۆججەت ۋە فىلىملەرنى «تۇتالايدىكەن»،«سىيلىيالايدىكەن»…
1 گىرادۇس

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ئۈچۈنچى ئاي كىرگەندىن كېيىن، مىكروسوفىتنىڭ 98 يۈئەنلىك ئىتىبار باھادا سېتىش پائالىيىتىمۇ ئاخىرلاشتى، بۇ كۈننىڭ ئالدىدا، ئۆزۈمنىڭ نامىدا ئىلتىماس قىلغاننى ئازراق پايدا چاپلاپ ئۆتۈنۈپ بېرىش، باشقىلارغا ئۆزىنىڭ نامىدا پايپالدا پۇل تۆلەپ بېرىش، ئۆزۈمنىڭ ۋە ياكى باشقىلارنىڭ نامىدا 98 يۈئەنلىك ئىتىبار باشقىلارنىڭ ئىتىبار باھادا پۇل تۆلەپ بېرىش ئارقىلىق ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ 250گە يېقىن كىشىگە 500 پارچىگە يېقىن Windows8 ھەقىقىي نەشىردىكى ئاچقۇچ كودىنى تەمىنلەپ بەردىم. يەنە نۇرغۇن ھاجەتمەنلەرگە بىۋاستە ياردەم قىلىپ، يىراقتىن كونترول قىلىپ تۇرۇپ ئۇچۇرنى توشقۇزۇپ، پۇل تۆلىشىپ بەردىم(يەنى، ئۆزىنىڭ پايپال ھېساۋاتى بار، ئىشلىتىشنى بىلمىگەنلەرگە مەشخۇلات قىلىپ بەردىم)، مەندىن ئاچقۇد كودى ئالغانلار بىر قىسىم دوستلارغا ھەتتا يىراقتىن باشقۇرۇپ سېستىمىنى ئورنىتىش، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاش ئىشلىرىنى قىلىپ بەردىم، ئۇچرىغان مەسىلىلىرىگە چارە تېپىشىپ دىگۈدەك رازى بولغۇدەك مۇلازىمەت قىلدىم. خوش، گەپكە كەلسەك، قولۇمدا ھەقىقىي نەشىردىكى ئاچقۇچ كودىدىن يەنە بىر ئاز بار، شۇلارنى سېتىۋېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن تورداشلارغا 250 سومدىن ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن.
سېتىۋالغان تورداشلارغا قاچىلاشقا، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش بىلەن بىرگە نۆۋەتتە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلماقچى بولىۋاتقان ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دىتالى بولغان office 2013نىڭ ھەقىقىي ئاچقۇچ نومۇرىدىن بىرنى سوۋغا قىلىمەن(بۇ نومۇرمۇ Windows8 ئاچقۇچ نومۇرىغا ئوخشاش بىرلا كومپىيۇتېرغا ئىشلەيدۇ)، شۇنداقتا سىز 250 يۈئەنگە Windows8 ھەقىقىي ئاچقۇچ نومۇرىنى ئېلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلماقچى بولىۋاتقان ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دىتالى بولغان office 2013نىڭ ھەقىقىي ئاچقۇچ نومۇرىدىن بىرگە ئېرىشەلەيسىز، office 2013 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنغان ھامان ئۇيغۇرچە مەشخۇلات سېستىمىسى ۋە ئۇيغۇرچە ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش پروگراممىسىنى تەڭلا ئىشلىتىپ، ئانا تىلنىڭ ھۇزۇرىدىن قانغۇچە بەھىر ئالالايسىز، بولامدىكەن؟ يارىغان بولسا تىزدىن سېتىۋېلىشقا ئالدىراڭ. سانى چەكلىك!…
مېنى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى ۋە ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدىن تاپالايسىز.
ئالاقە ئۇسۇللىرىم:
ئېلخەت: uyghurbeg@yahoo.com | QQ: 761250477 | تېلىفون: 15622899182
تېلىفون ۋە QQدا ئالاقە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن، QQنى قاتقاندا Windows8 دەپ ئەسكەرتىش بېرىشنى ئۇنۇتماڭ!
1 گىرادۇس

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، كۈتكۈنىمىزدەك نۆۋەتتە كومپىيۇتېر ساھەسىدىكى قىززىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولغان Windows8 مەشخۇلات سېستىمىسىنىڭ ئۇيغۇر تىل بولىقىنى ئېلان قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئالىم مۇئەللىمنىڭ بلوگىدىن ئاڭلىغان شۇنداقلا باشقا تور بېكەتلەردىن ئەھۋاللارنى ئۇقۇشقان ئىدۇق، بۈگۈن ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ بلوگىدىن شۇنى بىلدۇقكى، مەزكۇر سېستىمىنىڭ ئۇيغۇر تىلى بولىقى مانا بۈگۈن 2012-يىل 12-ئاينىڭ 12-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىندى! مۇشۇنداق ئىلغار سېستىمىدا ئانا تىل ھۇزۇرىنى سۈرمەسلىككە نېمە باھانىڭىز بار؟…
1 گىرادۇس

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىزلەر! 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغان «ئۇيغۇرلاردىكى 2012-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى» بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقا باسقۇچقا-بېلەت تاشلاپ، 10 نادىر بىلوگنى تاللاپ چىقىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ جەرياندا نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى(بىر ئاي) ۋە نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بىلوگلارنى نومۇر قويۇپ باھالاپ، ئالدىنقى 20 بىلوگنى تۇرغۇزۇپ چىقىش باسقۇچى(15 كۈن) ناھايىتى رەتلىك، ئادىللىققا يېقىن داۋام ئەتتى. نەتىجىدە بۇ باسقۇچلار ئارقىلىق، ئالدىنقى 20 بىلوگ رەسمىي نامزات قىلىپ تۇرغۇزۇلدى.شۇنداق قىلىپ، 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 23:59 قىچە بىر ئاي داۋام قىلىدىغان 10 نادىر بىلوگنى بېلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى.
1 گىرادۇس
![[ئايفونداشلارغا خۇشخەۋەر] ئامراق تور كۆرگۈچ Google Chromeنىڭ IOS نەشىرى ئېلان قىلىندى! ioschrome](wp-content/uploads/2012/06/ioschrome.jpg)
Google I/O 2012 قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىنچى كۈنى(يەنى بۈگۈن، بۇ نېمە قۇرۇلتايكىن، مەنمۇ بىلمىدىم) Google شىركىتى رەسىمىي ھالدا Google Chromeنىڭ IOS نەشىرى ئېلان قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. گەرچە كەمىنە ئۇيغۇربەگ بۇ جاكارنامىگە بىۋاستە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، پاسىبان كۇلۇبى ئارقىلىق بۇ ئەپلىك تور كۆرگۈچنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، شۇ ھامان ئىزدەپ باقتىم، ھەقىقەتەن App Storeدا Google Chromeنىڭ قارىسىنى ئۇچراتتىم.
1 گىرادۇس

يېقىندىن بۇيان مەن ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان Youku فىلىم تورىنىڭ ئېلانلىرى تېتىقسىزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئىچىم پۇشۇۋاتقانتى، بۇنى ئازدەپ ۋاقتىمۇ ھەدەپ ئۇزىراپ كەتتى، خەپ دېدىم، ئامالىنى قىلىش ئۈچۈن تىركىشىپ باقمىدىم. بۈگۈن ئالماس دەپ بىر تور قۇرتى مەكتەپدىشىم بار ئىدى، ھەدەپ فىلىم كۆرۈۋاتسام «ئىدىش، ئاۋۇ ئۇزۇن ئېلانلاردىن زىرىكمىدىڭلىما؟» دەيدا، زىرىكمەمدىكى دېدىم، شۇنىڭ بىلەن «خىروم ئىشلىتەمسىلە؟» دەيدۇ، «Chromeما» دېدىم، بىلىسىلە، بلوگگېرلار Chromeنى «كېرەمجان» دەيتۇققۇ، باللا «خىروم»(خۇرۇم) دەيدىكەن، مۇشۇ كېرەمجاننىڭ بىر قىستۇرمىسى باركەن، ئېلان چەكلەيمىزكەن…
1 گىرادۇس

ئۇيغۇر مىكروبلوگچىلىقىنىڭ باشلامچىسى، قەدىناس بلوگگېرلارنىڭ ھەقەمسايىسى، شۇنداقلا بىر مەزگىل جاھاننى تىترەتكەن، دۇنيادا بىرىنچى دەرىجىلىك مىكروبلوگ سۇپىسى دەپ باھالانغان(چاقچاق چە!) «گۈدۈك» مىكروبلوگى قايتىدىن ئېچىلىپتۇ. قېنى، قەدىناس «گۈدۈك»داشلار، غەززەب بىلەن ئالغا!…
مەنزىل: http://www.guduk.com
1 گىرادۇس

قاراپ باقسىڭىز ھەر قايسى داڭلىق تور بېكەتلەرنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق تۇغ بەلگىسى بولىدۇ، شۇ بېكەتلەرنى ئاچسىڭىز توركۆرگۈنىڭ ئۈستى تەرىپىدە كىچىك بەلگىسى چىقىپ تۇرىدۇ، ئەمدى بىز ئۇنداق چوڭ بېكەت بولمىساقمۇ، بىزمۇ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق بەلگىلەرنى چىقىرىپ قويساق بولىۋېرىدۇ. مەن تۆۋەندە ئەڭ ئاددى خىل ئۇسۇلدا Favicon چىقىرىشنى سۆزلەي.
![无觅相关文章插件,快速提升流量]()
1 گىرادۇس