[ WordPress ئۇسلۇبى ] ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ سابىق ئۇسلۇبى – UB2
-
سەھىپە:WP ئۇسلۇبى
باھا:12 دانە
28-09-2013
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز بلوگداشلار، ئېسىڭلاردا بولغۇنۇدەك ۋە «ئۇيغۇربەگگە ئوغرى تەگدى، ھۇشيار بولۇڭلار ئەي بلوگداشلار…» بايان قىلىنغاندەك ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ سابىق تور نامى(www.Uyghurbeg.net) بۇلىنىپ كەتكەندىن كېيىن يېڭىدىن باشلايمەن دەپ ئۇسلۇبنىمۇ يېڭىدىن ياسىغان ئىدۇق، كونا ئۇسلۇبىمىز «UB2»نى سورىغانلارنىڭ كۆپلۈكىگە باقماي ساقلاپ قۇيۇۋەرگەن ئىدۇق، ئالاھەزەل بۈگۈنگە كەلگەندە مەزكۇر ئۇسلۇبنى چەكلىك مىقداردا ھەقلىق سېتىشنى قارار قىلدۇق…
ئۇسلۇبنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
1. ئۆزىمىزنىڭ ئىجادىي ئۇسلۇبى
2. كۆركەم ۋە پاكىز
3. كۆپ ئىقتىدارلىق( بلوگدا بولۇشقا تىگىشلىك زۆرۈر ئىقتىدارلاردىن باشقا، باشقا بلوگلاردا يوق، ئۆزىمىز قوشۇۋالغان نۇرغۇن ئالاھىدە ئۈنۈملىرى بار)
4. ئېلان ئورنى جايلىشىلغان
5. ۋەھاكازالار…
ئۇسلۇب كۆرگەزمە رەسىمى
ئۇسلۇبنىڭ تولۇق كۆرۈنۈشى ۋە ئىقتىدارلىرىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن بۇ يەردىن كېرىڭ:
ئۇسلۇبنى سېتىۋېلىش
مەزكۇر ئۇسلۇبنىڭ باھاسى: 150 يۈئەن؛
چۆپقەتلىمىزگە 50 يۈئەن ئېتىبار بىرىپ 100 يۈئەنگە تەمىنلەپ بېرىلىدۇ.
سېتىۋېلىش ئادرېسىمىز: https://me.alipay.com/uyghurbeg
يۇقارقى ئادرېسقا كىرىپ پۇل سالغاندىن كېيىن، بىز بىلەن ئالاقە قىلىپ پۇل سالغانلىق ئۇچۇرىڭىزنى ۋە ئېلخەت ئادرېسڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئۇسلۇبنى ئېلخەت ئارقىلىق سىزگە يەتكۈزۈپ بېرىمىز.
مەزكۇر ئۇسلۇبدىن كىرگەن كىرىم پات يېقىندا قۇرۇلماقچى بولغان «ئۇيغۇربەگ خەتلىك فىلىملىرى» گۇرۇپپىسىنىڭ تور نامى، بوشلۇق ۋە باشقا چىقىملىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تورغا كۆپ چىقىشقا قادىر بولۇپ بولالمىغاچ ئۇسلۇبنى ئۆزگەرتىش ئىشلىرىنى قىلىپ بېرەلمەيمىز، ئەمما ئۇچرىغان مەسىلىلىرىڭىز بولسا سۆز قالدۇرۇپ قويسىڭىز تىز سۈرئەتتە جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمىز.