مۇشۇ يىل 18-يانۋاردىن 26-مارت ئارلىقىدا مەندىن Windows8 سېتىۋالغانلارغا ئوچۇق خەت
-
سەھىپە:تۇرا يېڭىلىقلىرى
باھا:16 دانە
23-10-2013
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار، بىلگىنىمىزدەك ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ، مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۆزگىچە كۆرۈنمە يۈزىگە ئىگە بولغان، ئۇيغۇرچىنى نېگىزدىن قوللىغان ئاساستا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە مەشخۇلات قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان Windows8 سېستىمىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تورداشلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى ھەمدە مىكروسوفتنىڭ ئانا تىلىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن مۇشۇ سېستىمىنىڭ ھەقىقىي نەشرىنى ئىشلىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، مەنمۇ بۇ جەرياندا نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا Windows8 ئاچقۇچىنى تەمىنلەپ بەردىم، بۇنىڭ ئىچىدە مۇشۇ يىل 18-يانۋاردىن 26-مارت ئارلىقىدا تەمىنلەنگەن ئاچقۇچ نومۇرلىرىنى ۋاستىلىك ئالغان بولغاچقا، نومۇر تەمىنلىگۈچىنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكى تۈپەيلى بۇ مەزگىلدىكى نومۇرلارنىڭ نورمال ئىشلىمەسلىكى كېلىپ چىقتى…
Windows8 ئاچقۇچ كودىنى تەمىنلەش ئىشنىڭ باش-ئاخىرى
يازمىنىڭ بېشىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ، مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا ئۆزگىچە كۆرۈنمە يۈزىگە ئىگە بولغان، ئۇيغۇرچىنى نېگىزدىن قوللىغان ئاساستا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە مەشخۇلات قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان Windows8 سېستىمىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر تورداشلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى ھەمدە مىكروسوفتنىڭ ئانا تىلىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن مۇشۇ سېستىمىنىڭ ھەقىقىي نەشرىنى ئىشلىتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، مەنمۇ ئالدىنقى يىلى 25-دېكابىردىن مۇشۇ يىلى 26-مارت ئارلىقىدا نۇرغۇنلىغان تونۇش ۋە ناتونۇش قېرىنداشلىرىمغا بەزىدە خالىس، بەزىدە ھەق ئېلىپ دېگەندەك قىلىپ Windows8 ئاچقۇچ كودىنى تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى قىلدىم، بۇ جەرياندا ئۆزۈم تاپقان ئىتىۋار بېرىش نومۇرى ئارقىلىق ياكى Paypal ئارقىلىق پۇل تۆلەش ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ نامىغا ئالغان ئاچقۇچ 57 دانە، باشقىلار تاپقان ئېتىۋار بېرىش نومۇرى ئارقىلىق ياكى بىۋاستە Paypal ئارقىلىق پۇل تۆلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نامىغا ئالغان ئاچقۇچ 113 دانە، شۇنداقلا 18-يانۋاردىن 26-مارت ئارلىقىدا ۋاستىلىك ئالغان ئاچقۇچ كودى 69 دانە بولۇپ جەمئىي 239 دانە ئاچقۇچ ئالدىم(ئاللاھا شۈكۈر، ئەينى چاغ بەزىبىر ئەھۋاللارنى چىقىش قىلىپ مەندىن ئاچقۇچ كودى ئالغانلارنىڭ پۇل تۆلىگەنلىك ۋە ئاچقۇچ ئۇچۇرىنى ئېكىسئېل ھۆججىتىدە ساقلىۋالغان ئىدىم، يۇقارقى ئۇچۇرلار شۇ خاتىرىگە ئاساسەن تەييارلاندى)، ۋاقتىملا يەتكەن چاغدا نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلارنىڭ سېستىمىنى قاچىلىشىغا، يولۇققان مەسىلىسىگە بىۋاستە قول تىقىپ ياردەم بەردىم.
ھالبۇكى 18-يانۋاردىن 28-ئاپرىل ئارلىقىدا ئۆزۈم بىۋاستە پۇل تۆلەپ ئالغان ئاچقۇچلاردا مەسىلە يوق، ئەمما 18-يانۋاردىن 26-مارت ئارلىقىدا مەن ۋاستىلىك ئالغان ئاچقۇچلار، يەنى ماڭا ئاچقۇچ كودى بىلەن تەمىنلىگەن تەرەپنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە سەمىمىيەتسىزلىكى تۈپەيلى ماڭا تەمىنلىگەن ئاچقۇچ نومۇرلىرىنىڭ 4-ئايدىن 7-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىنكاسلىرى شۇنداقلا Windows8.1 ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى ئىنكاسلىرىغا كۆرە سېستىمىنى قايتا قاچىلىغاندا ئىناۋەتسىز بولۇپ قېلىشى، Windows8.1گە نەشىرىنى كۆتۈرەلمەسلىك، ئاچقۇچنى كىرگۈزگەندە ئىشلەش ئەمما ئاكتىپلانماسلىق، ھەتتا ئاچقۇچنى ھېچقانداق ئىشلەتمەي تۇرۇقلۇقلۇقمۇ ئىناۋەتسىز بولۇپ كەتكەنلىك مەسىلىلىرى بايقالدى، مەن باشتا بۇ ئىشلارنى ئاچقۇچ كودىنى ئىشلەتكۈچىلەردىن كۆرۈپ، بىر قىسمىغا ئۆزۈم يېقىنلىرىمنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن زاپاس ئېلىپ قويغان نومۇرلىرىمنى تەمىنلىگەن بولسام، يەنە بىر قىسىملىرىغا مىكروسوفىتنىڭ مۇلازىمەتچىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ تېلىفون بىلەن ئاكتىپلاپ بەردىم، نۇرغۇنلىرىغا بولسا مىكروسوفتنىڭ خادىملىرى بىلەن ئۆزلىرى ئالاقە قىلىپ بېقىشنى سورىدىم. تاكى بۈگۈن ئۆزۈم ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، Store.STOR.WW.00.EN.MSF.RMD.TS.T1S.SPT.00.EM@css.one.microsoft.com ناملىق ئېلخەت ئادرېسىنىڭ ساختا ئادرېس ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق مۇلازىمەت ئېلخېتىنىڭ يوقلىقىنى، شۇڭا بۇ ئېلخەتتىن كەلگەن ئۇچۇرلار ۋە ئاچقۇچ كودلىرىغا ئىگە بولمايدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ ئالدانغانلىقىمنى شۇنداقلا ماڭا ئىشەنگەن نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلار ئالدىدا تولىمۇ خىجىل بولىدىغان سەت ئىشتىن بىرنى قىلغانلىقىمنى ھىس قىلىپ، مەزكۇر ئوچۇق خەتنى يازدىم. بۇ ئىش تۈپەيلى ماڭا ئىشىنىپ مەندىن ئاچقۇچ كودى ئالغان قېرىنداشلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن…
بەرھەق، بۇنىڭدىن قاتتىق ۋىجدان ئازابى چەكتىم، ئەمما مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشىم ھەرگىزمۇ پۇل تېپىۋېلىش، باشقىلارنى قۇيۇۋېتىش، قاقتى-سوقتى قىلىش ئەمەستى، مېنى ئوبدان بىلىدىغانلار ۋە دوست-بۇرادەرلىرىم مېنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى، ئۇنىۋېرسىتىتتىكى چاغلىرىمدا مېنىڭ تەرجىمانلىق، بلوگچىلىق، سودىگەرلىك قىلىپ ئوقۇش پۇلۇمدىن تارتىپ تۇرمۇش پۇلۇمنىغىچە تېپىپ كەلگەنلىكىمنى، مېنىڭ پۇلغا جىددى ئېھتىياجلىق ئەمەسلىكىمنى ھەم بىلىدۇ، مەندىن مۇشۇنداق نومۇرلارنى ئالغانلار ئىچىدە بلوگ ھاياتىمدا يېقىن ئۆتىدىغان تورداشلار، ئۆز تۇققانلىرىم، ئاكىلىرىمنىڭ ئاغىنىلىرى، مېنى تونۇيدىغان ۋە مېنى ھۆرمەتلەيدىغان ئەمما مەن تونۇپ كەتمەيدىغان باشقا تورداشلار، ھەتتاكى كومپىيۇتېرنى تۈزۈك بىلمىسىمۇ باشقىلاردىن ئۇيغۇرچە قوللايدىغان سېستىما چىقىپتۇ دەپ ئاڭلاپ ئۆزى ئىشلەتمىسىمۇ قوللاپ قۇيۇش ئۈچۈن ئېلىپ قوياي دېگەن ناتونۇش كىشىلەر بار ئىدى، مېنىڭ بىخەستەلىكىم تۈپەيلى بۇ كىشىلەرنى نائۈمىددە قويدۇم…
مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرى
1. تۆلەم تۆلەش
مەسىلە كۆرۈلگەن ھەر بىر نومۇر ئۈچۈن 120 يۈئەندىن 150 يۈئەنگىچە تۆلەم بېرىمەن، ئەمما ھېلىھەم ئوقۇۋاتقان بولغاچقا پات يېقىندا پۇلنى تۆلەپ بېرىشكە ئىمكانىم يوق، ئاللاھ خالىسا 2 يىل ئىچىدە پۇلنى بىر-بىرىلەپ ئەۋەتىپ بېرىمەن. تۆلەم تەلەپ قىلىدىغانلار ئالاقىلىشىش ئۇچۇرى، بانكا ھېساۋات ئۇچۇرى شۇنداقلا ئەينى چاغ مەن ئەۋەتكەن ئېلخەت ئۇچۇرى، ۋە ئەينى چاغ ئاچقۇچ تاپشۇرۇۋېلىشقا ئىشلەتكەن ئېلخەت ئادرېسىنى ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەن ھالدا تۆۋەندىكى ئېلخەت ئادرېسىغا ئەۋەتىپ بېرىڭ.
uyghurbeg@yahoo.com
2. تېلىفون ئارقىلىق ئاكتىپلاتقۇزۇش
خالىسىڭىز سىز ئۈچۈن بىر قېتىم تېلىفون ئارقىلىق سېستىمىنى ئاكتىپلاپ بېرىش مۇلازىمىتىنى قىلىپ بېرىمەن، بۇمۇ ئورگان تەرەپدىن ئاكتىپلاش ئۇسۇلىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، سېستىمىنى ھەقىقىي نەشىرگە ئوخشاش ئىشلىتەلەيسىز، ئەمما سېستىمىنى قايتا قاچىلىسىڭىز ئىناۋەتسىز بولۇپ كېتىدۇ. لېكىن 魔方 ناملىق پروگراممىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاكتىپلاش ئۇچۇرىنى زاپاسلاپ، سېستىمىنى قايتا قاچىلىغاندا ئەسلىگە ئەكەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئەينى چاغ مەن ئەۋەتكەن ئېلخەت ئۇچۇرى، ۋە ئەينى چاغ ئاچقۇچ تاپشۇرۇۋېلىشقا ئىشلەتكەن ئېلخەت ئادرېسىنى ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەن ھالدا تۆۋەندىكى ئېلخەت ئادرېسىغا ئەۋەتىپ بېرىڭ ۋە 761250477 ناملىق چ چ نومۇرۇمنى قاچىلاڭ:
uyghurbeg@outlook.com
3. ئۇيغۇربەگنىڭ ھەقلىق ئۇسلۇبلىرىنى تەلەپ قىلىش
خالىسىڭىز ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى تەمىنلىگەن خالىغان ھەقلىق ئۇسلۇبنى تەلەپ قىلسىڭىز بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئىشلەتمەكچى بولغان ئۇسلۇب چۈشەندۈرۈلگەن ئادرېس، ئەينى چاغ مەن ئەۋەتكەن ئېلخەت ئۇچۇرى، ۋە ئەينى چاغ ئاچقۇچ تاپشۇرۇۋېلىشقا ئىشلەتكەن ئېلخەت ئادرېسى شۇنداقلا ئۇسلۇبنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا ئىشلىتىدىغان ئېلخەت ئادرېسىنى ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىگەن ھالدا تۆۋەندىكى ئېلخەت ئادرېسىغا ئەۋەتىپ بېرىڭ:
uyghurbeg@outlook.com
4. كەچۈرۈۋېتىش
ناۋادا مېنىڭ يامان نىيەتتە بۇنداق قىلمىغانلىقىم كاللىڭىزدىن ئۆتۈپ ۋە ياكى يۇقارقى مۇلازىمەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى لازىم بولمىسا، چىن كۆڭلۈڭىزدىن كەچۈرۈۋېتىشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن…
ئالاھىدە ئەسكەرتىش
تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ئۇيغۇربەگ ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ:
1. ئاچقۇچ كودىنى ئۇيغۇربەگدىن ئالمىغانلار؛
2. مۇشۇ يىل 18-يانۋاردىن 28-ئاپرېل ئارلىقىدا مېنى ئىزدەپ ئىتىبار نومۇرى ئارقىلىق ئۆز نامىغا ئالغانلار؛
3. بولتۇرقى يىلنىڭ ئاخىرىدىن مۇشۇ يىل 18-يانۋارئارلىقىدا نومۇر ئالغانلار؛
4. مۇشۇ يىلى تۆتىنچى ئاي مەزگىلىدە مەن قايتىدىن نومۇر ئەۋەتىپ بەرگەنلەر؛
4. ھېچقانداق ئۇچۇر تەمىنلەپ بېرەلمىگەنلەر ياكى تەمىنلىگەن ئۇچۇرى مەن خاتىرلىۋالغان ئۇچۇرلار بىلەن ھېچقانداق ماس كەلمىگەنلەر؛
قوشۇمچە:
ئۇيغۇربەگنىڭ 761250477 دىن باشقا مۇلازىمەت QQ نومۇرى، 15622899182دىن باشقا تېلىفون نومۇرى يوق، مۇشۇ جەرياندا ئىشلىتىلگەن ئېلخەت ئادرېسلىرى بولسا: 761250477@QQ.com ۋە uyghurbeg@yahoo.com دىن ئىبارەت، پۇل تاپشۇرۇپ ئالغان ئالىپاي(جىپۇباۋ) ئادرېسىم بولسا: uyghurbeg@yahoo.com، كەمىنىنىڭ ۇقارقى ئۇچۇرلاردىن باشقا ئالاقە ئۇچۇرىدا مۇلازىمەت قىلىپ باقمىدى، ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىزلەر…